نە سەۋەپ ۋۇجۇدۇم تىترەيدۇ تىنماي،
مەيلى سەن كەتمەكچى بۇلساڭ كېتىۋەر
مۇڭلىنىپ قالغاندا نېچۇن يىغلىماي ،
مەيلى سەن كەتمەكچى بۇللساڭ كېتىۋەر .
...........................................
يۇقالدىم قەلبىڭدىن بۇلوپ <<مىڭ دانە >>
سۆيگۇگە يېلىنىپ بۇلسام دىۋانە ،
ئۆلمەسمەن قالغانغا يەككە-يىگانە،
مەيلى سەن كەتمەكچى بۇلساڭ كېتىۋەر
.................................................
ينىمدا يۇرگىنىڭ تەسەللى ئىدى ،
سەن كەتتىڭ يۇقالدى سۇيگۈنىڭ ھىدى .
يۇرىكىم سەن ئۇچۇن كۆيگەن چۇغ ئىدى
مەيلى سەن كەتمەكچى بۇلساڭ كېتىۋەر .
.............................................
سۆزلىمەي ئازاپتايىغلىغىنىمنى
غەم -قايغۇ قۇچاقلاپ يۇرگەنلىرىمنى
نە قىلاي ئارتۇقچە كۇتۇپ مەن سېنى
مەيلى سەن كەتمەكچى بۇلساڭ كېتىۋەر.
..
مەنبە :ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى ئاپتۇرى:رىھىمجان ھېزىم