باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 683 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەرجىمە ھىكايىلەر  
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-09-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 01:08

تەرجىمە ھىكايىلەر  

تەرجىمە ھىكايىلەر

1.مايمۇنلار
(لىياڭ شىياۋشېڭ)
         باغچىدىكى قەپەستە بىر توپ مايمۇن تۇراتتى.ئۇلارنىڭ قەپەستە سولاقلىق تۇرغىنىغا زادى  قانچىلىك ۋاقت بولغىنىنى ھېچكىممۇ بىلمەيتتى.
    قەپەس دېيىلگىنى-ئەمەلىيەتتە تورسىمان يوغان ئۆي بولۇپ،مايمۇنلارغا ئۇنىڭ ئىچىدە نىسبەتەن يېتەرلىك بولغان ھەرىكەت قىلىدىغان ماكان شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلگەن،ئۇنىڭ ئىچىدە مايمۇنلار ئەركىن ھالەتتە يۈرەلەيتتى.لېكىن،قەپەس ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ  ئۇ يەنىلا  قەپەس،ئورمان ئەمەس.
       بۇ قەپەسنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تۈپ ياۋا مېۋە دەرىخى بارئىدى.ئۇ دەرەخنىڭ غولى قەپەس ئىچىدە،شاخلىرى بولسا قەپەس سىرتىدا،ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا قەپەسنىڭ تۆمۈر سىملىرىنىڭ يۇقىرىسىدا ئىدى.مايمۇنلارنىڭ  تولا يامىشىپ يۈرۈپ سويۇۋېتىشى سەۋەبىدىن دەرەخنىڭ قەپەس ئىچىدىكى غول قىسمىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ قوۋزاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن،شۇنداقتىمۇ بۇ ياۋا مېۋە دەرىخى ھەرئەتىياز پەسلىدە چېچەك ئېچىپ،كۈزدە مېۋە بېرەتتى.
        مايمۇنلار ئارىسىدا يۇقىرى- تۆۋەنلىك ،دەرىجە جەھەتتە پەرق بارئىدى.ئالاھىدە ھوقۇق ۋە كۆپچىلىك ئېتراپ قىلىدىغان سالاھىيەتنىڭ بولۇشى مېۋىگە كۆپرەك ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى .دەرەخ غولىنىڭ يۇقىرىسىغا يامىشىپ چىقىپ ،قولىنى تور تۆشۈكلىرىدىن سىرتىغا چىقىرىپ سىم تورنىڭ ئۈستى قىسمىغا چۈشۈپ قالغان بەزى مېۋىلەرنى ئالغىلى بولاتتى.شۇنداقتىمۇ پەقەت ئاز سانلىق مايمۇنلارلا ئاندىن دەرەخ غولىنىڭ ئەڭ يۇقىرى(قەپەس ئىچىدىكى)قىسمىغا يامىشىپ چىقالايتتى،بۇ ئاز سانلىق مايمۇنلارنىڭ ئەڭ ئالدى مايمۇن شاھى،ئاندىن قالسا مايمۇن شاھى ئەتىۋارلايدىغان يېقىنلىرى،ئاندىن قالسا ،كۈچلۈك،باشقىلار بىلەن ئۇرۇشالايدىغان مايمۇنلار.شۇنداق قىلىپ بۇ ياۋا مېۋە دەرىخى قەپەس ئىچىگە سايە تاشلاپ تۇرۇشتىن سىرت،يەنە بىر ھېسابتا مايمۇنلار ئارىسىدا تەڭسىز لىكنى  كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالغانتى.شۇنىڭ بىلەن مايمۇنلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك،بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىش،ئۆزئارا تالىشىش،بىر-بىرىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈش....ئەھۋاللىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.پۈتكۈل قەپەس ئىچى دۈشمەنلىك-ئۆچمەنلىككە،جېدەل-ماجراغا تولدى.
        تۇيۇقسىز،قەپەس تەرەپتىن يەنە ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.يېڭىدىن كەلگەن باشقۇرغۇچى خادىم ئالدىراپ قەپەز تەرەپكە ماڭدى.
        مايمۇنلار قەپەستە «كەسكىن ئۇرۇش»ئېلىپ بېرىۋاتاتتى،كونكېرتراق ئېيتقاندا ،قەپەستىكى ھەممە مايمۇنلار ئەمەس.زور كۆپ ساندىكىلىرى ئېگىز-پەس سەكرەپ-تاقلىشىپ،چىرايلىرىنى ھەرقىسما  قىلىپ چىشلىرىنى چىقىرىشىپ ،ئۆزلىرى تەۋە بولغان «گورۇھ» كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئارقىسىدا ھەيۋە كۆرسىتىپ تۇرىشاتتى.،ھەرئىككى تەرەپتىن بىرنەچچە «پالۋانلار» راستلا بىر-بىرنى چىشلەپ-تارتىشىپ پومىداقلىشىپ كەتكەنتى.بۇنداق چاغدا مايمۇنلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ياۋۇز تەبئىيتىنى ئاشكارىلايتتى.قارشى تەرەپنىڭ ئەجەللىك يىرىنى چىشلىۋالسا ھەرگىز بوش قويىۋەتمەي قاتتىق تۇتۇشاتتى،ھەتتا شۇنداق ھالەتتە ئۆلسىمۇ قويىۋەتمەيدىغان ئەلپازدا ئىدى.
       ياش باشقۇرغۇچى خادىم بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغىنىدىن ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.
       بىر قول يەڭگىل ھالدا ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى،ئۇ-پېشقەدەم باشقۇرغۇچى ئىدى.
      پېشقەدەم باشقۇرغۇچى قەپەس ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قاراپ ئالدىرىماي-تېنىمەي سالماقلىق بىلەن ئېيتتى:«ياخشى ،ناھايىتى ياخشى.بىزگە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوق.مېنىڭ قولۇمدىكى بۇ جاراھەتنى كۆردۈڭمۇ؟مايمۇن يارىلاندۇرغان. نەچچە يىللار ئالدىدا بۇ مايمۇنلار توپى ئارىسىدا  شۇنداق ئالاھىدە بىر مايمۇن شاھى بولغان.شۇنداق،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ  ئالاھىدە مايمۇن شاھى ئىدى.ئۇ ماڭا ھۇجۇم قىلغان،چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى يامان كۆرەتتى.نېمىشقا؟چۈنكى ئادەملەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ توپىدىكى مايمۇنلارنى تۇتۇپ كېلىپ قەپەسكە سولاپ ئادەملەرنىڭ كۆزگەزمە بويۇمى قىپ قويغان.ئۇ ماڭا ھۇجۇم قىلىپ مەندىن قۇتۇلىۋالسىلا ئۆز شېرىكلىرىنى باشلاپ قەپەستىن ئايرىلىپ ئورمانلىققا كېتىۋالالايمەن دەپ بىلگەن بولسا كېرەك. بۇ ئۇنىڭ ئىزچىل ئورمانلىقتىكى ئەركىن-ئازادىلىككە ئىنتىلىدىغان مايمۇن ئىكەنلىكى چۈشەندۈرىدۇ،مەن ئۇ مايمۇن شاھقا تولىمۇ قايىل . قارىغىنا قەپەستىكى مۇنۇ بىچارىلەرگە،ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنداق مايمۇننىڭ يەنە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشپ ،تالىشىپ-چىشلىشىپ جېدەللىشىپ يۈرىشى پەقەتلا قەپەس ئىچىدە ئازراق ئورۇن-مەرتىۋىگە ئېرىشىش،خالاس.نەچچە يىللار ئىلگىرىكى ھېلىقى مايمۇن شاھنىمۇ ئۇنىڭ مۇشۇنداق ھەمراھلىرى چىشلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.مەن ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تۈپەيلى ،مۇشۇ باغچا ئىچىدىن ياخشى بىر جاي تاللاپ ئۆز قولۇم بىلەن كۆمۈپ قويغان....»
      مايمۇن شاھدىنمۇ قاۋۇلراق بولغان بىر مايمۇن مايمۇن شاھىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويدى.مايمۇن شاھىنىڭ بوينىدىن ساقىپ چۈشىۋاتقان قانلارنى كۆرۈپ ياش باشقۇرغۇچى يەنە قاراپ تۇرىۋېرىشكە تاقەت قىلالماي بېشىنى بۇرىۋالدى......
«ھازىر ئۇلار ئۆزئىچىدىن دۈشمەنلىشىۋاتىدۇ،ئۇلار قانچىكى مۇشۇنداق قىلغانسىرى،بىز شۇنچىكى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇلارنىڭ تەڭرىسىگە ئايلىنىمىز.بىزگە نىسبەتەن بۇ بىر ياخشى ۋەزىيەت،ھەقىقەتەن ياخشى ۋەزىيەت.....»
     غەلىبە قىلغان مايمۇن-ئەلۋەتتە ،يېڭىدىن شاھ بولغان مايمۇن- تولىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەنتى.ئۇ تېزلىك بىلەن دەرەخ غولىنىڭ ئۈستى قىسمىغا يامىشىپ چىقىپ،يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن  قايتىپ چۈشتى،چىقىپ چۈشكەچ بىلىكىنى سوزۇپ سىم تور ئۈستىدىكى مېۋىلەرنى ئېلىپ  ئۆزىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىقىشىغا تۆھپە كۆرسەتكەن «ھەمدەمچىلىرى»گە تارقىتىپ بېرەتتى.مويلىرىدا ئۆز ھەمراھلىرنىڭ قېنى قالغان مايمۇنلار بولسا دەرەخ غولىنى چۆرىدىشىپ خۇشلۇقتىن  قىن-قېنىغا پاتمىغان ھالدا يۈزلىرىدە شەرەپ جىلۋىسى ئىپادىلەپ سەكرىشەتتى.قوللىرىدىكى مايمۇن شاھى «ئىنئام قىلغان»مېۋىلەرنى چىشلىشىپ،دەرخكە يامىشىپ،خۇددى تازقارا لار ئېگىز-پەس دەرخ شاخلىرىنى ماكان قىلىپ  قونۇپ تۇرغاندەك،ئېگىز-پەس دەرەخ شاخلىرىدا زوڭزىيىشىپ ئولتۇرىشاتتى......
     شۇنىڭ بىلەن ھايۋاناتلار باغچىسىدا،قەپەستە،بۇ بىر تۈپ قېرى دەرەخ يەنە بىر قېتىم ھوقۇقدار(مايمۇن شاھ)ئالماشتۇرغان بولدى.
    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ مايمۇنلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ شۇ ئاددىي كاللىسىدا ئورمانلىق ئۇقۇمى قالمىدى،ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئۇقۇمى بولسا ئاللىبۇرۇن يوقىغانىدى.





2. ۋارىئاتسىيە
(ئەن يوڭ)
  
داۋېدنىڭ قويى مېنىڭ بۆرىچىقىمنى يەۋەتتى.
   داۋېدنىڭ قويى مېنىڭ بۆرىچىقىمنىلا ئەمەس،ھەتتا داۋېدنىڭ ئۆزىنىمۇ يەۋېتىپتۇ......
   بەش يىل مۇقەددەم،بىر خەۋەرچى كەپتەر مېنىڭ قورۇقىمغا چۈشتى.مەن قورسىقىم كۆپۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا  چىداپ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوۋ ئىتىمنى ئۆلتۈرۈپ كەپتەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرىپ ،بىرئېغىز تىللىۋالدىم،ئاندىن داۋېدنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن خېتىنى ئالدىم.داۋېدنىڭ بۇ كەپتىرىمۇ بەك  ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى،يا دان-قوناق دېگەنلەرنى يېمەيدۇ يا قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەيدۇ،پەقەت گۆشلا يەيدۇ.مۇشۇنى دەپ مەن نەچچە يىللاردىن بېرى ھەرئىككى ئايدا دېگۈدەك بىردىن ئوۋ ئىتىمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ بېرىۋاتىمەن.
   داۋېد خېتىدە مېنى  بىللە ئوۋغا چىقىشقا تەكلىپ قىلغانتى.
   مەن ئورمانلىقتا ئىككى كۈن مېڭىپ ئاندىن داۋېدنى بايقىدىم-ئاۋۋال ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماي پۇرىقى بۇرنۇمغا پۇرىدى،ئارقىدىن يوغانباش بىر ئاتقا مىنىپ تۇرغان يۈزلىرى گۆشلۈك،قۇلىقى يوغان  گۆشخور داۋېدنى كۆردۈم.داۋېد مېنى كۆرۈپ:«ھە ئوتخور،سەن تېخى ھاياتما؟»دېدى،مەن ئۇنى گېپىگە پەرۋا قىلماي،ئالدىدا تاغقا قاراپ ماڭدىم.
    بىز ئۇ ئوۋدا بىر قوزا بىلەن بىر بۆرە كۈچۈكىنى تۇتۇپ كەلگەنتۇق.داۋېد ماڭا چوقۇم بۆرە كۈچۈكىنى ئالغىن دەپ تۇرىۋالدى،ئۇنىڭ دېيىشىچە بۆرە كۈچۈكىنىڭ جۇغى قوزىنىڭكىدىن چوڭراق بولۇپ بىر ھېسابتا ماڭا ئېتىۋار قىلغىنى بوپ ھېسابلىنىدىكەن.مەن ئۇنىمىدىم:«بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟بۆرە دېگەن گۆشخور تۇرسا،لېكىن مېنىڭ قورۇقۇمدا پەقەت بامبۇك ۋە باشقا ئوت-چۆپلەرلا بار،گۆش يوق». مەن تېخى گېپىمنى دەپ بولالماستا داۋېد ئېتىغا مىنىپ كېتىپ قالدى.ئۇ ئەزەلدىن مۇشۇنداق مىجەزلىك ئادەم ئىدى.نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ئىلىپ كەتكەن ھېلىقى قوزا ئۇنى يەۋېتىپتۇ.
    بۇ بۆرە كۈچۈكى بېشىمنى تازا  قاتۇردى،قورۇقۇمدا مەن بىر ھېسابتا بەدىنىدە گۆش دىدارى بار مەخلۇق بولغاندىن تاشقىرى بىرمۇ ھايۋانات يوق ئىدى.مەن ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈپ بۇ بۆرە كۈچۈكىنى بېقىپ يۈرمەسمەن؟! ئۇنداقتا ئۇنى زادى نېمە بىلەن بېقىش كېرەك؟
   مەن بىرئاز يۇمران بامبۇك نوتىسى ئۈزۈپ كېلىپ ئېغىزىمغا سېلىپ يۇمشاق چايناپ ئېلىپ ئۇنىڭغا يېگۈزدۈم.ئۇ بىرىنچى كۈنى يېگىلى ئۇنىمىدى،ئىككىنچى كۈنىمۇ يېمىدى،ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلەيلا دەپ قالغانتى.«ناۋادا ئۇ يەنىلا يېمىسە،ئەتە ئەتىگەنگىچە ئېنىقلا ئۆلۈپ قالىدۇ»دەپ ئويلىدىم مەن.شۇ كۈنى كېچىدە مەن ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش نىيىتىدە ئاستالا قەپەس تۈۋىگە كېلىپ قارىسام ئۇ بامبۇك نوتىلىرىنى ئاستا-ئاستا چايناپ يېگىلى تۇرۇپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ بۆرە كۈچۈكى بامبۇك نوتىسى يېيىشكە باشلىدى.،كېيىنچە ئۇ يەردىكى يېڭىدىن ئۈنۈپ چىقققان يۇمران مايسىلارنىمۇ يەيدىغان بولدى.ئۇ تولىمۇ ساغلام،قاۋۇل چوڭ بولدى.تەبئىيتى بولسا شۇنداق مۇلايىم،بەزى-بەزىدە قويغا ئوخشاش مەرەپ قوياتتى،شۇنداق يۇۋاش. مەن ئۇنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغانتىم،ھەتتا ئۇنى، قاچان قويغا ئوخشاش سۈت بېرەر،دەپ قالىدىغان بولدۇم.
   بىرنەچچە يىلدىن بېرى،داۋېدنىڭ ھېلىقى كەپتىرى ئىككى ئايدا بىرقېتىم دېگۈدەك خەت ئەكىلىپ تۇراتتى.ھەرقېتىم كەلگىنىدە ئۇنىڭ بوينىغا بىر كىچىك خالتىچە ئېسىقلىق بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە گۆش پارچىلىرى بولاتتى. داۋېدنىڭ دېيىشىچە،ئۇنىڭ ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە ھېلىقى قوزىچاقمۇ گۆش يېيىشكە كۆنۈپتۇ ۋە بارغانسىرى ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىتلىرىنى يەپ بوپتۇ.ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتىدە داۋېد  پەقەت «تېز كەل!»دېگەن ئىككىلا خەتنى يېزىپ ئەۋەتىپتۇ.
    مەن بۆرىچىقىمنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتىم.نەچچە كۈن يول يۈرۈپ گۆشخور داۋېدنىڭ تەۋەلىكىگە كەلدۇق.يەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە دېگۈدەك ئاپئاق سۆڭەك پارچىلىرى تاشلاپ قويۇلغانىدى.مەن داۋېدنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ«داۋېد!»دەپ ۋارقىرىدىم.ھېچبىر سادا چىقمىدى..مەن تۇيۇقسىز يەردە  ئادەم شەكىللىك سۆڭەكنىڭ تۇرغىنىنى كۆردۈم،ئۇنىڭ يېنىدا  كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇق  يېغىپ تۇرىدىغان بىر قوي تۇراتتى.قارىغاندا مەن كېچىكىپ قالغاندەك قىلاتتىم. مۇشۇ چاغدا،مېنىڭ بۆرىچىقىم بىر ئەخمىقانە ئىش قىپ قويدى-ئۇ دوستانە ھالەتتە ھېلىقى قوينىڭ قېشىغا باردى.ئۇ قوي بۆرىدەك  ئېتىلىپلا  مېنىڭ بۆرىچىقىمنى بېسىۋېلىپ بىر چىشلەپ ئۇنىڭ بوينىنى ئۈزىۋەتتى.
  مەن ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ ئالدى-ئارقىمغا قارىماي قاچتىم.
  ئون نەچچە چاقىرىمچە يۈگۈرگەندىن كېيىن  مەن توختاپ ،جايىمدا تۇرۇپ يىغلىدىم.مەن بىر پاكىتنى ھېس قىلغانتىم:داۋېدنىڭ قويى مېنىڭ بۆرىچىقىمنى يەۋەتتى،داۋېدنىڭ قويى مېنىڭ بۆرىچىقىمنىلا ئەمەس،ھەتتا داۋېدنىڭ ئۆزىنىمۇ يەۋېتىپتۇ.




3.ئىنسانىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى
(ما شىن تىڭ)
  
  بىز كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇشقا باشلىدۇق،لېكىن ئانامنىڭ خورسىنىشلىرى ئەكىسچە كۈندىن-كۈنگە  كۆپىيىشكە باشلىدى.چۈنكى بىز ئاكا-ئۇكا.ئاچا-سېڭىللار ھەممىمىز يەرتېرىش كىيىم تىكىش،تاماق ئېتىش دېگەندەك ئىشلارنى بىلمەيتتۇق.«سىلەر كېيىن قانداق ياشايسىلەركىن دەيمەن»ئانام دائىم شۇنداق دەيتتى.بىز دېيىشىۋالغاندەكلا:ۋاقتى كەلگەندە ئامال دېگەن تېپىلىدۇ،دەيتتۇق.
    كېيىن،ئانام بىزدىن ئايرىلىپ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالدى،ئۇ كېتىش ئالدىدىمۇ بىزنىڭ غېمىمىزدە،ئەندىشە بىلەن كەتتى.لېكىن ئۇنىڭ ئەندىشىلىرى ھېچنىمىگە دال بولمىدى.ئانامنىڭ شۇ چاغدىكى ھەسىرەتلىك ھالىتىنى ھازىر ئويلىساممۇ ئازابلىنىپ كېتىمەن.
    ئەمدى ئويلاپ باقسام ئانامنىڭ ئەنسىرەشلىرى ئارتۇقچىكەن.گەرچە بىز يەرتېرىپ،كىيىم تىكىپ، تاماق ئېتىشنى بىلمىسەكمۇ لېكىن بىز پۇل تاپالايمىز.بىز كېيىۋاتقان كىيىملەرنىڭ ھېچقايسى بىرى ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن پۈتكەن ئەمەس،تاپىنىمىزدىن چوققىمىزغىچەكىيىۋاتقىنىمىزنىڭ  ھەممىسىنى پۇلغا سېتىپ ئالغان،نېمىنى كەيگىمىز كەلسە شۇنى سېتىۋالىمىز.سودا سارايلاردا كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك كىيىم-كېچەكلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ؛يەۋاتقان تامىقىمىزمۇ ھەم،ھېچقايسى بىرى ئۆزىمىز قول سېلىپ تەييارلىغىنى ئەمەس.يېگەن-ئىچكەننىڭ ھەممىسى پۇلغا سېتىۋالغان نەرسىلەر.كوچىلاردا تاللا بازارلار،ئاشپۇزۇل-رېستوران،مەيخانىلار قاتار-قاتار تۇرۇپتۇ،بىر-بىرىدىن ھەيۋەتلىك.
    تەقدىرنىڭ قىسمىتىدە ھەرخىل ئىشلار بوپ تۇرىدۇ.ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،يەنە 10كۈندىن كېيىن ئىنسانىيەت 100-ئەسىرگە قەدەم قويىدىكەن،يەرشارى 100-ئەسىرگە كىرگەن ئەشۇ ۋاقىتتا پارتلاپ كېتەرمىش.بۇ، ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغىنىدەك،ئاخىرلىشىش نۇقتىسىمۇ بولىدۇ،دېگەن تەبىئەت قانۇنىيتىگە ماس كېلىدىكەن.
    بەختكە يارىشا،ئىنسانىيەت نەچچە ئون يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بىپايان كائىناتتا يەرشارىغا ئوخشايدىغان بىر تاشقى پلانېتا  بايقاپ ئۇنىڭغا «يېشىل شار» دەپ نام بېرىپتۇ.ئەمما يەرشارىدىكى ھەممىلا ئادەم يېشىل شارغا بارالمايدۇ-دە،پەقەت ئىنتايىن ئاز  ساندىكى پۇلدارلارلا  ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ باشقا پلانېتاغا چىقىدىغان غايەت زور مىقداردىكى چىقىمنى كۆتۈرەلەيدۇ.دۇنيا بەزىدە شۇنداق تەڭسىز،ئىش قىلغانلار پۇل تاپالمايدۇ،پۇل تاپالىغانلار ئىش قىلمايدۇ.
   تەلەيگە،مېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىممۇ ئاشۇنداق پۇلدارلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولغاچ،يەرشارى ھالاك بولۇشنىڭ ئالدىدا ئالدىرا-تېنەپ يېشىل شارغا بېرىۋالدى.
دەسلەپتە،كۆپچىلىك شۇنداق ھاياجانلاندى.ئۇلاريەرشارى پارتلىغان مەنزىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشتى-«پوڭ»ڭىدە قىلغان غايەت كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ ،ئاسمان گۆمۈرۈلۈپ يەر ئولتۇرۇشۇپ زەڭگەررەڭ يەرشارى قۇياشقا ئوخشاش ئوت شارىغا ئايلىنىپ ،چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا كۆزدىن غايىب بولدى. ئۇلار يېشىل شاردا تۇرۇپ قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كەتكەنلىكتىن بۇتتەك قېتىپ قاراپ قېلىپ خېلى ئۇزۇندا ئەسلىگە كېلىشتى.ئۇلار ئەسلىرىگە كېلىشكەندىن كېيىن تەنتەنە قىلىشتى-ئۇلار ئون مىليارد ئادەمنىڭ ئچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ھايات قالغۇچىلار ئىدى.
    ئەمما ياخشى كۈن ئۇزاققا بارمىدى،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراشقا باشلىدى.چۈنكى كۆپچىلىك يەرشارىدىن ئېلىۋالغان يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەكلەرنى ئىشلىتىپ تۈگىتىپ قويغانىدى.تېخىمۇ تەس بولغىنى،بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۇلدارلار-بەزىلىرى باشقىلارغا بۇيرۇق قىلىشنىلا بىلىدىغان ئەمەلدارلار،بەزىلىرى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي گەپ قىلىشنىلا بىلىدىغان ناتىقلار،بەزىلىرى قەرز ھۆججەتلىرى،تالۇنلار بىلەنلا ھەپىلىشىدىغانلار،بەزىلىرى جاھان كېزىپ ئويۇن قويىدىغانلار،بەزىلىرى كۆزبوياپ ئالدامچىلىق قىلىدىغانلار......ئىشقىلىپ ھەممە ساھەدىن كەسىپ ئەھلىلىرى دېگۈدەك بار،پەقەت شۇ يەرتېرىپ ئاشلىق ئۆستۈرۈشنى،تاماق ئېتىپ كىيىم تىكىشنى بىلىدىغانلارلا يوق ئىدى.ئۇلار ئېلىۋالغان  كومپىيۇتېر،تېلېفون،تېلېۋىزور،ھاۋا تەڭشىگۈچ،كىرئالغۇ ، ئالتۇن-كۈمۈش ئۈنچە-مەرۋايت،ماشىنا،ئاسار-ئەتىقە رەسىم،ساھىبجامال قىزلار......دېگەنلەرنى يېگىلى،ئىچكىلى،كىيگىلى بولمىغانلىقتىن ئاقىۋەتتە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر دۆۋە كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.
   ئۇلاردا يېگۈدەك،ئىچكۈدەك،كىيگۈدەك راستلا ھېچنېمە قالمىدى.
   ئاچلىقتىن قىينىلىپ جان ھەلقۇمغا يەتكەندە ئۇلار ئامالسىز ئوت-چۆپلەرنى،دەل-دەرەخلەرنى ،ياۋامېۋە،خام بېلىق،ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشكە باشلىدى......ئۇزۇن مەزگىل خام سۇ ئىچىپ،يېمەكلىكلەرنى خام يېگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئۇزۇن مويلار ئۆسۈپ چىقىتى،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلار تۆت پۇتلاپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان «ئادەمسىمان مايمۇن»دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارغا ئايلاندى.
   نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار تاش قوراللارنى ئىشلىتىپ ئوۋ ئوۋلاشنى بىلدى.
   يەنە نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئوتنى بايقىدى.
   يەنە نەچچىلىگەن ئەسىرلەردىن كېيىن ئۇلار ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى......

جۇڭگو 2007-يىللىق نادىر ھىكايىلەر توپلىمى(231-بەتتىن  240-بەتكىچە)دىن تەرجىمە قىلىندى.

نېمە؟نەدە؟قاچان؟
مەن ھامان كۆزلىگەن نىشانمىغا يىتىمەن.ھامان يىتى& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7290
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-06-11

بەزى يازمىلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى راستىنلا خۇش قىلىدۇ بەزىدە
مەدرىس ئىسلام تور دۇنياسى ھەممىمزىنىڭ مەدرىسى.
ئادرىس:http://madris.net/
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-09-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 12:39

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
باشقۇرغۇچىلارغا:مەزكۇر تېمىنى مەن مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە ئەمەستىم،بۇ ئالدىنقى ئايدا تەرجىمە قىلىنىپ باشقا مۇنبەرگە يوللانغان تەرجىمەم ئىدى،كەڭساي مۇنبىرىگە يېڭى كىرىشىم،قۇرۇق قول كەلمەي دەپ قاراشتۇرۇپ مۇشۇنى ئالغاچ كېلىشىم،مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيتىگە ئۈلگۈرەلىسەم يېڭى تەرجىمە تېپىپ كىلەرمەن،ئۈلگۈرمىسە قالار،لېكىن بۇ تەرجىمە ئەسەر باشقا توربەتكە يوللىنىپ بولۇنغىنى،مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،ئۆزۈر سورايمەن
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 16:41

رەھمەت،،جاپا چىكىپسىز،،،،كەڭساي مۇنبىرىدە <ئىنكاس>بەك ئەتىۋارلىق،،،،كۇڭلىڭىزگە ئىىلىپ كەتمىگەيسىز،،،،،؟