بۇ ئېنەكنى ئۆلتىرەي!
ساتىرا
شۇكران(يوچۇن ئادەم)
سۈيلەپ كەپسەن قەرىزنى بىرەي دىسەم پۇلۇم يوق،
ھالىم بەتتەر شۇ قەدەر كېمنى ئىزلەي؟ يولۇم يوق،
كۆنۈپ قالدىم دەشنامغا ئۆيدە باققان قويۇم يوق،
ئەسكى تامغا مەن ئاشنا قاچالمايمەن خۇيۇم يوق،
بىرەلمەي قەرىزنى بەرمەسلىككە ئويۇم يوق.
<كېۋەز تېرا!> دىگەنتىڭ تېرىپ قويدۇم سۈيۈڭ يوق،
<قوغۇن تېرا!> دىگەنتىڭ ساتالمىدىم يولۇڭ يوق،
بۇغداي تېرىسام بولمىدى كۈندە يامغۇر <كۈلۈڭ!> يوق،
ئاستا ماڭدىم ئارقىدا يىتەكلەشكە <بولۇڭ!> يوق،
قەرىز دىسەڭ ئىزلىدىم <دادام قويغان تۇلۇم> يوق.
<باي بول!> دىدىڭ <چىلان> نى ئېلىپ كەلدىڭ يىراقتىن،
ئويلاپتىمەن < تىكىۋەتسەم! قۇتىلامەنمۇ پىراقتىن؟!!>
توكمۇ قاچتى ئۆيۈمدىن قۇتۇلماي <جىن چىراقتىن!>
<چىلان پۇلى> قۇشۇپتۇ ئەمدى بولسا قىناقتىن!
<بۇدا كىلىڭ!؟> دىيىشكە ھۆركۈتكىدەك ھۇلۇم يوق.
<يوق!> دىمەيمەن ئۆيۈمدە سېغىن بولغان ئېنەك بار،
كىچىك بالام سۈت ئېچەر <ئانىدا سۈت يوق> كېرەك بار،
بىلەكچىلە بولمىدى 10 يىل بولغان تېرەك بار،
<ئۆيۈم!> دەپلا پەرۋانە مەندەك گاداي زېرەك بار،
قاينايدىغان سۇ بولدۇم مانتا پىشار ھۆرۈم يوق.
سۈيلەپ كەپتۇ قەرىزنى تىزىرەك چىقاي، تىز بولاي،
خۇشامىتىم بەك قىزىق تۈگۈلۈپ داستخان سالاي،
<قۇلاق خۇشى قىلامۇ؟!> ناخشامغا سازىم چالاي،
<ئاچچىقلىنىپ قالامۇ؟!> تەكىرارلىدىم مىڭ تالاي،
پۇل بولسىلا بىرەتتىم، يىگىت ئىدىم سورۇم يوق.
<سۇ ھەققى، ئوغۇت، پوندەك...> دىيەلمەيمەن <مەن كۆرەي!>
بىرىۋاتىمەن يىلمۇ-يىل تۈگىمەيدۇ <نىمەبىلەي!>
تۈگىسىمۇ تۈگىگەندۇ < خۇدادىن ئېنساپ تىلەي!>
يالۋۇراي مەن داۋاملىق <بۇ ئېنەكنى ئۆلتىرەي!>
چاپۇ-چۇپپۇ ژۇڭلىرىم قاراپ باقساڭ مۇيۇم يوق.
2011-يىل 7-ماي
قەشقەر
[ بۇ يازمىنىxukran 2011-05-08 10:21قايتا تەھرىرلىدى ]