جىمجىت كىچە ئۇيقىغا پاتقاندا.
تولغۇنۇپ تولغۇنۇپ ئۆرۈلۈپ ياتماقتا،
ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ.
ياستۇقۇمنى ئۆز باغرىمغا باسماقتا،
ئوتللۇق لەۋلەرگە سۈيەيلا دىسەم.
تەستەك تەگدى يۈزۈمگە شۇئان،
تەرگە چۈمۈپ ئويغانسام چۆچۈپ.
قۇچىقىمدا تۈگۈلۈپ تۇرۇدۇ يوتقان،
شۇنچە تاتلىق مىنۇت ئەسلىدە .
ئازغۇن شەيتان چۈشى ئىكەن ھەم،
چۈشەندىم مەن شۇندا ھاياتنى .
دەس تۇردىميۇ قىينىدى ئەلەم،
ئەجەپ بولدۇم چۈشۈمدىمۇ بۇ كىچە .
شاتلىغىمدىن ھەسرىتىم خېلى ئارتۇق،
بىللە بولغان چاغلارنى ئەسلەپ.
سەنمۇ مەندەك ئۆرۈمسەن ياستۇق
تۇقاي يازمىلىرىدىن