مەيلى مۈلكۈم ھەم مېلىمدىن ئايرىلسام،
مەيلى بارار مەنزىلىمدىن ئايرىلسام.
مەيلى تۈندە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام،
ياق!ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام.
رازىمەنكى كېچىشكە ئۆزبەختىمدىن،
مەنسەپ ئابرۇي،تاجۇ تەختىمدىن.
ئەمما،كۈل بولىمەن ئۆرتىنىپ.
ياق!ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام،
تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇر ئەگەردە،
كۆمۈۋەتسە مېنى تىللايۇ زەركە.
ئانام بەركەن سۈت ئايلىنار زەھەركە،
ياق!ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام.
ئانا تىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك،
تىلىمنى بىرسى يۇلۇپ ئالغاندەك.
تۇيۇلىمەن ئۆزۈمگەبىر ھايۋاندەك،
ياق!ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام.
ئۇنتۇسام گەر ئانا تىلنى بىر زامان،
چايان بولوپ چاققاي مېنى پاك ۋىجدان.
ئاچ-زار قالغان كەبى كۆرمەيئاق نان،
ياق!ئۆلىمەن ئانا تىلىمدىن ئايرىلسام.
مەنبە..قازاقسىتانلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى