ئانا مىھرى چەكسىز
ئانا،سىزنىڭ قەلبىڭىز بىپايان دېڭىز.ئۇ بىزنى ھەممىگە ئېرىشتۈردۇ.سىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە بىز ئۈچۈن ئاشۇ دېڭىزدا ئۆزلىكسىز چايقىلىپ ئۈزىسىز.پەرزەنتىڭىزنىڭ ھايات قوينىدىكى شاۋقۇنلۇق، دېڭىزغا چۆكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،بارلىقىڭىزنى بېغىشلاپ تىنىم-تاپماي تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرغا ئۆزىڭىز ئۈزىسىز.
ئانا،سىزنىڭ پەرزەنىتلىرڭىزگە بولغان قەلىبىڭىزدىكى، چەكسىز بۈيۈك ئارزۇ-ئۈمۈتلىرڭىز،ئۈچۈن ھالىڭىزدىن كەتسىڭىزمۇ پەرزەنتىلىرڭىزگە ،ھالسىز تىنىڭىزنىڭ ئىڭراشلىرنىمۇ ئاڭلاتمايسىز،ئۆز جاسارىتىڭىز بىلەن ئانىلىق مىھرىڭىزدە كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىسىز.
ئانا،تاڭ سەھەر بولبۇلدەك سايراپ پىشانىمىزگە سۈيۈپ تۇرۇپ ئويغىتىپ،باللىقتىكى بۇ تاتلىق ھىس تۇيغۇلاردىن قانغۇدەك بەھرىمان قىلىسىز.
ئانا،قاتتىق يېغۋاتقان يامغۇر بورانلاردىن ،باللىرڭىزنى يامغۇرغا كۈللۈك ،بورانغا تۇساق بۇلۇپ ،شىددەتلىك چېقۋاتقان چاخماقلاردىن ئۆز جىسمىڭىز بىلەن تۇسىسىز.
ئانا،سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە ئاتىغان بۇ چەكسىز مىھرىڭىزگە دۇنيادا ھېچ نىمە توغرا كەلمەيدۇ،بىر ئۆمۈرئۆزڭىزنى بىز ئۈچۈن ئاتايسىز.ئازراقمۇ مىننەت قىلمايسىز،سىزنىڭ بىزگە سېڭدۈرگەن ئەجىر-مىھرىڭىز ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز.
ئارمانلىق كۆزلىرڭىز كۈلۈپ تۇرار،
مۇھەببەت لاۋۇلدايدۇ جىسمىڭىزدىن.
پەرزەنت ئۇتدا كۈيۈپ-سۈيدە ئېقىپ،
بىردەممۇ ئارام تاپمايسىز بىز ئۈچۈن.
تاڭ سەھەر كەلسە ھەر بىر كۈنلەر كۈلۈپ،
قۇشلاردەك ناۋا قىپ ئەتتىگەن تۇرسىز.
مىھنەتسىز باللار ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ،
ئوخشىتىپ تاماقلارنى تەييارلايسىز.
گۈھەردۇربىز ئۈچۈن بەرگەن مىھرىڭىز،
ئالامچە شاتلىق-بايلىقمىز سىز ئانا.
دۇنيادا سىز بولغاچ بەخىتتۇر بىزگە،
قانمايمىز مىھرىڭىزگە مەڭگۈ مانا.
ئىزىڭىزنى بويلاپ گۈل تاشلاي ئانا.
مىھرىڭىزدىن سۈينۈپ رەھمەت دەي ئانا.
ئىسىل خىسلەت خۇلىقىڭىزنى ئۈگنىپ،
بىر ياخشى ئايال ھەم بۇلاي ئانا.
مەنبە قەلىمىم