ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،بەلكىم بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتى بىلىدىغانسىز ،بىلمىسىڭىز بۇ يەردىن بىر سوم پىلانىنىڭ 5-يىللىق خۇلاسىسىنى كۆرۈڭ .
http://yolyar.muhtaj.biz/amma/show.asp?id=31ئەمدى شۇ مېھرىبانلىق پائالىيىتىگە باش بولغان ئەيساجان نىزامىدىن __--تور دۇنياسىدا «ئۈرۈمچىدە يىغلاپتۇ دادام »،«ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ »،«ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز »،«ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك »،«قۇچاقلىشىڭ يەنە بەكەرەك » ...قاتارلىق بىر تۈركۈم ساتىرىك شئېرلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان ،«ئەبجەش چۈش »كۆرىدىغان ساتىرىك شائىر wapadarim912 ،شەرەپ بىلەن 10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىپ ئالدىنقى 30نىڭ ئىچىگە كىردى ،ھازىر 30 نامزات ئىچىدىن 10نەپەر ئاخىرقى نامزاتنى تاللاش ئۈچۈن 14-چىسىلادىن 21-چىسىلاغىچە توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا .كەڭ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىغا كىرىپ wapadarim912 ئۈچۈن بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
بېلەت تاشلاش ئادرىسى :
http://www.tianshannet.com.cn/sp ... qnjz/node_86770.htm21-نومۇرلۇق نامزات ئەيساجان نىزامىدىن ،بىر ipدا بىر كۈندە 10 بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ ،بىر قېتىمدىلا كەينى كەينىدىن 10 بېلەت تاشلاپ قويارسىز .مېنىڭ ۋە سىزنىڭ بېلەت تاشلاپ قوللىشىمىز بىلەن بىر سوم پىلانى تېخىمۇ تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
بىلدۈرگۈ :
wapadarim912 قىسقىچە تەرجىمالى :
تۇغۇلغان ۋاقتى :1982-يىلى
يۇرتى :بورتالا
ئوقۇغان مەكتىپى ؛شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتىنى 2005-يىلى پۈتتۈرگەن ؛
ھازىر :بورتالا توك ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ .
نەتىجىسى :
1-توردا 2006-يىلى 4-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن ھەر كىمنىڭ ھەر ئايدا خالىس بىر سوم پۇل ئىئانىسىنى يىغىپ بۇ پۇللار ئارقىلىق قىيىنچىلقى بار ئوقۇغۇچى سىتۇدىنىتلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان 'بىر سوم پىلانى 'مېھرىبانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ھازىرغىچە جەمىئىي 44مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇل يىغىپ ھەر يۇرتلاردىكى سىتۇدىنىت- ئوقۇغۇچى بالىلارغا،ھەر قايسى يۇرتلاردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان بىمارلارغا ئىئانە قىلغان .ھازىر بىر سوم پىلانى 6-يىلىغا قەدەم قويدى .
2-توك خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىققان كىچىك يېڭىلىق ،كەشپىياتلىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن ھەم بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ 2009-يىللىق ياشلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ،2010-يىللىق سۈپەت كونتىرول قىلىش يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان .ھازىر يەنە كىچىك كەشپىيات ،يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن 3نى ياساپ داۋام ئېلان قىلىش ئالدىدا .(بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر دۆۋلەت پاتىنىت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىنماقچى )
شەرەپلىرى :
2010-يىلى 1-ئايدا دۆۋلەت ئېلىكتىر تورى شىركىتى بويىچە 10 مۇنەۋۋەر پىدايىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى .
2010-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئېلىكتىر سېستىمىسى بويىچە 10داڭدار ياش بولۇپ باھالاندى .
2010-يىلى 12-ئايدا ئىتتىپاق مەركىزى كومېتېتى تەرىپىدىن8 -نۆۋەتلىك جوڭگو ياش پىدايىلار مۇنەۋۋەر شەخىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
2011-يىلى 2-ئايدا بورتالا ئوبلاستى بويىچە 10مۇنەۋۋەر پىدايى بولۇپ باھالاندى .
2008-2009يىللىرى شىنجاڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شىركىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى ، ۋە ئىتتىپاق كادىرى بولۇپ باھالاندى .
ئالاقە مەنزىلى :
http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_137638.htm