باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5533 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 4/5     Go
تېما: تەسەۋۋۇپتىكى ئەھلى سۈننەت ئىماملېرى
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
30-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 12:46

جاھالەت تىرىلگەن دەۋر: ئاپپاق غوجا دەۋرى


1682-يىلى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ باشلىغى ئاپپاق خوجا (خوجا ھىدايىتۇللا) جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالداننىڭ ياردىمىدە يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئېگەللەپ،ئىسمايىل خاننى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ خوخىلار ھاكىميىتىنى تىكلىدى.شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن سۇلتان سەئدخان قۇرغان يەكەن سەئىديە خانلىقى(1541-1682)گۇمران بولدى يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ،يەكەن سەئىديە خانلىقىدا قار تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن. سۇلتان ئىسمايىل خان قارا تاغلىقلارنى قوللاپ ،ئاق تەاغلىقلارنىڭ كاتتابېشى ئاپپاق خوجىنى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقارغان. 1670-يىلى ئاپپاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن،دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىللىرىدە دىنى پالىيەت ئېلىپ بارغان.كېيىن شىزاڭغا بېرىپ دالاي لاما دىن مەدەت تىلىگەن. دالاي لاما ئاپپاق خوجىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن،شۇ چاغدىكى جۇڭغار خانى غالدانغا ئاپپاق خوجىغا ياردەم بىرىش توغرىسىدا غالدانغا خەت يازغان. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىن قايتىشىدا چىڭخەي، گەنسۇدىن ئۆتكەن. گەنسۇنىڭ سۇجۇ رايۇندىكى راھىپىمۇ ئاپپاق خوجىنى غالدانغا تونۇشۇترۇپ خەت يېزىپ بەرگەن. ئاپپاق خوقا بۇ خەتلەرنى ئېلىپ 1679-يىلى جۇڭغار خانلىقى ئوردىسىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا جۇڭغار خانلىقى خېلى قۇدرەت تاپقان،ئالدىنقى يىلى ياز ئايلىرىدا تۇرپان بىلەن قۇمۇلنى ھۆكۈمرانلىق دائىرسىگە ئالغان ئىدى.ئاپپاق خوجا غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭغا قەشقەر،يەكەنلەردە مۇرۇتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىگىنى،ياردەمگە ئىرىشسىلا ئاسانلا غەلبە قىلىشقا ئىشەنجىسى كامىل ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىمۇ جەنۇبى شىنجاڭنى تەسىر دائىرسىگە كىرگۈزىۋېلىشنى ئاللىبۇرۇنلا پىلانىغا كىرگۈزگەن ۋە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يەنەشۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى،غالدان ياش ۋاختىدا دالاي لاما غا
ئېتقات قىلىپ،بۇددا ئەقىدلىرىنى ئۈگەنگەن،تىبەتتە چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولغان. دالاي لاما ئۇنىڭغا «بوش خۇتۇغتۇ»دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇڭا ئۇ دالاي لاما نىڭ خېتى بويىنچە ئاپپاق خوجىغا ياردەم قىلدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بىر يىل تىيانشاننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
1680يىلى غالدان 12مىڭ ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ،ئاپپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاقسۇ،ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ،ئالدى بىلەن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.يەكەن خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانى باباق سۇلتان بىر مەھەل قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئاخىر مەغلۇپ بولۇپ جەڭدە ئۆلىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەكەنگە يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى مۇھاپىزەتچى قۇشۇن قوماندانى ئىۋەر بەگ تاقابىل تۇرۇپ باققان بولسىمۇ،ئاخىرى ھوجۇمنى توسالماي ئۆزىمۇ جەڭدە شېھىت بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەكەن سەئىديە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل خان مادارا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا خوجا ھىندىستانغا كىتىدۇ.ئىسمايىل خان شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ تەسلىم بولىدۇ.جۇڭغار قوشۇنى يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،ئىسمايىل خان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تابەتلىرىنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ،ئىلىدىكى ئىرەن قابۇرغا دېگەن جايغا نەزەربەنىت قىلىدۇ. غالدان دەسلەپتە تۇرپاندىن كەلگەن ئابدىرشىتنى يەكەن خانى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلى ئەرىك ئاقسۇغا ھاكىم بولىدۇ. ئاپپاق خوجا بولسا دىنى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ.لېكىن ئابدىرشىت بىلەن ئاپپاق خوجا ھوقۇق تالىشىپ قالىدۇ.ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولۇپ،دىنى كۈچكە تايىنىپ ئابدىرشىت خاننى چەتكە قېقىپ،1682-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئابدىرشىت خاننى يەكەندىن قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.ئەركنىمۇ غالدان ئىلىغا ئالداپ ئاپىرىپ تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا،ئاقسۇ،قەشقەر،يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ.ئاپپاق خوجا ئۆزى يە كەندە تۇرۇپ، چوڭ ئوغلى يەھيانى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىرىنىمۇ ئاپپاق خوجا ئۆزى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىئودال خوجىلارنىڭ ھاكىميەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىدۇ.بۇ ھۆكۈمرانلىق 77يىل داۋام قىلىدۇ.
ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن،جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ، جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ياخشىچاق بولىدۇ.غالدان ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كىتىش ئالدىدا،ئاپپاق خوجا ئۇلارغا نۇرغۇن مال-دۇنيا سوغا قىلىدۇ.يا لغۇز غالداننىڭ ئۆزىگە تۆت مىڭ سەر تەڭگە ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ھەر ئايدا شۇنچىلىك تەڭگە ئەۋەتىپ تۇرماقچى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە100مىڭ سەر تەڭگە،15مىڭ چارەك بۇغداي ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى تاپشۇردىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئاپپاق خوجا شىزاڭدىكى دالاي لاما نىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،لاسا غىمۇ تارتۇق يوللاپ تۇرىدۇ .غالدان ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ.
ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،يەكەن سەئىديە خاندانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى بىكار قىلىپ،دىنى قانۇن تۈزۈپ ھاكىميەت سورايدۇ.«قازى قۇززات»،«مىر ئادىل».«مۇھتەسىب» قاتارلىق ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلىپ،«شەرىئەت»،«تەرىقەت» ئاساسىدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزىدۇ.
ئاپپاق خوجا تەسەۋۇپچىلىقنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،سۇپىزىمنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.مازارغا تاۋاپ قىلىشنى يۇقۇرى دولقۇنغا چىقىرىدۇ. قەشقەر،يەكەن ،خوتەن،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ئىسھاقىيە مەزھىپىدىكىلەر بۇ قىرغىنچىلىقتىن پانالىنىش ئۈچۈن ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئاپپاق خوجا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە ئولپان-سېلىق تۆلەش ئۈچۈن،جەنۇبى شىنجاڭ خەلقىنى ئىكىسپۇلاتتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.مەسىلەن:يەر بېجى،چارۋا بېجى، باغ بېجى، ئوت-چۆپ بېجى،سۇ بېجى قاتارلىق 20نەچچە تۈرلۈك باج-سېلىق ئەمگەكچى خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. خوجىلارنىڭ فىئوداللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسەۋۇپچىلىقنىڭ ئاسارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ زور توسقۇن بولىدۇ.يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتى خېلى روناق تاپقان.قەشقەر،يەكەن قاتارلىق جايلاردا «خانلىق مەدرىس» گە ئوخشاش ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرى،دىن،ئەدەبىيات،تارىخ،ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرۇنۇميە) ،ماتىماتكا ۋە باشقا پەنلەرنى تەھسىل قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.ئىستانبول،ئىراق،ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دىن بىر مۇنچە كىشلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان.قەشقەردىكى تۈشۈكتاغ رەسەتخانىسمۇ خېلى داڭ چىقارغان ئىدى. ئاپپاق خوجا ھۆكۈمرانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، بۇ رەسەتخاننى بۇزدۇرۋەتكەن. ئىلىم-پەن يۇرۇتلىرىنى سۇپىزىمنىڭ ئىستىقامەت سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.«خانلىق مەدرىس»تە ساقلىنۋاتقان نەچچە 10مىڭ پارچە كىتاپ ۋە قوليازمىلارغا ئوت يېقىپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز كۆيدۈرگەن .نۇرغۇن ئالىملار،مەشھۇر زاتلار باشقا يۇرۇتقا قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر «ئاپپاق خوجا توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئېيىتقاندەك ،شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ جەميىتىنڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغان»خوجىلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ،مىللى زىدىيەت،سىنپى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى،فىئودال خوجىلارنىڭ زۇلمى ۋە ئىكىسپۇلاتاتسىيەسى دەستىدىن خەلقنىڭ غەزپى چېكىگە يەتكەن. مەزھەپلەر ۋە تۈرلۈك سىياسى كۈچلەرنىڭ كۈرشى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلگەن.1692-يىلى قارا تاغلىقلار جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى يىغلىغىدىن
پايدىلىنىپ قاغىلىق،پوسكام،يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا ئىسيان كۆتۈرگەن.بۇ ئىسيان تىزلىكتە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن. يەكەندىن باشقا جايلار ئاپپاق خوجىغا بوي سۇنمايدىغان بولىۋالغان. بۇ چاغدا غالدانغا بەيئەت قىلمىغانلىغى تۈپەيلى ئامما ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان مەمەت ئىمىن(ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇننىڭ ئاكىسى) ئاپپاق خوجىنى تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئاپپاق خوجا جۇڭغارلار كونتۇرۇل قىلپ تۇرغان قۇمۇل رايۇننىغا قېچىپ كىتىدۇ.لېكىن مۇھەممەت ئىمىن ئاق تاغلىقلار بىلەن غالدان قۇشۇننىڭ زەربىسىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئاپپاق خوجا يەنە تەخىتكە چىقىپ قارا تاغلىقلاردىن رەھىمسىزلىك بىلەن
ئىنتىقام ئالىدۇ.ئامما دىنى مەزھەپ كۈرشى يەنىلا بېسىقمايدۇ. قارا تاغلىقلاردىن شادى جوجا يەكەندە ئىسيان كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرىپ،ئاپپاق خوجىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاپپاق خوجىنىڭ خوتۇنى خانىم پادىشا ئىسيانچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ شادى خوجىنى قەتلى قىلىدۇ.ئۇ يەكەندە،ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا قەشقەردە تۇرۇپ ھاكىميەت سورايدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي خانىم پادىشا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.خانىم پادىشا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەھيا خوجا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ.
1696-يىلى ئابدىرشىتخاننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئاقباشخان ئاق تاغلىقلارنىڭ يېغلىقىدىن پايدىلنىپ يەكەنگە بېسىپ كىرىپ خانىم پادىشانى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئاق تاغلىقلاردىن قىساس ئالىدۇ.
1697-يىلى قەشقەردىكى ئەھمەت خوجا قىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ،يەكەندىكى ئاق باش خاننى مەغلۇپ قىلىدۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دانىيال خوجا قازاقلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ يەكەندە تەخىتكە چىقىدۇ.
1713-يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئارابتان قۇشۇن باشلاپ كېلىپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ.يەكەندىكى دانىيال خوجا جۇڭغار قۇشۇنىغا تەسلىم بولىدۇ ۋە جۇڭغار قۇشۇنىنىڭ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلاپ بىرىدۇ.قەشقەردىكى ئەخمەت خوجىنىڭ قوشۇنى بىر نەچچە كۈن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ باققان بولسىمۇ ،ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.ئەخمەت خوجا ئەسىر ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.دانىيال خوجا ئائىلە-تاباتلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن 1720-يىلغىچە مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادى ئىك خوجا ھاكىميەت باشقۇرىدۇ. 1720-يىلى جۇڭغارلار دانىيال خوجىنى جەنۇبى
شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.ئۇ جۇڭغارلارغا ھەر يىلى 100مىڭ تەڭگە يوللاپ تۇرىدۇ.1735-يىلى دانىيال خوجا كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ.دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن جۇڭغار خانى غالدان سېرىن دانىيالنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا جاھاننى يەكەن ھاكىمى،ئۈچىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپنى قەشقەر ھاكىمى،تۆتىنچى ئوغلى خوجا خامۇشنى ئاقسۇ ھاكىمى،كىچىك ئوغلى خوجا ئابدۇللانى خوتەن ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي غالدان سېرىن ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ باشقىلارنى مەنسەپكە قويىدۇ.كېيىن خوجا يۈسۈپ كۈچ توپلاپ جۇڭغارلارغا قارشى چىققان بولسىمۇ،خانلىق تەخىتكە چىقىش نىيتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. بەزى جايلار جۇڭغار خانلىقىغا بەيئەت قىلسا ،بەزى جايلار چىڭ سۇلالىسىگە نەيئەت قىلىدۇ. يەكەن ،خوتەنلەردە بولسا ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت سورايدۇ.شۇنداق
قىلىپ خوجىلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى فىئودال ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ.
خوجىلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زاۋال تېپىشىنى ئاساسان خوجىلارنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە بېقىنىپ خەلققە ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى؛ھۆكۈمرانلار گورۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پايدا-مەنپەت ۋە دىنى مەزھەپ كۈرشى كەسكىنلەشكەنلىگى؛سىنپى زىدىيەت كۈچەيگەنلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»1992-يىللىق2-سان
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
31-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 12:51

«  ھالۋىنى ھىكىمگە ئاجرىتىپ ،كالتەكنى يىتىمگە ئاجرىتىش ئادالەت ئەمەس ،، ئىسلامنىڭ ھالۋىسىنى تىتىغان ئادەم كالتىكىگە ھەم تەييار تۇرالىشى كىرەك »

ماۋۇ سوزنى ئويلىغان ئادەمنىڭ تىنىنى تىترەك باسىدۇ ،، بىز ھاياتىمىزدا ئەنە شۇنداق سوزلىسەك قارشىلىققا ئۇچرايدىغان تەرەپلەر ھەققىدە ئىغىز ئىچىپ باققاندىمىزمۇ ،، مەنپەت مۇناسىۋىتىمىز يوق كىشىلەرگە ھەقنى ئىيتقاندەك مەنپەت مۇناسىۋىتىمىز بار ئادەملەرگىمۇ سوزلەپ باقتۇقمۇ ،، ئاجىز نامرات كىشىلەرگە كوپۇپ سوزلىگەندەك پۇلدار ئەمەلدارلار ئالدىدىمۇ سوزلىيەلىدۇقمۇ ، ياكى ھىلىقى ئاجىزلار نامرات ئالدىدا تىك بولغان قەددىلىرىمىز ، پۇلدار بايلار ۋە ئەمەلدارلار ئالدىدا ھەقنى يەتكۇزۇش ئەمەس بەللىرىمىز ئىگىلىپ پۇكۇلۇپ كەتتۇقمۇ، گەپ سوزلەردە يۇمشاپ كەتتۇقمۇ ، ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدا سولىھكە چۇشتۇقمۇ  ؟؟ بۇ ئىشنى ئويلىسا مىنىڭچە مۇتلەق كوپلىرىمىزنىڭ بىشى چۇشۇپ كىتىدۇ  ،
ئىسلامنىڭ ھالۋىسىنى تىتىغان ئادەم كالتىكىگە ھەم تەييار تۇرىشى كىرەك ،،، نەقەدەر چىڭ سوز ھە بۇ ،،، بۇنى ئويلىساق قەلىب يىغلايدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6895
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-04
ئاخىرقى: 2011-06-26
32-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 14:25

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى breeze5 نىڭ 2011-04-19 12:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئابدۇ ۋەلى  قارى تەرەپدارىنىڭ  تەبىئىتى بولسا  كەسكىن كاللا كېسەردىن ئىدى پازىل  قارى  تەرەپدارى بولسا  يۇمشاقلىققا  مايىل كىشى  ئىدى
مانا بۇ سوزلەردىن سىزدىنمۇ بىر خىل مايىللىق چىقىپ تۇرىدۇ ،،،

كۆپ ھاللاردا بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانغىنىمدا مەلۇم بىر نۇقتىغا مايىللىقىم كۈچلۈك كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيۇپ تۇرىمەن !! ،  قورقىدىغىنىم   بۇنىڭ بىلەن مەن مايىل بولماي قالغان تەرەپتىن ھەق گەپ  چىقىپ قالسا  توغرا دىيەلمەسلىك .
مۇختەر باي سىز قايسۇ سوپىنى دىمەكچى  بالىسىغا ئاللاھ دىيىشنى ئۆگەتمەكچى بولغاننىمۇ (ئۇ  ئوغلۇم چوڭ بولسا سوپى بۇلىدۇ دەيتتى) ؟ ياكى ئاۋۇ سوپىلارغا بولغان سەلىبى چۈشەنچىسى سەۋەبلىك  توغرا  سۆزنى ئاڭقىرالمىغان  ئاۋۇ ئاجىز   ئىنساننى دىمەكچىمۇ ؟ ئۇ كايىغىچىمۇ بىلىشىمچە ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىزەپ تىنىم تاپماس بىر ياش ئىدى (ئۇنى  مۇشۇنچىلىك  تەسۋىرلەي) ھەر ئىككىسىنى بۇنداق ئاسان قومغا پاتۇرىۋەتسەك ئوبدان بولماسمىكىن ! خاتا  يەرلىرىنى  چىرايلىق چۈشەندۈرگۈلۈك ، ئاللاھدىن ھىدايىتىنى سورىغۇلۇق  !  كۆمۈۋېتىش چارىسىنى ئالدىراپ  ئويلانمىغۇلۇق  !———————————————————————————————————يۇمشاق -  قاتتىقنى  ئانالىز قىلغىلى تۇرۇپسىلەر ! مەن  ھەر ئىككىسى ھەددىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا توغرا  دەپ كېتىۋېرىمەن .
بۇ 4 يولنىڭ بولىشى ئايرىم يول تۇتۇشقا ئورۇنغان نەچچە مىڭلىغان يوللارنىڭ ئالدىنى ئىلىپ كەلگەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6459
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 862 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-11
ئاخىرقى: 2012-01-10
33-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 16:19

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى imtiyaz نىڭ 2011-04-19 11:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئادەم تەبىئىتى ئاجايىپ بۇلىدىكەن !  ھەر ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ياقىدىغان  كۆڭلى مايىل چۈشەنچە ئېقىم نەزىرىيەلىرى ۋە ئادەملىرى   بۇلىدىكەن شۇ  ئۆز  تەبىئىتىگە ياقىدىغان  سۆز ياكى شەيئىنى  بەكەرەك ياقىلايدىكەن ،....................
تېخىمۇ  ئۇچۇقاراق قىلسام  سىزنىڭ  مايىللىقىڭىز   سوپىلارتەرەپىدە بولمىسا سىزنىڭ  كۆزىڭىزگە ئاپپاق خۇججا ۋە باشقا  ئۇلارنىڭ سەلبى تەرەپلىرىلا كۆرۈنىشى  مۇقەرەر ،  ئەگەر  سوپىلارتەرەپىدە بولسا  سىزنىڭ كۆزىڭىزگە ئۇلارنىڭ  ئاللاھقا  مەجبور يۈزلەنمەستىن  قەلىب  تىكەنلىرىنى تازىلاپ  ئاللاھ تەرەپىگە سۈيۈنگەن ھالەتتە يۈزلىنىش كىرەك دىگەن يەرلىرى بەكەرەك كۆرۈنىشى  مۇمكىن .
ئەگەر سوپىلارغا  كۆڭلۈڭىزدە ئۆچىمەنلىك بولسا  كاللىڭىزدىن  مەنسۇر  ھەللاجىنىڭ چۈشۈنۈكسىز  گەپلىرى  بىلەن ئاپپاق خۇجىنىڭ  قىلغان  ئەتكەنلىرى  كەتمەي  سىزنى قىينىشى  سىزنى جايجايلاردا  بۇ ئىشلارنى بايان  قىلغۇزۇشى  مۇمكىن ،   يەنە ئەگەر   سىز  مايىللىقىڭىز  كۈچلۈك بولسا   ئەلىشىر  نەۋائى ،  ئىمام غەززالى  ،  ئىبنى ئەرەبى  ، جالالىدىن رۇمى ....... قاتارلىق مۇتەپپەككۈر  پەلاسوپ  سانالغان ئالىملار كۆرۈنىشى  ھەتتا بۇلاق ،  مىرا   ژورناللىرىدا  يۇقۇرى باھا بېرىلگەن  ئۇششاق چۈششەك  خەلىق  پەرۋەر شائىر سوپىلارنى جاي  - جايلاردا  نامايىش  قىلىشىڭىز مۇمكىن  .
ئەمدى يەكۈن چىقىرىشتا گەپ ھەركىمنىڭ ئۆزىدىن غالىپ كىلىشتەقالدى.
تېخىمۇ  ئېنىقاراق قىلىش ئۈچۈن  ماۋۇ ئىشنى قستۇرۇپ قوياي !
.......


گەپ قىلىشقا بەك ئۇستىكەنسىز، سىز راستىنلا ئادۋۇكاتمۇ قانداق؟   مەيلى ئاپاق خوجىنى قانچە ئاقلاپ كەتمەيلى، يۇرتىمىزغا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزغا كەلتۈرگەن قىلمىش _ ئەتمىشلىرىنى تارىخ ئۆزى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ئاددىيغىنىسى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ، تاغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ، بۇددىستقا قول بېرىپ بەيئەت قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقنى، ئۆزىنىڭ سۈلۈكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى قېرىپ،...............قىلىش ئەجىبا ئىسلام دىنىمىزدا بارمىدى؟؟؟؟؟ ئۇنى نېمە دېگۈلۈك؟؟؟؟؟   تارىخنى باشقىلارنىڭ مۇلاھىزىسى بىلەن قوشۇپ ئەمەس، كۆرۈنۈشتە بولۇۋاتقان ، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىشلارغىمۇ ئوبدانراق نەزەر تىكىپ قويغايسىز......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 2814 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-03-30
34-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 17:50

     بۇ پەقەت  ئاپاق خوجىغىلا  خاس        تەسەۋۋۇپنى تولۇق چۇشەنمەي تۇرۇپ  قالايمىقان باھا بەرمەيلى      ئەگەر   خالىساڭلار   <<تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى >> ناملىق كىتابنخ  تەنقىدى ھالدا ئوقۇڭ     ئاندىن    بىرەر   تەسەۋۋۇپچىنىڭ  ئەسىرىنى   ئوقۇپ   بېقىڭ      ئەلۋەتتە  قۇئان ۋە  سۈننەتتىن  باشقا   ھەرقامداق ئىدىيەنى  مۇتلەق تـوغرا  دېمەيمىز  
دوستلىشىش
taranqi217
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6671 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-31
35-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 04:28

ئوشۇق گەپ ئىشەككە يۇك،
ئىنسان ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى ئۆزى تاپالايدىغان بولسا،
ئاللاھ بىزگە كىتاپ چۇشۇرۇپ يۇرمەيىتتى.
ئاللاھنىڭ سۆزىنى دەلىل قىلمىغان مۇنازىرىدىن ئۆزىمىزنى تاتقىنىمىز ياخشىدۇ قىرىنداشلار.

مۇشۇ كەڭسايدا نەچچە پىرقە باركىن ؟
73 چىقامۇ؟
ئىي ئاللاھ: بىزلەرنى سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن! سەن توغرىسىنى بىلگۇچىدۇرسەن !
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 830 %
مۇنبەر پۇلى: 3850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
36-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 13:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-04-19 12:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
توۋۋا دەيمەن ئەمدى ئاللاھ دىگەن ئىنساننىمۇ  مۇسۇلمانكەن دىمەي  سوپى دەۋاپتۇدە بۇخەق مۇستاپا كامال نەق مۇشۇنداق جاھىل سوپىلارنى دىڭىزغا ئاپىرىپ ئەخلەت توككەندەك توكىۋىتىپتىكەن،بىزدە دىڭىز بولمىغان بىلەن دىڭىزغا ئوخشاش تەكلىماكان  قۇملىقىى بار چوڭقۇر كولاپ كومىۋەتسەك چىقالمايدۇ
 
ئۆچمەنلىكە مۇھاببەت باغلىغاندا، ئاللاھقا بولغان مۇھاببىتمىزنىڭ سۇسلاۋاتقىنىنىئۇنتۇپ قالىمىز.
قېنى دوستلار؟ پەقەت ئاللاھقا مۇھاببەت باغلىغاندىنمۇ ئېسىل خىسلەت بارمۇ؟ئاللاھنى سۆيگەن ئىنسانغا مۇھاببەت يەتكۈزىشتىنمۇ ياخشى ئىش بارمۇ؟ ئاللاھقا مۇھاببەتباغلاشقا چاقىرىشتىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئىش بارمۇ؟
قېرىندىشىم. ئاللاھنىڭ ئىزنىسىزقىل تەۋرىمەيدۇ. ئاللاھنىلا سۆيگەننى ئاللاھ خار قىلمايدۇ. پەقەت ئاللاھقىلا مۇھاببەتباغلىيالمىغىنىمىزدا مەخلۇقاتقا (ئۆچمەنلىككە، قوپاللىققا، مال-دۇنياغا، ئەھلى ئىلىملىككە،ئائىلىمىزگە، مىللىتىمىزگە....) مۇھاببەت باغلىۋالىمىز. ئاللاھ رازى بولسۇن، كېرەملىك ئاللاھنىڭ بارلىقمەخلۇقاتنى بىزگە بوي سۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنىئۈنتۇپ قالىمىزمۇ.
ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشىئەمەللەرنى قىلغانلار - كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز ئەنە شۇلارئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ [42]. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنىئېلىپ تاشلىدۇق[سۈرە ئەئراف]
ئىختىلاپقا، ھۆكۈمگە، ئۆچمەنلىككە، دەتالاشقا، بۆكۋازلىققا، قوپاللىققا،زالىملىققا ئالدىراش كۇفرى ئەمەلدۇر!
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-04-20 13:43قايتا تەھرىرلىدى ]
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6822
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-30
ئاخىرقى: 2012-03-30
37-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 19:21

ئابدىۋېلى قارى يېقىنقى زاماندا مەيدانغا كەلگەن تۈرۈكلەر ئارىسىدىن چىققان بۈيۈك ئسلام ئالىمى . بۇ ئالىمنى، قۇرئان-ھەدىسكە ھىكايە ۋە خىيالى تۇيغۇنى ئارلاشتۇرۇپ  سۆز قىلىدىغان پازىل قارىغا قانداقمۇ ئوخشاتقىلى بولسۇن؟
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 830 %
مۇنبەر پۇلى: 3850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
38-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 21:57

Sheikh Abduwali Mirzaev Qorining Islomiy darslari
ھەقىقەتەن ياخشى يەنە بىرى ئىبىن كەسرنىڭ كىتاۋىنى ياخشى كۆرىمەن.
................
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6804
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-31
39-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-15 09:10

خۇدايىم توۋا......................................