ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ، شۇ يەردىكى نامراتلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ھېلىقى خەنزۇ ئايال، مۇشۇ خۇتەننى بىر كۆرسە، بۇ يەرمۇ جۇڭگۇ خەرىتىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئىشىنەرمۇ؟
رەئىس جاڭ چۈنشەن خۇتەندىكى دېھقاننىڭ بىر يىل خىراجەت قىلىدىغانلىقىنى پۇلىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى بىلەرمۇ؟
خوتەندىن قاشتېشى چىقتى، خوتەن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ باي بولدى دەپ قاتتىق تەشۋىق قىلىۋاتقانلار، يۇقىرىدىن مۇخبىر كەلسە، بۇ رەسىمدىكى كىشىلەرنى ئاشكارا كۆرسىتەرمۇ؟ ياكى يۇشۇرۇپ قويارمۇ؟
ھازىر خەلقئارادا جۇڭگۇ ئىقتىسادى ئامېرىكىدىن قالسا 2-ئۇرۇنغا ئۆتتى دەپ خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى.
لېكىن دۇنيادا نامرات دەپ ھېساپلانغان بەزى دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇ رەسىمدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭكىدىن ھاللىقراق...
يەنە يازسام، يىغلاپ سالغۇدەكمەن...
