باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 13898 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 806
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە806دانە
ئۆسۈش: 7210 %
مۇنبەر پۇلى: 13397 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-13 14:43

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-04-14)
                                       بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    مەن يېقىندا تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئۇزۇن قۇلاق تۇنۇشۇم بىلەن ئەھۋاللىشىپ قالدىم. ئۇ تۇنۇشۇم چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مۇنداق گەپلەرنى قىلىپ بەردى.
   بۈگۈنكى دۇنيادا مەخپى ئىشلارمۇ قالمايدىغان ئوخشايدۇ، سەن بىر تىجارەتچى جىق ئىشلىرىڭ تىلىپۇن ئارقىلىق بۇلىدۇ ئالغۇ- بەرگۈ ئىشلىرىڭدا دىققەت قىل، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۆي تىلىپۇنىدىن ھالقىپ يان تىلىپۇنلىرىنى يۇشۇرۇن ئاڭلايدىغان ئىشلار بەك ئەۋىج ئېلىپ كىتىپتۇ. تىلىۋىزۇرلاردا بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن خەۋەرلەر بىرىلدى. ئاڭلىشىمچە تۇتۇلۇپ تۇرمىدا ياتقان جىنايەتچىلەرنىڭ 98% پىرسەنتى دىگۈدەك تىلىپۇندا قىلىشقان گەپلىرىدىن تۇتۇلىدىكەن. ئستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرلا ۋاقىتتا 60 مىڭ ئادەمنىڭ تىلىپۇنىنى ئاڭلىيالايدىكەن. يۇللانغان،كەلگەن ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەنمۇ يۇشۇرۇن ئاڭلايدىغان مىكروپلارنى ماڭدۇرىۋىتەلەيدىكەن. تىلىپۇننى يۇشۇرۇن ئاڭلاش،ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يۇشۇرۇن ئۇقۇش دىگەن ئۇيۇننىڭ ئورنىدا ئىكەن. ھەتتا سىنىڭ نەگە بېرىپ. نەدە تۇرغانلىقىڭنىمۇ يېنىڭدىكى تىلىپۇندىن ئۇقۇپ تۇرىدىكەن. سەن تىلىپۇن نۇمۇرۇڭنى ئالماشتۇرساڭمۇ ئۇ نۇمۇرنى قوللانغان تىلىپۇننىڭمۇ نۇمۇرى بولغاشقا قىلچە پايدىسى يوق ئىكەن. كىنولاردا چوڭ خوجايىنلا تىلىپۇندا سۆزلىشىپ بولۇپلا سۇغا ئېتىۋەتسە مەن- ۋاي ئىسىت، شۇنچە قىممەت تىلىپۇننى سۇغا تاشلىۋەتتى، كاشكى نۇمۇرىنى تاشلىۋېتىپ تىلىپۇنىنى ماڭا بەرگەن بولسىچۇ، دەپ كىتەتتىم. ئەسلىدە ئۇلار بىر ئىشلارنى بۇرۇنلا بىلىدىكەن ئەمەسمۇ، ئېزىز جان، مىليونلاپ دوللار، زەھەرلىك ئەتكەس تىجارىتىنىڭ ئالدىدا ئۇ تىلپۇنلار ھىچنىمە ئەمەسكەن، كىيىن بۇ ئىشلارنى بىلىپ مەن تازا ئەخمەق ئەكەنمەن دىدىم، دەپ چايىدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋېلىپ سۈزىنى داۋام قىلدى- سەنمۇ زۈرۈل تېپىلغاندا سۇغا ئات. ئەمما ئادەتتە توختام تۈزىدىغان، پۇل ئالغىلى بارىدىغان دىگەندەك ۋاقىتلاردا نۇمۇرۇڭنى تىلىپۇندىن چىقىرىۋەت. مېيىنى چىقىرىۋەتسەڭمۇ بىكار. مايسىز تىلىپۇنلارمۇ سىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭنى ئوخشاشلا بىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتە تىلىپۇنقا توك قاچىلايدىغان سىمىمۇ سىنىڭ تىلىپۇنۇڭ توغرۇلۇق يېتەرلىك دىدى.
    مەن قىزىقىپ ئاڭلىدىم، سۆھبىتىمىز ئۇزۇنغا سۇزۇلدى. ئۇ يەنە- قانۇنسىز سىگارا ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۇتۇلۇپ يېقىندىلا تۇرمىدىن چىققان بىر تۈرك دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ دەپبىرىشىچە- مەن بەك دۆتكەنمەن تىلىپۇن ئاز بولۇپ كالغاندەك ئۈيۈمدىكى ئادرىس، تىلىپۇن نۇمۇرى، قايسىدۇر بىر ۋاقىتلاردا يىزىشقان خەت، چۈشكەن رېسىم، كاسىت پىلىملىرىمۇ بېشىمغا بالا بولدى. ئۇ تېلىپۇن دىگەن نىجىس ئادەملەرنىڭ ئىككى مۈرىسىدىكى پېرىشتىدەك ھەممە نەرسىنى خاتىرلەيدىكەن. كومپىيوتۇر دىگەن نەرسىمۇ بىر بالايى ئاپەت ئەكەن. 30 يىل ئىلگىرى قۇيۇلغان بىر تال چىكىتمۇ ئۈچۈپ كەتمەيدىكەن، ئون قېتىملاپ ئۈچۈرىۋەتسەممۇ ئۇلار ئۈچۈن تېپىپ چىقىش بىر ئۇيۇننىڭ ئورنىدىكى ئىشكەن. مەن بەك كىسىلسەم 2 يىل كىسىلەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى ساق 7 يىللىق ھۈكۈم قىلدى. شۇ تېلىپۇن، رەسەم، خەت، كومپىيوتۇر دىگەنلەر كېچە- كۈندۈز بىزنى باقىدىغان ساقچىلار ئىكەن ئەمەسمۇ. سوتتا ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن چىقارغان نەرسىلەرنى ئالدىمغا دۆۋلىۋەتتى، تىلىمنى چىشلەپ تۇرۇشتىن باشقا چارەم قالمىدى. تۇرما دىگەندىمۇ ئىش- ھەركىتىڭنى كامىرادا كۈرۈپ تۇرىدىكەن دىسەم ئەمدى ھەممە شەھەرلەرگىمۇ شۇ كامىرا دىگەننى بەكىتىۋېتىپتۇ، ئۇ نەرسە ئىسرائىلدە ياسالغان دەيدۇ، ئىستانبۇلدىلا 20 مىڭى بارمىش. ئاڭلىسام سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى كۈزۈتۈپلا قالماي گەپلىرىڭنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىدۇ دەيدۇ. ماڭا ھازىر ھەممە يەر تۇرمىدەك، ھەر ۋاقىت ساقچىلار مىنى كۈزىتىۋاتقاندەك، گويا قېنى نىمە قىلىسەن؟ ئاۋال قىل ئاندىن مەن تەييار دەۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنۇشۇم تۈرك دوستىنىڭ گەپلىرىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى.   
    بىزنىڭ ئاتا- بوۋىللىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا "تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، كۈزىنىمۇ ئۇنۇتما" دەپتىكەن قايسى ئەقىللىق بوۋام دىگەن بولغىيتى، بۈگۈن دەل شۇنداق زامان ئىكەن يەنە كىلىپ مىنىڭ بېشىمغا كەلدى. مەن بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا بەك دىققەت قىلىمەن. ھېلىمۇ چەكتىگىم يېتېر، كېيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن.
   مەن ئۇ تۇنۇشۇمنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ رەخمەت دىدىم. كەچ سائەت 11 لەردە خوشلاشتۇق.

  مەنبە: ئۆز قەلىمىم 
  
   
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1220
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1220دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 7230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-09-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-13 23:32

ۋاي نىمە كارىم قورساق ئاغىرىغىم يۇققۇ
adasdsadas