چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم
سەھەر تۇرىمەن ، ھەر كۈنى دائىىم ،
ماڭىمەن ئېرىنمەي ئەللىك چاقىرىم.
رىياللىق رەھىمسىز يوقتۇر ئامالىم ،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم .
ئۆيۈم بولسىمۇ گۈزەل شەھەردە،
چاپىمەن سەھراغا ،كۈندە سەھەردە.
بەزىدە دىرىلداپ ، بەزى يا تەردە،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
بىر قىزىم ئۇقۇيدۇ باشلانغۇچ ئۈچتە ،
ئايالىم ھەم يىراق ،قايىتمايدۇ چۈشتە.
"خوش "دىسەك ئۈچەيلەن،جەم بۇلۇپ كەچتە،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
ئەمەستۇر بەك ئۇزۇن ،چۈشتىكى ئارام ،
دەم ئېلىش بۇپقالدە ئاساسەن ھارام .
تىكىلىپ تۇرىدۇ،تاپشۇرۇق ھەم پىلان،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
ئىشىم كۆپ كېچىچە مەكتەپ باقىمەن ،
ئۇ بۇلۇڭ،بۇ بۇلۇڭ چاقماق چاقىمەن .
"خو "بۇلۇپ شۇ تەرىق "ئەل" گەياقىمەن،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
چاقسام مەن چاقماقنى دەپ قالماڭ بەڭگە،
چارلايمەن ئاپشاركا كەبى تۈن تەڭگە .
تۇرمىسام چىڭ تېخى تۆلەيمەن تەڭگە،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
قىلمايمەن دەپ سىنىپ سانىنى چالا ،
دىگۈدەك كۈندىلا ئىزدەيمەن بالا،
تولىسى كېتىدۇ باققىلى كالا ،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
ۋە لىكىن سەھراغا دىلىم بەك چوڭقۇر،
باسقاندا ھەر قەدەم،ئىزىم بەك چوڭقۇر.
چوڭ قىلغان نوتامغا مېھرىم بەك چوڭقۇر،
چۈنكى مەن سەھرالىق ئاددى مۇئەللىم.
ئاپتور : غۇپۇر راخمان