باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 865 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رازى قىل ئاناڭنى
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 347
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 14:15

رازى قىل ئاناڭنى

رازى قىل ئاناڭنى (ئويتاغ)

بىر ئۆمۈر بار-يوقۇڭغا ئاناڭدەك بىلەك تۈرگەن يوق،
بولۇپ سەكپارە قايغۇڭغا كۆڭلۈڭ ئىزدەپ يۈرگەن يوق.

شادلىنار شادلىقىڭدىن يىتەر بېشى كۆككە ھەتتا،
شادلىقىڭ ھەم بەختىڭ ئۈچۈن ئۇ كەبى يۈگۈرگەن يوق.

جان بېرىپ باقتى سىنى ھالاللىق ھەققىقەت سۆزلەپ،
سىنى تاشلاپ ئۆزگىلەرنى بوينىدا كۆتۈرگەن يوق.

ئۆزىگە قوناق زاغرا ساڭا بۇغداي نېنى يۇمشاق،
ئۆزى يىمەي تاپقان گۆشنى بالام دەپ تۈگۈرگەن يوق.

يازدا يامغۇر باھانەڭدۇر كەلمەسكە جۇدۇن قىشقا،
ئەگەر كەلمەك بولساڭ كۈندە ئوتىنى ئۆچۈرگەن يوق.

سالامەت كۆرسەم دەيدۇ تاماسى يوق بايلىقىڭدىن،
يوقلا ئايدا ئەمەس كۈندە ئۆيىنى كۆچۈرگەن يوق.

رازى قىل باشتا ئاناڭنى ھەقدار بولساڭمۇ كۆپكە،
مۇشەققەتنى چىكىپ ئۆمرى راھىتىڭنى سۈرگەن يوق.

ئۇ ھايات چېغىدا بەرگىن ئەگەر جان بىرەر بولساڭ،
ۋاپات ئەتكەن كەينىدىن ئۆلگەننى ھىچكىم كۆرگەن يوق.

2010-يىل 1-دىكابىر
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 869
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە869دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 4921 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-31

رەسىم:
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.......
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...