قەدىمقى زاماندا ئافرىقىدا بىر مەملىكەت بار ئىكەن. ئۇ مەملىكەت خەلقى ھەر يىلى بىر كىشىنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىدىكەن. بىر يىل توشقاندىن كېيىن پادىشاھنى قالغان ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىراق بىر ئارالغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىۋىتىدىكەن. يىللارچە زامان مۇشۇنداق ئۆتۈپتۇ. بىر يىلى ۋاقتى توشقان پادىشاھنى ئارالغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىۋاتقانلار، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كىمىنىڭ غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ياش بىر بالىنىڭ بىر تاختايغا چاپلىشپ سۇغا چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. بالىنى شەھەرگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، شەھەر خەلقى ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولۇپتۇ. بالا باشتا قوبۇل قىلماپتۇ. كېيىن خەلقنىڭ قاتتىق تەلىۋىگە تەڭ كېلەلمەي پادىشاھلىقنى قوبۇل قىلىپتۇ. ۋەزىرلەر يېڭى پادىشاھقا، بۇ مەملىكەتنىڭ قانۇن - تۇزۈملىرىنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ، بىر يىل ھۆكۈم سۈرىدىغانلىقىنى ۋە بىر يىل توشقاندىن كېيىن بۇرۇنقى پادىشاھلارنى ئاپىرىپ قويغان ئارالغا ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى، قالغان ئۆمرىنى ئاشۇ ئارالدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا، ۋەزىرلىرىنى يىغىپ، بىر يىل توشقاندىن كېيىن بارىدىغان ئارالنى ھازىر بىر كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ تەلىبىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئارالغا ئېلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئارالنى كېزىپ قارىسا، ئۇ يىرتقۇچ، ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ جايى بولۇپ، بۇرۇن ئاپىرىپ قويغان پادىشاھلارنىڭ ئۇستىخانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىكەن. ھەر تەرەپتىن يىرتقۇچ ھايۋانلانىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدىكەن، كۈچلۈك ھايۋانلار ئاجىزلارنى ۋە ئۇ يەرگە كەلگەن ئىنسانلارنى يەيدىكەن. پادىشاھ شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈز كىشىلىك بىر قوشۇن تەييارلاپ مەزكۇر ئارالغا ئېلىپ بېرىپ، بىر ئاي ئىچىدە بۇ ئارالنى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن تازىلاپ بولىسىلەر، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. پادىشاھ بىر ئايدىن كېيىن ئارالنى زىيارەت قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەمدى ئارالدىكى بەزى دەرەخلەرنى كېسىپ، ئورنىغا رەتلىك قىلىپ مىۋە دەرەخلەرنى تىكىڭلار، دەپ ئەمرى قىلىپتۇ. يەنە بىر ئايدا ئۆي - ئىمارەت بىنا قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. يەنە بىر ئايدا ئارالغا توخۇ، ئۆردەك، قوي، كالا، ۋە ئۆچكۈ قاتارلىق يەرلىك چارۋىلاردىن ئېلىپ بېرىپ بېقىشنى ئەمرى قىلىپتۇ. پادىشاھ ھەر ئايدا بىر قېتىم ئارالنى زىيارەت قىلىپ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بۇيرۇپ، قايتىپ كېلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ توققۇز ئاي بولغاندا ھېلىقى ئادەمزات ياشىمايدىغان ۋەھشى ئارال ئىنسان ياشىغىلى بولىدىغان چىرايلىق باغقا ئايلىنىپتۇ. ئۇ يەرگە نۇرغۇن مال - مۈلكنىمۇ ئەۋەتىپتۇ. ئارالنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر باغچا بولۇپ پۈتۈپ چىققانلىقىنى كۆرگەن پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە مېنى ئارالغا ھازىر ئاپىرىۋىتىڭلار، دەپتۇ. ۋەزىرلەر مەملىكىتىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە 12 ئاي توشمىغىچە سىزنى ئارالغا ئاپىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يەنە ئۈچ ئاي سەۋر قىلىشىڭىز كېرەك دەپ، پادىشاھنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچ ئاي سەۋر قىلىپتۇ. بىر يىل توشقاندىن كېيىن پادىشاھنى مەزكۇر ئارالغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. مۇراسىمىدا خەلق پادىشاھنىڭ ياش تۇرۇپ ۋەھشى بىر ئارالدا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولىدىغانلىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىشىپ كۆز يېشى قىلىشىپتۇ. لېكىن پادىشاھ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى خۇشال، كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ يۇچۇن ھالىغا ھەيران بولغان ۋەزىرلەر، پادىشاھ ئالىلىرىنىڭ بۇ خۇشاللىقىنىڭ سەۋەبى نېمە ئىكىن؟ دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ: ئىنسان تۇغۇلغاندا يىغلاپ تۇغۇلىدۇ، ئەتراپتىكىلەر كۈلىدۇ. كېتىدىغان چاغدا ئەتراپتىكىلەر يىغلىسا ئۇ كۈلىدىغان بىر ئىش قىلىشى كېرەك. مەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھىلار بىر يىللىق ھاكىمىيىتىنى ئويناپ، كۈلۇپ ئۆتكۈزگەن، كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار كېتىدىغان چاغدا يىغلاپ كەتكەن ۋە بارغان يېرىدە يىرتقۇپ ھايۋانلارغا يەم بولغان ئىكەن. مەن بىر يىلدىن بېرى كەلگۈسى ھاياتىم ئۈچۈن ئىشلەپ، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئۆتكۈزىدىغان ئارالنى جەننەت مىسالى بىر يەرگە ئايلاندۇردۇم. مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنمۇ پادىشاھدەك ياشايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇشالمەن دەپتۇ.