باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1441 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار،   ( 3  )
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 627
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە627دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 19:37

ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار،   ( 3  )

                                           خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئايالى_خەدىچە رەزىللاھۇ ئەنھا قۇرەيىش كاتتىلىرىدىن ئەسەت جەمەتىدىكى خۇۋەيلىدنىڭ قىزى ئىدى.ئانىسى بولسا ئامىر ئىبنى لۇئەي جەمەتىدىن فاتىمە ئىدى. خەدىچە ھىجىرەتتىن 68 يىل ئىلگىرى،يەنىي مىلادىيە 556_يىلى مەككە مۇكەرەمدە توغۇلغان.
خەدىچە قۇرەيىش ئارىسىدا ئىسىل نەسەبى، ئەقىل- پاراسىتى، ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال
ئىدى. خەدىچە نۇرغۇن مال- مۈلۈك ئىگىسى بولۇپ كىشلەرنى ياللاپ تىجارەتكە ساللاتتى.
خەدىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرىلا) گۈزەل خۇلۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خەلىقنىڭ ئۇنى ئمىن(ئىشەنچىلىك،راستچىل)دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، رەسۇلىللاھقا مەيسەر ئىسىملىك
خىزمەتچىسنى قوشۇپ شامغا تىجارەتكە ئەۋەتكەن. رەسۇلىللاھ زور پايدا بىلەن سەپەردىن قايتقان.
ئاز ۋاقىتتىن كىيىن خەدىچە رەسۇللىلاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ياختۇرۇپ، رەسۇلىللاھقا ياتلىق بولۇش ئۈمۈدىنى بۈلدۈرگەن. رەسۇلىللاھ خەدىچەگە ئەلچى كىر گۈزگەندىن كىيىن، قۇرەيىشنىڭ كاتتىلىرى جەم بولغان سورۇندا،
خەدىچىنى نىكاھىغا ئالغان. بۇ چاغدا رەسۇلىللاھ 25ياش خەدىچە40 ياش ئىدى.خەدىچە ئىلگىرى ئەبۇ ھالە دىگەن كىشىنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئەبۇ ھالە ۋاپات بولغان چاغدا خەدىچە ئۇنىڭدىن ھالە، ھىنىد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بىلەن قالغان ئىدى.
رەسۇلىللاھ خەدىچىدىن قاسىم، ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل، زەينەپ، رۇقىيە، ئۇممۇ گۇلسۇم، فاتىمە ئىسىملىك
تۆت قىز پەرزەنتىلىك بولغان. قاسىم بىلەن ئابدۇللاھ كىچىكدە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ،بۇ رەسۇلىللاھقا ۋەھىي نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئىشلار ئىدى.
رەسۇلىللاھ ھىرا غارىدا ۋەھى نازىل بولۇپ، جېبرئىل كۆرۈنگەندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ خەدىچەگە ئېيتان ۋە
ئۆزەمدىن قورقۇپ قالدىم دىگەن. بۇ ۋاقىتتا خەدىچە تەسەللى بىرىپ، ئىسلام تارىخىدا ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك مۇنۇ مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان:((ئۇنداق ئەمەس ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سەن خىش- ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىسەن، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ بېشىنى سىلايسەن،
يوقسۇزلارغا ياردەم قىلىسەن، مىھمانلارنى ياخشى كۈتۈسەن، مەزلۇملارنىڭ ھالىىغا يىتىسەن،ئاللاھ ساڭا شەيتاننى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئاپىرىدە قىلمايدۇ. شۈبۈسىزكى خەلقىڭنى ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ سىنى تاللاپتۇ.
خەدىچە رەزىللاھۇ ئەنھا ئەڭ ئاۋال ئىمان ئېيتقان ئايال ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە مەدەتكارى ئىدى. قۇرەيىش مۇشرىكلىرى رەسۇلىلاھنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئازار بەرگەندە،
ھەزىرتى خەدىچەرەسۇلىللاھقا تەسەللى بىرەتتى.ھەتتا پۈتۈن مال-مۈلۈكىنى بۇ يولدا سەرىپ ئىتەتتى.
((مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى))بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغان ھەزىرتى خەدىچە ھىجىرەتتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى مىلادىيە 620_يىلى65 يېشىدا مەككە مۇكەرەمدە ۋاپات بولدى.مەككىدىكى ھەجۈن دىگەن جايغا دەپىن قىلىندى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچىنى ئۆز قولى بىلەن يەرلىكىگە قويدى. بۇۋاقىتتا تېخى جىنازا نامىزى ئوقۇش تېخى بېكىتىلمىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچەدىن بەك رازى ئىدى. خەدىچەنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ رەسۇلىللاھ خەدىچەنى تۇللا ئەسلەيتى. ۋە ئۇنىڭ گۈەل پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ماختايتى.
قوي ئۆلتۈرگەن چاغدا ئۇنىڭدىن نىسىۋى ئېلىپ ھايات ۋاختىدىكى دوسلىرىغا ئىۋەتەتتى.
ھەدىس كىتاپلاردا رىۋايەت قىلۇدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزىرتى خەدىچەنى ماختاپ مۇنداق دىگەن:
((خەدىچە ئالەمدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى.خەدىچە ئۈچۈن جەننەتتە تىشىلگەن مەرۋايىتتىن ياسالغان ئۆي تەييارلانغان. ئۇيەردە جاپا-مۇشاقەتمۇ، ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ يوق.مەن خەدىچىنىڭ پەزىلىتىنى ئەڭ بۈلگىچىمەن)). ئائىشە رەزىللاھۇ  ئەنھائېيتىدۇكى:(( رەسۇلىللاھنىڭ ھەزىرتى خەدىچەنى دائىم ئەسلىشى ماختىشىدىن كۈندەشلىكىم تۇتتى ۋە رەسۇلىللاھقا:(ئاللاھ ساڭا خەدىچەدىن ياخشىراقىنى بەردىغۇ؟) دىگەن ئىدىم. رەسۇلىللاھنىڭ ئاچچىقىدىن ساقاللىرى تىتىرەپ كەتتى ۋە:(ياق ماڭا خەدىچەدىن ياخشىسىنى بەرگىنى يوق، كىشلەر مىنى يالغانغا چىقارغاندا، خەدىچە ماڭا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتقان،  كىشلەر مىنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلغاندا خەدىچە مىنى مال_مۈلۈككە ئىگە قىلغان. ئاللاھ ماڭا خەدىچىدىن ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان) دىدى.
رەسۇلىللاھنىڭ بۇنچە غەزەپلەنگىنىدىن كۆڭلۈمدە ئىككىنچى قېتىم خەدىچە توغرۇلۇق گەپ قىلماسلىققا ئەھدە قىلدىم. رەسۇلىللاھ دائىم خەدىچىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى، خۇش مۇئامىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ماختايتى.
مەن خەدىچىنى توللا ئەسلىشى ۋە مەھدىلىشىدىن رەسۇلىللاھنىڭ ئۆزۈم كۆرگەن ئاياللىردىنمۇ بەكرەك كۈندەشلىكىم كىلەتتى)).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا پەرزەنتلىرى خەدىچەدىن بولغان.
                                              جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس
((مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى)) جۇۋەيرىيەنىڭ ئەسلى ئىسمى بەررە بولۇپ، بەنىي مۇستەلەق قەبىلىسىنىڭ باشلىقى
ھارىس ئىبنى زىرارنىڭ قىزى ئىدى. بەررە ھىجىرەتتىن 15 يىل ئىلگىرى مىلادىيە 607_يىلى توغۇلغان.
ھىجىرىينىڭ 5_يىلى مۇسۇلمانلار بىلەن بەنىي مۇستەلەق قەبىلىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇرەيىستە بولغان جەڭدە مۇسۇلمانلار غەلبە قىلىپ، بەررەنىڭ ئىرى ئۆلتۈرلۈپ، ئۆزى ئەسىرگە چۈشكەن. ئەسىرلەر مۇسۇلمانلار غا بۈلۈپ بىرىلگەن. بەنىي مۇستەلەق قەبىلىسى ئەرەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەبىلەردىن بولۇپ، ئاياللىرنىڭ مۇنداق ھالەتتە ئەسىرگە چۈششى ئۇللارغا ناھايتى ئېغىر كىلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئاياللارغا مەرھەمەت قىلىپ ئۆزلىكىدىن ئازاد قىلدۇرماقچى بولۇپ، ھارىسنىڭ قىزى بەررەنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئىسمىنى جۇۋەيرىيەگە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قول ئاستىدىكى ئەسىرلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇدىلىرى دەپ قاراپ، مەر ھەمەت قىلىپ ئۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
ئېيتقاندەك، جۇۋەيرىيە ئۆز قەبىلىسى ئۈچۈن ئەڭ بەرىكەتلىك ئايال بولۇپ قالغان. بۇنداق چوڭ مەردلىك ۋە ياخشى مۇئامىلە تۈپەيلى بەنىي مۇستەلەق قەبىلىسى دەرھال ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان.
مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغان جۇۋەيرىيە رەسۇلىللاھتىن بالىلىق بولمىغان.رەسۇلىللاھتىن بەزى ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. جۇۋەيرىيە خەلىپە مۇئاۋىيە دەۋرىگىچە ياشاپ ھىجىرىينىڭ 50_يىلى ،
يەنىي مىلادىيە 670_يىلى مەدىنە مۇنەۋەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
                                                           راھىل
راھىل : ھەزىرتى يەئىقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى بولۇپ، يەئىقۇب ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغان.
راھىل ئاۋال يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى،كىيىن بۇنيامىننى تۇغقان. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن بۇنيامىن كىچىك چېغىدىلا راھىل ئالەمدىن ئۆتكەن. ھەزىرتى يەئىقۇب ئەلەيھىسسالام ئانىسىدىن كىچىكلا يىتىم قالغان يۈسۈف
بىلەن بۇنيامىننى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ، مۇھەببەت ۋە مەسئۇليەت بىلەن ئوبدان تەربىلىگەن.
                                                           بەلقىس
بەلقىس((قۇرئان كەرىم)) دە تىلغا ئېلىنغان ساناقلىق ئاياللارنىڭ بىرى.((قۇرئان كەرىم )) نەمىل سۈرىسىدە بەلقىسنىڭ ئىسمى ئېنىق ئېيتىلماي، پەقەت سەبەئى دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالغان.
بەلقىس سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغانلىقى ۋەداۋۇد ئىسىملىك ئوغۇل تۇغققانلىقى قاتارلىق راۋاجلانما ۋەقەلەر تارىقچى ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئەدەبىيەتچىلارنىڭ يازمىلىرى بولۇپ ئىلىم ئەھلىلىرى ئوتىرىسىدا ئىختىلاپ بار مەسىلىدۇر.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1573
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1573دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 15995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 22:21

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم   ئاللاھ ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن !
اللا