ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلەرنىڭ بىرى -باشقىلارغا ھىممەت كۆرسىتىش ۋە مېھىر-شەپقەت بېغىشلاشتۇر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك < كۆڭۇلدىن كۆڭۇلگە ھەر قاچان يول بار>.بىزنىڭ كىشلىك دۇنيايىمىز
مېھىر-شەپقەت بىلەن گۈزەلدۇر.ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ ياخشىلىق، ساخاۋەت،مېھىر-شەپقەت ۋە ھىممەتنى ھەرقاچان ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ كەلگەن.
بىزنىڭ ھەر قايسىڭىزلاردىن كۈتىدىغىنىمىز :
شىخو شەھىرى باسىخو يېزىسى چىغلىق كەنتىدىكى قېرىندىشىمىز پەرھات 1985-يىلى 8-ئاينىڭ12-كۈنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاشقان،لىكىن تەقدىرنىڭ قارا قىسمىتى تۈپەيلىدىن 1993-يىلى سەككىز يېشىدا بۆرەك ئۇنىۋېرسال كېسىلى،تۆۋەن ئاقسىللىق ئاق قان كېسەللىكى، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا داۋالاش خىراجىتىگە ئۈچ يۇز مىڭ(300000)يۇەندىن ئارتۇق ئىقتىساد كەتكەن بولسىمۇ، قېرىندىشىمىز پەرھات يەنىلا كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي كەلدى.
قېرىندىشىمىز پەرھاتنىڭ ئائىلىسى دېھقان بولۇپ،يۇقىرىقى ئىقتىسادىي بېسىم ئالدىدا ئاز بولمىغان قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. نۆۋەتتە قېرىندىشىمىز پەرھاتنىڭ بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيسىگە ئالتە يۇز مىڭ(600000)يۈەنگە يېقىن ئقتىساد كېتىدىكەن، بۇ ناھايىتى زور بولغان ئىقتىسادىي بېسىم ھاياتنىڭ قارا قىسمىتى ئالدىدا ھالسىزلانغان بۇ ئائىلە ئۈچۈن ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان بولۇپ تۇرماقتا.
ھايات تولىمۇ قىممەتلىك،ئەنە شۇنداق قىممەتلىك بىر ھايات ئقتىسادىي بېسىمنىڭ قارا چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق تىپىرلىماقتا،قانداق قىلىش كېرەك؟بېسىم ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ، ئون گۈلىنىڭ بىرى ئىچىلمىغان قېرىندىشىمىزنى ھەسرەت-نادامەتتە داۋاملىق قالدۇرۇش كېرەكمۇ؟ ياق! ھېچكىمنىڭ، بىر ھاياتلىنىڭ ئوت ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغۇسى كەلمەيدۇ . بىزدە <تاما-تاما كۆل بولۇر>دېگەن ماقال بار.شۇڭا جەمىيىتىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھىممەت ئالقىنىنى كەڭ ئېچىپ، تېخى ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىگە قانمىغان قېرىندىشىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ ئەجرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەسسىلەپ ساۋاپ بەرگۈچىدۇر!!...
بىمارنىڭ كىملىكى
بىمارنىڭ دوختۇرخانا ئىسپاتى
پوچتا بانكا كارتىسى ۋە نومۇرى609013001200717644
بىمارنىڭ ئىسمىنڭ خەنزۇچە يېزىلىشى:巴拉哈提
بىمار ئائىلىسىنىڭ تېلىفۇن نومۇرى:7338375-0992

[ بۇ يازمىنىxiho 2011-04-10 23:17قايتا تەھرىرلىدى ]