--ئۇلار ھازىر بولسا ناۋادا--
(خەن تيېجىن)
ئەگەر <<غەربكە ساياھەت>> فىلىمىدىكى تاڭ سىڭ، سۇن ۋۇكۇڭ، جۇ باجيې، شاسىڭلار دەۋرىمىزدە بولغان بولسا، ئۇلارغا قانداق خىزمەت ۋە ئىشلار ماس كېلەر بولغىيتتى؟
مېنىڭچە، ئۇلار ھازىر بولغان بولسا، جۇ باجيېغا رېستۇران ياكى مەيخانا ئېچىش تولىمۇ ماس كېلەتتى، سۇن ۋۇكۇڭ بىرەر ئۇرۇننىڭ قوغدىغۇچىسى، شاسىڭ يۇۋاش، قۇلىقى يۇمشاقلىقى بىلەن ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى، تاڭ سىڭ پىرىنسىپاللىقى بىلەن باجگىر بولۇشقا ماس كېلەتتى.
ناۋادا ئۇلار ھازىر بولغان بولسا، سۇن ۋۇكۇڭ ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى، جۇ باجيې نەپسى يامانلىقى بىلەن قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى، شا سىڭ ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىشلەيدىغان، لېكىن ئىش ھەققى نېسى قالسىمۇ ئۈندىمەيدىغان مەدىكار، تاڭ سىڭ بوۋا-مومىسى، ئاتا-ئانىسى ئەتىۋارلايدىغان <<بەگزادە>> بولغان بولاتتى.
ئەگەر ئۇلار مەلۇم بىر مەكتەپتە بولغان بولسا، تاڭ سىڭ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى، سۇن ۋۇكۇڭ قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جۇ باجيې مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ زاپخوزى، شا سىڭ جاپاكەش مۇئەللىم بولغان بۇلاتتى.
ناۋادا ئۇلار بىرەر ئىدارىدە بولغان بولسا، جۇ باجيې مالىيە بۆلۈم مۇدىرى، تاڭ سىڭ كۈنبويى ئىشخانىدىن چىقماي گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرىدىغان كاتىپ، سۇن ۋۇكۇڭ دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلغۇچى ئۆكتىچى، شا سىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان قارا ئىشچى بولغان بولاتتى.
ئەگەر ئۇلار ئەمەلدار بولغان بولسا، تاڭ سىڭ ئانچە ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، ئەمما پارا ئالمايدىغان، خىيانەت قىلمايدىغان، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان ئەمەلدار، سۇن ۋۇكۇڭ پارىخور ئالۋاستىلارنى يوقىتىشتىكى كارامىتى بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، جۇ باجيې ئۇچىغا چىققان چىرىك ئەمەلدار، شا سىڭ ئۈن-تىنسىز تەر تۆكۈپ ئىشلەيدىغان كەنت باشلىقى بولغان بولاتتى.
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ توقۇلما ئوبرازلار، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاش ئوبرازلارنى رېئاللىقتا يوق دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟
----مەنبە: <<شىنجاڭ گېزىتى>>. ---- ئابلىز ئىبراھىم--تەرجىمىسى.