باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2327 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ھەممىڭ يوقال،،بوران114
kozumdin yokila
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 177
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 138
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە138دانە
ئۆسۈش: 1576 %
مۇنبەر پۇلى: 2031 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 13:07

ھەممىڭ يوقال،،بوران114

ئۇنىمۇ دىدۇق،بۇنىمۇ دىدۇق،تىممۇ يازدۇق،ئنكاسمۇ يازدۇق،مۇنداق ئىش بولدى قاراڭ.تۈنۈگۈنكى سەھيە ئىدارسنىڭ باشلقنىڭ بادام دوپپىسى بار ئىدى،بۈگۈنكىنىڭ بولسا كۆز ئەينىكى بار،فىرانسىيەدە ناخشا ئوقۇسام گىرمانىيەلكلەر يىغلاپ تاشلاپتۇ،جۇگىلياڭمۇ ئەسلى بىزنىڭ مەھەللىك ئىدى،تۈگمەنچى ئىدى،سىكىرتاردىن 3 يىلدا 11 نى ئالماشتۇردۇق،چاغاندا بەك ئالمىىشىدۇ،مەكتەپتىكىلەر نىمىشقا قاينايدۇ،بىر قىزنى ئالاي دىسەم قىرى دەپتۇ،لازا ئۇرىقىنى مەجبۇرى تاڭدى،دىھقان ئالمىسا يەرنى تارتىۋالىدۇ،دىبادا يالغۇز قىزلار يوق،ھاراق دىگەننمۇ قىزلار ئىچىۋاتسا بىزگە نىمە تۇرۇش،تىراكتۇر چىقىپ كالا يەر ھەيدەشتىن ئازات بولدى،ئوغۇت ساختىمۇ ياكى يەردىن ھوسۇل چىقمامدۇ؟نىمىشقا بانكىغا قەرز بولىمىز،مەنغۇ بىر سەھرالق،بىنا ئۆيگە تويماپسىز،قاتناش ساقچىسىنىڭ جەرىمانىسى ئىغىركەن،دوپپا بىلەن ياغلقنىڭ بازىرى كاسات،چاپاننىڭ تۈگمىسى قىنى،بۇرۇن ئۆيىمىزدە قارلىغاچ ئۇۋا تۇتاتتى،ھازىر پاختەك ئۇۋا تۇتىدۇ(خوتۇندىن قورقىدىغانلارنى پاختەك دەيمىز)دەريالار قۇرۇپ يەرنىڭ سۈيىنى ۋاقتىدا قويالماي بۇغداي سولىشىپتۇ،دادامغۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەن،سىز-مەن-ئۇ-ھەممىمىز ئۆلۈپ كىتمىز،بالىڭىزنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كىتپتۇ،ئوتۇن قالاپ ئەتكەن تاماق بەك تەملىك،قويدىن ئىت ئەتىۋارغۇ ھازىر،بىرىنى نىمىشقا سىزنى سۆيىمەن دەيمىز،ئەسلى بىزگە دىيىشى كىرەك،ماشۇ شىم-كاستىيۇم دىگەننى ئەرلەر كىيدىغان،بىزمۇ بوش ئەمەستۇق،لىكىن مىجەزىمىز بوشاپ قالدى،ھەي باللار تاماقتا قۇۋۋەت يوق دەيمە،ساقال قويغان گۇناھمۇ،جايناماز خارلانمىسۇن،بىر مۇنداق دىدى،ئۇ ئىمام ئاخۇن دىدى،
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى 4تۈرلۈك بولىدۇ،
1- بەندىلەرنى يەر يۇتۇشقا باشلىغاندا،
2-ھاراق-شاراپلار ئاشكارا ئىچىلىشكە باشلىغاندا.
3-ئاياللار يىپەكتىن كىيىم كىيىپ يوتىسى بىلەن بىلكىنى ئوچۇق قويۇپ ماڭغاندا،
4-ئەرلەر بىلەن ئەرلەر،ئاياللار بىلەن ئاياللار زىنا قىلغاندا،
خوش بۇنىڭىدىن ئارتۇق يەنە قانداق ئالامەت لازىمكىن،بالىنى تەربىلەشكە كۆڭۈل بۆل،مۇنداق برى ھىكىمەتنى سۆزلەپ بىرەي،
----بىر كىشى بىر دانادىن سوراپتۇ،
--ھەي دانا بالىنى قاچاندىن باشلاپ تەربىلەش كىرەك؟
--دانا دىدىلەر،
--بالاڭ قانچىلك بولدى؟
--ئالتە ئايلق؟
--دانا دەپتۇلەركى؛
--ئالتە ئاي كىچىكىپسەن تەربىلەشكە،
مانا شۇ ئەمەسمۇ،10 كويغا ئىشلەپ 20 كوي خەجلەيمىز-دە بىز،قىزمنىڭ چىچىنى يەنە بۈدۈر قىلدۇردۇم،ئتنىڭ كىدىغان ئايىقى بالامنىڭ ئايقىدىن قىممەتكەن،بىر قاچا ئاش ئىلىشقا رازى ئەمەسكى بىر قاپ تاماكىغا رازى بەزىلەر،قىشمدا تۇرۇپ نىكا ئوقۇتمىغان بىرىنى سۆيۈپ قويدى،كىين ياتاققا ماڭدى،مانا بۇ بىز ئىدۇق،جىنايەتچىگە جازا بىرش توغىرىغۇ،پۇل بىلەنمۇ يەڭگىللەتكىلىمۇ بولىدىغۇ،ھەي بۇندىن 16يىل بۇرۇن تاكسىغا چىققانتۇق،نەۋرە ئاكام دىھقان ئىدى،پۇتىدا لاتا خەي بار ئىدى،تاكسى شوپۇرى ئۇنى ماشىننى مەينەت قىلما،دەپ لاتا خەينى قولىغا ئەپبەردى،ئاكام پايپاق بىلەن ئولتاردى،ھازىرچۇ بىشڭنى قاشلاي دەپ قولۇڭنى كۆتۈرسەڭمۇ تاكىسىدىن 8ى توختايدۇ،بىر چاغلاردا شەھەرلىك تۇققىنىمىز چىقسا بەك خوش بولاتتۇق،ئىشەك ھارۋامىنى قاتاتتىم-دەئۇلارنى ئاچىقىپ يىدۈرۈپ-ئىچكۈزۈپ يەنەئىشەك ھارۋام بىلەن ئەكىرىپ قوياتتىم،مانا بۇ مىنڭ بەختىم ئىدى،مەھەللىگە شەھەرلىك تۇققىنمنىڭ قىزى بىلەن بىللە چىقىدىغان بولسام ئالامەت پوچى بوپ كىتەتتىم،مۇھەببەتلەشسە بىرىنچى بوپ نىمە ئىش قىلدۇ؟ھەي قانداق زامان بوپ كەتتى ھازىر،ئۇندىن كىپەك قىممەت،بۇغدايغا يەنە ئەمەن چىقىپتۇ،دىمەك بۇ يىلمۇ يەنە ھوسۇل كەم،ھىامكام سالامەت تۇرغاندۇ؟ياخىشى ئادەم جۇمۇ،تورخانىدىكى قىز تاماك سورىدى مەندىن،مەن بەردىم،چۈنكى ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىقىش بۇ بولىدىغان ئىش،كىين ئىسممنى ،تىلفۇن نۇمۇرۇمنى سورىدى،ئاندىن 200كوي بەرسىڭىز ياتاققا دەيدۇ،سىزگە ئۇچىرىمىدىمۇ،بىې غىتمەك يىغلاپ تاشلاپتۇ،پۇشايمان قىلغان ئوخشايدۇ دىسەم،سەۋەبى ھازىرقى ئەرلەر ئۇنىڭغا ئۆچ بوپ قاپتىمىش،بىر سائەت دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى 3 سائەت تەييارلىق قىلىدۇ،ئەمما سىناق ئالسا بىر ئوقۇغۇچى 60 ئالالمايدۇ،مانا بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى،مۇنداق بر ئىش بوپتۇ،

خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كۆپلىگەن بىلمگە ئىگە بولغان بىر تالانىتلق ئۇيغۇرياشنى بىر فىرانسىيەلىك شىركىتىگەخىزمەتكە تەكلىپ قىپتۇ،يۇقۇرى مائاش بىلەن،يىگىت ماقۇل بوپتۇ،ئەمما توختامغا ئىمزا قويىدىغان چاغدا بۇ تالانىتلق ئۇيغۇرىمىز ئىسمنى خەنزۇچە يىزىپتىكەن،فىرانسىيەلىك ئۇ توختامنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ،سەۋەپ:ئۆز ئانا تىلىدا ئىسمنى يازالمىغا،ھەم ئۆز يىزىقىنى چۈشەنمىگەن ئادەم فىرانسيەلكىنى چۈشنەمدۇ؟-دەپتۇ،

مانا تىل -يىزىقىمزىنىڭ مۇھىملقنى چۈشەنگەنسىز،شىمالى شىنجاڭدابىزنى ئالتە شەھەرلىك دەيدۇ،بۇمۇ توغىرىغۇ،خاپا بولمىغانسىز-ھە؟ئىتىزلقنى كۆرمەي دىھقان باي،ھاللق سەۋىيگە يەتتى دەۋەرمەڭ،بىر شەھەرلىك ماڭا مۇنداق دىدى،
--يىرىڭىزنى ساتسىڭىز ئالاتتىم،
--نەچچە بىرىسىز،
--مولقىغا 3000كوي،
--ياق،يەر ساتقىچە قوڭ ساتىمەن،ئالامسىز؟
ئۇ خاپا بوپ كىتىپ قالدى،يەر بولمىسا بىز يەر تىرىمغانلارنى قانداق باقىمز،يۇقۇردىن ياردەم دىگەن ساماندك كىلىدۇ،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلش ئۈچۈن بىر-بىرىنى شۇنداق تىللاپ سەتلەشتىكى ئاخىرى ئىككلىسىگە كەلمىدى،ما بىزنىڭ يەكەنگە تۆنۈر يول كەلدى،قاتناش راۋانلاشتى،بىز خوش بولدۇق،يولغا چىقىپ كەتكەن ئۆي ھەم تىرىلغۇ يەرگە ھۆكۈمەت پۇل بەرگەن ئىدى،

بىر ھىجقىز ئىت ئەمگەن سولامچى دادىسىنىڭ تىپىدىن ئەرز قىلدى،دادام بىلەن پۇلىمىز ئالمىشىپ قاپتۇ،
--دادامغا ئەسلى240مىڭ كوي كىلەتتى،ماڭا 260مىڭ كوي كىلەتتى،شۇڭا دادام بىلەن مىنىڭ پۇلۇمنى ئايرىپ بەرسەڭلار،
--دادا كىمنىڭ؟
--مىنىڭ،
--شۇنداق بولسىمۇ داداڭنىڭ تىپىدىن ئەرز قىلساڭ بولمايتتى،داداڭنىڭ ئەجىرىنى بىلەمسەن؟
--بىلمەن،ئەمما خوتۇنۇم ئۇنمىدى،

مانا بۇ بىز غۇ،ئىسپات دىگەن تۇرۇپتۇ،يەنە جىق مىسال كەلتۈرەيمۇ،توۋا قىز لازىم بولسا تىلفۇن قىلىڭ دەيدۇ.يەكەننىڭ ياتاقلىرى پاھىشخانا بوپ قالدى،ئامال يوق دەيمىز-دە،

سىكىرتار مىنى توۋلاپ قالدى،ھىيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
--بورىناخۇن،شوپاڭغا كىرىپ چىقايلى،
--توۋا دىسىلە،بۈگۈن ھىيتنىڭ تۇنجى كۈنى تۇرسا،ئۇرۇق-تۇققان،ئەل-جامائەت،يىتىم-يىسر،مەھەللە-چاقانى يوقلىمامدۇ؟
--قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر،ئاشۇ شوپاڭدىكى قىزلارمۇ ئۇيان-بۇياندىن كىلىپ ھىيت كۈنى ئۆيگە بارالماي غىرىپسىنمامدۇ؟ئۇلارمۇ بىزنىڭ مىللىتمىزغۇ؟ئۇلارنىڭ ھىيتتا بارغىدەك يىرى يوق،كۆڭلى غەش،شۇلارغا تەسەللى بەرمىسەك بىزنىڭ مىھىرىبانلقىمىز نەگەكەتتى؟سىللمۇ ئۇنى-بۇنى دىگەن بىلەن كاللاڭلار ئىشلىمەيدىغان پوقۋاشكەنسىلە،
--ئەمىسە خوتۇنىڭىزنمۇ توۋلاڭ،بىللە كىرەيلى،
تارس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەستەك يۈزۈمگە تەگدى،مەنمۇ خىلى گۇمپا بىلەتتىم،شۇنىڭبىلەن مۇشۇ تاز كاللام بىرنى ئۈسۈپ ئۆرىۋەتتىم،ئەتىسى جەرىمانە تۆلىدىم،مۇشۇ قۇربان ھىيتتا بولغان ئىشقۇ-بۇ،قانداق ھىيتنى شۇنداق ئۆتكۈزەلەيىدىغاندىن يەنەن كىم بار؟مەن سىزگە دەپ قوياي،دىھقاننىڭ ھەققىنى يىگۈچە خوتۇن قىزىڭىزنى سىتىپ يەڭ،مۇناپىقلار،بەشۋاق ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ كىشنىڭ ھەققىگە قارا سانىماڭ،
كىينكى تىما---ساقالنى نىمىگەقويدىڭىز؟
ئۇ  شۇنداق دىدى-دەئورنىدىن دەس تۇرۇپ--ھەممىڭ يوقال؟ئىشڭ يوقمۇ؟مىنىڭ يىنمدا پوق بارمۇ؟--دەپلا كىتىپ قالدى،
مەنبە:تاز كاللام،بوران114(يەكەن چارىباغ)
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 835
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە835دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9453 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-27

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاچچىق تېملارنى بۇرانكاملا يازىدۇ -دە! قەلمىڭىز ھارمىغاي ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي  ، بۇرانكا !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
مىھرىبان ئانام  _ بەختىم ^_^
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1491 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2012-02-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 15:18

ئەسەر يېزىشتىكى ئۇسلۇبىڭىز ئۆزگىچە ............. باشتا تازا كۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇم كىيىن << ئۇف.....>> دىدىم چۈنكى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى تولۇقلاپ بۇلۇپتىمىز ، ئەمدى جازا مەيدانىغا بېرىشلا قاپتۇ .  ئاللاھ بىلەن جان توختامىمىز بولمىغاندىكىن قاچان كېتىپ قالىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز تۆۋبە قىلىپ ئۈلگۈرگىلى بوولمايدىغان كۈن كەلگۈچە تۆۋبە قىلىشىمىز كېرەك ......( تېما ئىگىسىگە رەھمەت )
رەببىم ....! ! !  پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمەن ئاللاھىم . ...
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 503
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە503دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 15:38

خۇتۇنى بىشەم بولسا ئىرى پەيلاسوپ بۇلۇپ كىتىدۇ دەپتىكەن بىر دانا .  كۆرگىنى ، ئاڭلىغىنى ، تىنغىنى ، يىگىنى ، ئىچكىنى .................ھەممىسى ئاچچىق بولسا ئۆزى ئاچچىق بولمىسا مەن چۇقۇم ھەيران قالاتتىم !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 279
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە279دانە
ئۆسۈش: 1250 %
مۇنبەر پۇلى: 3717 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-02-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 16:47

قەلىمىڭز سۇنمىسۇن..    ...بوران ،،،
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 20:20

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنboran114 نىڭ 2011-04-08 13:07 يوللىغان يازمىسى  ھەممىڭ يوقال،،بوران114 :
--قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر،ئاشۇ شوپاڭدىكى قىزلارمۇ ئۇيان-بۇياندىن كىلىپ ھىيت كۈنى ئۆيگە بارالماي غىرىپسىنمامدۇ؟ئۇلارمۇ بىزنىڭ مىللىتمىزغۇ؟ئۇلارنىڭ ھىيتتا بارغىدەك يىرى يوق،كۆڭلى غەش،شۇلارغا تەسەللى بەرمىسەك بىزنىڭ مىھىرىبانلقىمىز نەگەكەتتى؟سىللمۇ ئۇنى-بۇنى دىگەن بىلەن كاللاڭلار ئىشلىمەيدىغان پوقۋاشكەنسىلە،
--ئەمىسە خوتۇنىڭىزنمۇ توۋلاڭ،بىللە كىرەيلى،

.......

ئالامەت كەپتۇ ماۋۇ...مىھربانلىقنى ياخشى يەتكۈزىدىكەن

----بىر كىشى بىر دانادىن سوراپتۇ،
--ھەي دانا بالىنى قاچاندىن باشلاپ تەربىلەش كىرەك؟
--دانا دىدىلەر،
--بالاڭ قانچىلك بولدى؟
--ئالتە ئايلق؟
--دانا دەپتۇلەركى؛
--ئالتە ئاي كىچىكىپسەن تەربىلەشكە،[
بىر كىشى بولسا ساھابە.  دانا دىگىنىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيكىسالام.
[ بۇ يازمىنىsaifulla 2011-04-08 20:27قايتا تەھرىرلىد ]
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 290
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە290دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 20:54

 ھا ھا بىشى ھىلىقى غۇلجىنىڭ قىزىقچىلىرىنىڭ داڭقان پۇتى گەپكە ئوخشاپتۇ.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1573
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1573دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 15995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 21:02

مۇشۇ قېرىندىشىم بوراننىڭ تەپەككۈرى .........  ھاياجاندا   نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمىدىم ، ئاللاھ خالىسا مۇشۇنداق ئاچچىق -چۈچۈك  تېمىلىرىڭىزنى  كۈرۈپ تۇرايلى ،  
اللا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1115
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 267
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە267دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-02-14
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 22:45

بوران 114 نىڭ تىيمىلىردىن ھازىرقى جەميەتتىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەر قامچىلنىپ يېزلىپتۇ...ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە نەسھەت تەربىيە قىلىپ قانچىنى ياخشى يولغا باشلىيالىساق شۇنچىنى باشلايلى. ئۆتكۈر تىل بىلەن يېزىلغان تەرىبىيۋى ئەھمىيەتلىك تىيمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 736
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە736دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12377 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-03-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 06:31

   بەك ياخشى تېمىلارنى يېزىۋاتىسىز. سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزدىن يۇرتىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى كۆرگەندەك بۇلىۋاتىمەن. رەخمەت.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...