راھەت
ئاپتورى: زوردۇن سابىر
«...كوچا ئاپتوبۇسىدا ئۆرە تۇرۇشمۇ راھەت، لېكىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋېلىش بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئۈچۈن مودىغا ئايلانغان راھەت. ھەتتا بەدىنى تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھى بۇ راھەتكە ئىنتىلىدۇ...»
پسىخولوگىيە ئالىمى باش بېكەتتە بايىلا ئېرىشكەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاشۇنداق ئويلاۋاتقاندا ئاپتوبۇسقا قىستىلىپ چىقىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدىن نارەسىدەنىڭ يىغىسى، ياش ئانىنىڭ جىملىشى، دادىنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى ئاڭلاندى.
_مانا، مانا، ئولتۇرۇڭ،- ئالىم ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلىق چوكانغا ئورنىنى كۆرسەتتى.
_رەھمەت، رەھمەت...سىلى...
چوكان ئالىمنىڭ قېلىن كۆزەينەكلىك چىرايىغا، ئاقارغان بۇرۇتلىرىغا خىجىل بولۇپ قارىدى.
_ئولتۇرمامسەن، قۇچىقىڭدا بالا بولغاندىكىن... رەھمەت ئاكا، رەھمەت.
دادىنىڭ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى ئاۋازى تەبىئىي قۇدرىتى بىلەن ھەممىنى ھەل قىلدى: ئانا كۈلۈپ ئولتۇردى، ياشقا تولمىغان بوۋاق ئوماق كۈلۈپ، ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن بوۋاينىڭ كۆزەينەكلىك، بۇرۇتلۇق يۈزىگە قىزىقىپ قارىدى. دادا شادلاندى.
_رەھمەت بوۋا دە، ئوغلۇم، بوۋاڭ ياخشىكەن-ھە؟
قارىسىلا، ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ياشلار، بىرەرسىمۇ ئورۇن بېرەي، دېمىدى.
_ھەممە ئادەم راھەتكە ئىنتىلىدۇ، ئۇكام.
_سىلى راھەتتىن كېچەلىدىلىغۇ؟
_ ياق، مەن راھەتكە ئىنتىلدىم، شۇڭا ئۇنىڭغا ئېرىشتىم.
_ دېمىسىمۇ، ئۆرە تۇرۇش راھەت، شاماللىق-ھە؟
_ شامالنىڭ ئىشى چاغلىق، روھىڭىز قانائەت تاپىدۇ.
_ مانداق دەڭ، بۇ گەپنى مەن بىر كىتابتىن ئوقۇغان. روھىي قانائەت...
_ ئادەمنىڭ روھى بىلەن جىسمى بىر-بىرىگە ھەم دوست، ھەم دۈشمەن، ئۇلار مەڭگۈ بىللە، بىردەم سوقۇشىدۇ، بىردەمدىلا يارىشىدۇ، ئەر-خوتۇنلاردەك...
ئالىمغا قىزىققۇچىلار كۆپەيدى.
_ جاپاغا ئىنتىلىدىغان ئادەملەرمۇ بولامدۇ؟
_ بولىدۇ، ئۇكام، شۇنداق ئادەملەرنىڭ شان-شەرىپى كۆپ بولىدۇ.
_ راھەتنى دەپ جاپا تارتىدىغاندۇ ئۇلارمۇ؟
_ ياق، ياق، روھىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن. روھىنىڭ جىسمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى تىلەيدىغان ئادەملەر مەۋجۇت. بىر مىللەتتە شۇلارنىڭ سانى قانچىلىك كۆپەيسە، ئۇ مىللەت شۇنچە روناق تاپىدۇ. راھەتكە ئىنتىلىدىغانلار قانچە كۆپەيسە، ئۇ مىللەت شۇنچە تېز ھالاك بولىدۇ. بۇ دېگەن ئۆلمەس قانۇنىيەت!
_ رەھمەت سىزگە، كېلىڭ، ئولتۇرىۋېلىڭ!
_ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى چۈشمەكچى بولۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئورۇندۇقنى كۆكرەكلىرى بىلەن توسۇپ، بوۋاينى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزماقچى بولدى، لېكىن ئاپتوبۇستا قەيسەرلەر كۆپكەن، ئورۇندۇققا ئىنتىلگەن بىر نەچچە قىز-يىگىت ئىچىدىن قۇياشتىن مۇداپىئەلىنىش ئەينىكى تاقىغان، بۈدۈر چاچ، مودا كىيىملىرىمۇ غەلىتىرەك بىر قىز ھەممىدىن غالىپ كەلدى. ئۇ پەرداز بىلەن پەيدا قىلغان بەدەن گۈزەللىكىگە زادىلا ياراشمىغان قوپاللىق بىلەن باشقىلارنى ئىتتىرىپ، جەينەكدەپ، تۇنجى قېتىم ئارقان سېلىنغان شاش ئاتتەك يۇلقۇنۇپ ئورۇندۇققا ئېرىشتى.
_ ماۋۇ كىشىنىڭ ئورنى بۇ ھوي قىز، بالىلىق ئايالغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
_ سېتىۋاپتىكەنمۇ؟
_ بولدى، بولدى، بىر بېكەتتىن كېيىن مەنمۇ چۈشىمەن،_ دېدى بوۋاي ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئىنتىلگەن «دادا»نىڭ ئالدىنى توسۇپ،_ ئولتۇرىۋالسۇن، ياشلار ئەمەسمۇ، راھەتكە ئىنتىلگەك كېلىدۇ.
_ قارا كۆزەينەكلىك قىز بوۋايغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ (كۆزى كۆرۈنمىسىمۇ؟) قارىدى:
_ قېرىلارچۇ؟ بۇرنىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويامدىكەن؟ راھەت قېرىلاردىن ئاشمىغاچقا ياشلار ئاچكۆز.
كۆپچىلىك كۈلۈشتى.
«راھەتكە ئىنتىلىش مودىغا ئايلانغان ئوخشايدۇ، بىزنى ھالاك قىلسا جاپا-مۇشەققەت ئەمەس، موشۇ راھەتكە ئىنتىلىش ھالاك قىلىدۇ...»
ئاپتوبۇستا جىدەل كۆپ، ھەممىنىڭ يىلتىزى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ راھەت.
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىل 1-2 قوشما سان 10-بەت.