ئەرز قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتەمدۇ؟
1-چوقۇم ئەرز قىلىش كېرەكمۇ؟
يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ، «ئەرز قىلماڭ» سەرلەۋھىلىك بىر ساتىرانى ئوقۇپ قالدىم. باشتىكى بىر كۇپلېتى مۇنداق ئىكەن:
تەگسىمۇ بېشىڭغا داڭگال ئەرز قىلماڭ ئەڭ ياخشىسى
يوللىرىڭدا كۆپتۇر ئازگال ئەرز قىلماڭ ئەڭ ياخشىسى
قالمايدۇ كۆتۈڭىزدە تامبال ئەرزقىلماڭ ئەڭ ياخشىسى
دەۋرىمىز ئاچمايدۇ چاڭگال ئەرزقىلماڭ ئەڭ ياخشىسى
دەردىڭىزگە يەتمەيدۇ ئامبال ئەرز قىلماڭ ئەڭ ياخشىسى.
بۇ شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ، ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ئەرز-دەۋا قىلىپ، شېئىردا دېيىلگەندەك ئەھۋاللارغا يولۇققانلىقىنى ئويلاپ قالدىم.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق زىددىيەت-ماجىرالاردىن ساقلانماق تەس. كۆپىنچە ئادەملەر يولۇققان زىددىيەت-ماجىرالارنى ئۆزى كېلىشىۋېلىش ياكى باشقىلار كېلىشتۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ، ئاداۋەتنى تۈگىتىدۇ، ئىناقلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتى، زېھنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرىپ قىلىپ، ئەرز-دەۋا قىلىپ يۈرمەيدۇ.
يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئىنتايىن كاج ۋە تەرسا كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ دېگىنىنىلا توغرا دەيدۇ، باشقىلارغا يول قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ توغرا مەسلىھەتىنىمۇ ماقۇل كۆرمەيدۇ. كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن يۇقۇرى-تۆۋەن ئەرز قىلىدۇ، تەلەپ-مۇددىئاسى ئىشقا ئاشمىسا، ئەرز ئىچىدىن ئەرز تۇغدۇرۇپ، ئەرزىنى سورىغانلار ئۈستىدىن ئەرزگە چۈشىدۇ. خوشنا-خۇلۇملىرىنى دات-پەريات دېگۈزىۋېتىدۇ. نۇرغۇن ۋاقت، ئىقتىسادىنى ئىسراپ قىلىپ، ئەرز قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا ئېرىشكىنى تارتقان چىقىمىنىڭ نەچچىدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەي، ھەممىدىن ئاغرىنىپ ئاچچىق يۇتۇپ يۈرۈيدۇ.
كەمىنە مۇئەللىپ ئەرز- دەۋا قىلغانلارنى كەمسىتمەكچى ئەمەسمەن. پىرىنسىپال مەسىلىلەر، ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە، ئادىمىيلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە ئەرز-دەۋا قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئەرز-دەۋا قىلىش يوللۇق، ئەلۋەتتە. پۇقرالارنىڭ ھوقۇق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. لېكىن، بەزى چاغلاردا ئەرز قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ھەممە مەسىلىنى ئەرز قىلىش بىلەنلا ھەل قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. بەزى دېھقان قېرىنداشلىرىمىز زىرائىتىنى سۇ بېسىپ قالغانلىقى ياكى خوشنىسىنىڭ مال-چارۋىسى يەپ كەتكەنلىكى، سۇ تالىشىپ بىرەرسى بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ بىرەر-ئىككى مۇشت يېگەنلىكى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈنمۇ كەنت، يېزىدىن ھالقىپ ناھىيىگىچە ئەرز-دەۋا قىلىپ كېلىشىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا كەنت، يېزىدىكى مۇرەسسە ھەيئەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كېلىشىم بىلەن تۈگەتسە بولىدۇ. بىھۇدە چىقىم تارتمايدۇ.
ئەرز-دەۋا يولى مۈشكۈل ۋە ئۇزۇن يولدۇر. بولۇپمۇ، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشتا چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىش، ئالدىراپ دەۋا قىلماسلىق كېرەك. دەۋا تەرتىپى مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. ئادەتتىكى ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار ئۈچۈن ئالدىراپلا دەۋا يولىغا كىرىپ قالغاندا، «بەگنى تاپقىچە بېلى ئوشتۇلىدىغان» ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى زىددىيەت-ماجىرانى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى يول قىلىپ تاللاش، باشقا چارە بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى تاللىماسلىق كىرەك.
ئالدىراپ دەۋا قىلماڭ. بۇ- نەچچە يىل ئادۋۇكاتلىق، نەچچە يىل سودىيەلىك قىلغان كەمىنە مۇئەللىپنىڭ سەمىمىي تەۋىسسىيىسى.
2-پاكىت ئېنىق بولمىسا، "ھۆكۈمەت" ئادىل سورىيالامدۇ؟
سىز يولۇققان زىددىيەت –ماجىرا باشقا ئۇسۇل-يوللار ئارقىلىق ھەل بولماي، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلدىڭىز دەيلى. بۇ، ئىشنىڭ باشلىنىشى. بەزى دەۋالاشقۇچىلار قانۇن سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، دەۋانى قىلىپ قويۇپ، ھۆكۈمەت ئادىل، دەۋايىمنى ئادىل سورايدۇ، دەپ خاتىرجەم يۈرۈشىدۇ. دەۋانىڭ نەتىجىسى چىققاندا، ناھەق بولدى، ئۇۋال بولدى، دەپ دات-پەريات سېلىشىدۇ. دەۋانىڭ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەنمۇ يوق، دەۋا تەرتىۋىگە رىئايە قىلدىممۇ يوق، سوتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسەتتىممۇ يوق دېگەنلەرنى ئويلىمايدۇ.
سىزنىڭ دەۋا قىلىشىڭىز يوللۇق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر دەۋا سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، تەلىپىڭىز رەت بولىدۇ. سوتقا ۋاقتىدا كەلمىسىڭىز ۋاز كەچكەن بولىسىز. تەشەببۇسىڭىزغا مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلمىسىڭىز، دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويىسىز.
سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان دەۋالارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پاكىت جەھەتتىكى تالاش-تارتىشتىن كېلىپ چىققان ماجىرالاردۇر. قانۇن تەدبىقلاش جەھەتتە تالاش-تارتىش بولغان دەۋالار ئىنتايىن ئاز، بۇخىل دەۋالاردا قانۇن تەدبىقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئانچە قىيىن توختىمايدۇ. ئەرز-دەۋانى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ قىيىن بولغىنى پاكىت بېكىتىش مەسىلىسى. پاكىت بېكىتىشتە ھەركىمنىڭ قىياسى بويىچە ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. دېمەك، كۆپ ساندىكى دەۋالاردا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش دەلىل-ئىسپاتقا باغلىق بولىدۇ. نۆۋەتتىكى دەۋا تۈزۈمىدە دەۋالاشقۇچى ئۆز تەشەببۇسىغا ئىسپات كۆرسىتىدۇ. تەشەببۇس قىلغان پاكىت ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلانمىسا، پاكىت ئېنىق بولمىسا، ھەرقانچە ئادىل سودىيەمۇ توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ.
دېمەككى، ئەرز-دەۋا قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى دەلىل-ئىسپاتنى تولۇق توپلاش كېرەك. سوتتا قۇرۇق گەپ ئەسقاتمايدۇ.
3-ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ
ئەرز-دەۋا قىلىش-قىلماسلىق، دەۋا قىلغاندىن كېيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى قانداق توپلاش مەسىلىسىدە، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ. باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىدى دېگەندىمۇ، دوست-بۇرادەرلىرى ياكى تونۇش بىلىشلىرىدىن مەسلىھەت سورايدۇ ۋە شۇلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىدۇ. بامەسلىھەت ئىش قىلىش ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلغاندىن ياخشى، لېكىن، مەسلىھەت بەرگەن كىشى قانۇننى بىلمىسە، دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىنى چۈشەنمىسە، ئۇ بەرگەن مەسلىھەتنىڭ ئانچە قىممىتى بولمىسا كېرەك.
ئەرز-دەۋا قىلىش-قىلماسلىق، دەۋا قىلغاندىن كېيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى قانداق توپلاش مەسىلىسىدە، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر مەخسۇس قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ۋە ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋۇكاتلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ ۋە ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ ئەرز-دەۋانى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاقىلانە چارىدۇر.
شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، بەزى دەۋالاشقۇچىلار بىر مۇنچە پۇل چىقىم قىلىپ، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلدىم دېگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلغىنى قانۇنلۇق ۋەزىپە ئۆتەش كېنىشكىسى بولمىغان «قارا نوپۇس ئادۋۇكات» ياكى قانۇن خىزمەتچىسى بولۇپ چىقىدۇ. بىر قىسىم ئادەملەر ئۆزىنى ئادۋۇكات دەۋالىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق كېنىشكىسى يوق. بەزى قانۇن خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق ئېيتمىسا، ئادەتتىكى دەۋالاشقۇچىلار ئۇلارنىمۇ ئادۋۇكات دەپ قالىدۇ. قانۇن خىزمەتچىلىرى بىلەن ئادۋۇكاتلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش، كېنىشكە ئىلتىماس قىلىش جەھەتلەردىكى تەلەپ-ئۆلچىمى چوڭ پەرق قىلىدۇ. دىققەت قىلمىغاندا، بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ تەكلىپ قىلغان ۋاكالەتچى ئادۋۇكات ئەمەس چىقىشى مۇمكىن.
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ھەرقانداق كەسپ، ھەرقايسى ساھەدە ئاز ساندىكى پاسىق-پىسەندە، نانقېپى ئادەملەر بولغاندەك، ئادۋۇكاتلار ساھەسىدىمۇ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئادۋۇكاتلىق قوشۇنىغا كىرىپ قالغان، ساپاسى ئىنتايىن ناچار، ناتوغرا يوللار بىلەن ئىش بېجىرىدىغان پاسىق-پىسەندىلەر بولىدۇ. ئۇنداقلار دەۋالاشقۇچىلارغا توغرا يول كۆرسەتمەيدۇ، يىتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تەتقىق قىلمايدۇ، ئەكسىچە سوتقا قاتنىشىپ، كاززاپلارچە ۋالاقلاپ قويۇپ، دەۋالاشقۇچىغا تەتۈر يول كۆرسىتىپ، دېلو بېجىرگۈچىلەرنى نەم خىشقا دەسسەتمەكچى بولىدۇ. ئۇنى تەكلىپ قىلغان دەۋاگەر ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ قانۇن ئاساسى بار-يوقلۇقىنى تولۇق چۈشەنمەي، دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويسا، سوتچى ناھەق قىلدى دەيدۇ. مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى نەچچە ئادۋۇكات پارا بېرىش، يالغان ئىسپات ئويدۇرۇش دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن جازالىنىدۇ. ئەگەر بىر دەۋاگەر شۇنداق ئادۋۇكاتقا ئۇچراپ قالسا، «ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دېگەندەك ئىش بولىدۇ. ئەسلىدىكى دەۋا بىر ياندا قېلىپ، شۇ ئادۋۇكاتنىڭ دەستىدىن، پۇل-مېلىدىن ئايرىلىپ، پۇشايماندا قالىدۇ.
ئادۋۇكاتلار قوشۇنىدا كەسپكە پىششىق، ئىستىلى دورۇس، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادۋۇكاتلارمۇ ئاز ئەمەس. مال سېتىۋالغاندا، سۈپەتسىز، ناچار مال سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشتىمۇ شۇنداق.
4. ئەرز قىلىپ نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟
سىز يولۇققان زىددىيەت-ماجىرا مەيلى چوڭ ئىش بولسۇن ياكى كىچىك-ئەرزىمەس ئىش بولسۇن، باشقا ئۇسۇل-چارىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالماي، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلدىڭىز. دەۋادا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىر نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ، ئادۋۇكاتمۇ تەكلىپ قىلدىڭىز. بىر نەچچە ئاي تىركىشىش ئارقىلىق( سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپتە سوت قىلغان بولسا ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئادەتتىكى تەرتىپتە سوت قىلغان بولسا، ئالتە ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ مۆھلەتنى ئۇزارتىشمۇ مۇمكىن)، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى قولىڭىزغا ئالدىڭىز. (بەزى دەۋالاردا 2-سوتقا بارىدىغانلار ئاز ئەمەس. قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، دەۋا نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بار)
ھۆكۈم نەتىجىسىنى كۆرۈپ، شۇ دەۋا جەريانىدا چىقىم بولغان ئىقتىسادىڭىزنى، ۋاقتىڭىزنى ھىسابلاپ باقتىڭىزمۇ؟ چىقىمغا بويلاپتىمۇ؟ جاۋابكار سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققىنىڭىز، خۇلۇم-خوشنىڭىز، تونۇش-بىلىشلىرىڭىز بولغان بولسا، ئۇلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز قانچىلىك دەرىجىدە بۇزۇلدى؟ بۇنى پۇل بىلەن ھىسابلاش مۇمكىنمۇ؟
مەسىلىنىڭ قىيىن تەرىپى تېخى بۇ ئەمەس. نۇرغۇن دەۋاگەرلەر دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى ياكى دەۋا جەريانىدا، ھۆكۈم چىققاندىن كېيىنكى ئىجرا مەسىلىسىنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەيدۇ. جاۋابكارنىڭ مال-مۈلكىنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. ھۆكۈم ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىجرا قىلىدىغان مال-مۈلۈك ئاللىقاچان يوقۇلۇپ كەتكەن(ياكى ئىجرا قىلغىدەك مال-مۈلۈك يوق). شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمنامە ئاق ھۆججەتكە ئوخشاش قېلىۋىرىدۇ. مىڭ مۇشاققەت بىلەن ئېرىشكەن ھۆكۈم ئىجرا بولمىسا، ئۇنداق ھۆكۈمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن.
دېمەكچى، ئەرز قىلغاندا، ئىجرا مەسىلىسىنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىش كىرەك.
مەنبە: ئۆزۈم