باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 866 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1115
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-02-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 21:42

سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم

شۇ شەيدائارمانلار تۈگەيدۇ
ئاپتاپ چۈشتى ئۆگزىلىرىمگە،
باھارمۇ سەن باشلاپ كەلگەن.
پۈتۈن ئىشقىمنى ئاتىدىم ساڭا،
قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن.
مۇھەببەتنى كۆيلىدىم ئۇزاق،
سىنى قېتىپ مىسرالىرىمغا.
ئاشىقلىقنىڭ دەشتى يامانكەن،
تاشلاپ قويما مىنى ھىجرانغا.
سورىمايسەن مىنىڭ ھالىمنى،
ئۆلسۇن دەمسەن مىنى ئىشقىڭدا.
ئۈن-تىنسىز ئۈمۈتتە كۈتىمەن،
ئىرادەم بار مىنىڭ دىلىمدا.
جاسارىتىم يار بولسۇن ساڭا،
مۈشكۈلىڭگە ئاسانلىق بەرسۇن.
ئىرادەمدىن كۆكلەتسەم ئىشقىمنى،
چۈشەنسەڭ ھىسلىرىڭدە بولسۇن.
روھىڭغا جۇلا بەرسە ئىشقىڭ،
سۈيەرسەن بىر مىنى ئۇلۇغلاپ.
شۇ شەيدا ئارمانلار تۈگەيدۇ،
جەم بولغان كۈنلەرنى قۇتلۇقلاپ.

سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم
چىرمىلىپ ھېساپسىز خىيال تورىغا،
قەلبىمدە ئاۋۇيدۇ ئالماستىن ئارام.
بەرگەچكە جىممىدە روھىمغا مەدەت،
سۆيگۈڭدىن لاتاپەت تاپتى ياشلىقىم.

كۆرىمەن روھىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا،
ھىس قىلىپ ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك.
گۈل كەبى ياشلىقىم پورەكلەپ بارماقتا،
ۋىسالىڭ بەرگەچكە بەھرى جەننەتنىڭ.
ئاڭلىدىم بەخىتنىڭ پىچىرلىشىنى،
زوقلاندىم ئاھ، سىنىڭ پاك ئەقىدەڭدىن.
دۈشمەننىڭ گىپىگە پەرۋا قىلمىدىم،
مىھرىڭدىن سەزگەچكە شۇنچە مەمنۇن.
ئۈمۈد نۇرى چۈشتى چاقناپ قەلبىمگە،
ئۈمۈدۈم ،پەخرىمدۇر بىر سىنى سۆيگۈنۈم،
جۇدالىق،ھىسلىرى يىراقتۇر مەندىن،
سەن بولغاچ يېنىمدا بۇ مىنىڭ بەختىم.

مەنبە قەلىمىم
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-03-30

پاك ئەمەس ھەممىلا باشلىق دىگەنلەر.
پەرىزاتنى سەتەڭ قىلغان قاشلىق دىگەنلەر .
شۇنچىلك ھاماقەت تۇز كور ئەمەسمۇ؟
قول يەتمەس شاپتولنى ئاچىچق دىگەنلەر.