باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 743 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىزلارغا  100  نەسىھەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-01-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 17:31

قىزلارغا  100  نەسىھەت

خەت چوڭلىقى : كىچىك ئوتتۇرا چوڭ      ئەكسىچە كۈرۈش  
قىزلارغا 100 نەسىھەت..........كاپىتان
قىزلاغا100 نەسىھەت



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
سىز ۋە بىزگە مەلۇمكى ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك ھايات جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام قىلىپ:«ھېكىمەتلىك نەسىھەتكە يېقىن قۇلاق مەڭگۈ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ» دەپ ئېيتىقان.
دەرۋەقە،كىشى پايدىلىق نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرسا،ھاياتىنى گۈزەل مەنالار خەزىنىسىدە سەير قىلدۇرالايدۇ.بۇ خىل سەير ئىنساننىڭ ھاياتىقا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەرىسخانىسى بولۇپ،بۇ خىل دەرىسخاننىڭ كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشى ئىنسانىيەت،شۇنداقلا جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.مەن خەلىقىمىزنىڭ ئۆز مەنىۋىيەت ئالىمىگە تۇلىمۇ ماس بولغان ھېكىمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىش ئىستىكىگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتى تېگەر دېگەن مەقسەتتە،قولىڭىزدىكى «قىزلارغا 100نەسىھەت»دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چېقتىم.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھېكىمەتلەر زامانىمىز قىزلىرنىڭ ئۆز-ئۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە ،ئۆز قىممىتىنى بىلىپ يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.


بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىندۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىيتى مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋەبۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.


ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىپپەت__ ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى__ يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە__ كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.


ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك__ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بولىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەخىتلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل __ يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى – پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى – سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.



تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھاللىقنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارا سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گۇياكى ئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن – كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى، سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.


بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راسىت سۆزلەش، گەپنى قسقا، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلىقىمىز تولا گەپ قلىدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تورىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قلىشدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.


ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان،ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەركەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن.



يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيىتشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاپ كەلتۈرىدۇ.


سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكىمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىردىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقىماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىندۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىر ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.


توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ياخشى خويلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرىقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۈزىنى تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى، پەزىلەت غۇنچىسى قەلب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك ھېسابلىندۇ.


ئونىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، شىجائەت ناگان-ناگاندا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەر خىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشلۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ
.


ئون بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دەۋىرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تۇلمۇ نومۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىميلىك قابىليەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نومۇس قلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقدىن نومۇس قىل، خورلۇق ھىس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تويغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنۋاتقانلىقىڭنىمۇ ، ھاقارەتلىنۋاتقانلىقىڭنمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرىقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلۋاتقانلىقنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.


ئون ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلەشكەن يامان داغ_ نومۇسىنىڭ كېتىشى بەكمۇ قىيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبىرنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىننى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىندۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋىر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.


ئون ئۈچنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدىرگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمۈت يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىتسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قۇرساق تويغۇزۇۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۈزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.


ئون تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭىزنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولغايسىز. تاكى جەمئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ:«بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ؟، نېمە ئىش قىلدىغاندۇ؟ ئەجەب ئەدەپلىك قىزكىنا» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بولغىندۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۈرسىز.


ئون بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قويۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلاغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ! باشقىلاغنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتىسز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارماسلىق كېرەك. يول قويۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.


ئون ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچىرغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرڭىزدا، سۇغۇققانلىق بىلەن ئەستايدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. بولۇپمۇ بەزىلەر سزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دىگەنلىرنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ھەرگىز باشقىلارنىڭ قول چۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ.


ئون يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تۇنۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغىتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارتالىشمىز مۇمكىن. ئۆزىگە ئىشنىش_ مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك_ئەسلىدىكى مۇمكىنچلىكنى مۇمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.


ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئاقىللارنى ئۆزلىرنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرسىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىندىغانلىقنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشگە قەسىت قىلىشىغا قۇدىرتى يەتمىسە، ھىيلە ئىشلتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولۇۋېلىپ، سىرلىرددىن ۋاقىپ بولىدۇ_دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. ئەگەر ئۇ زىيان سالسا، ئوتلۇق چېقندەك جان خامىندىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ.


ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئەگەر بىرى سىنڭ ئەيىب، نوقسانلىرىڭنى ئېيتىسا، قۇبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە، بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا، تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلىقنىڭ ئالقىشغا ئىگە بولۇشنى ئىزدىسەڭ، ئالىيجانابلىق يولىنى تۇت.


يىگىرمىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ-زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلسى قوپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايان قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيتىنى، مۇئامىلە سەنئىتنى بىلمىسە ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېتبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يوقۇرى بولۇشى كېرەك.


يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، سۆزلەش يۇلى ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى، ئويلىماي ئېيتلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان، جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نوقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشش قۇلۇپىنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزەرىدە ئېتباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.


يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دىگەن ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىندىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتىسمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن_پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئازىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بولغاپ ئىنساني پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ.


يىگىرمە ئۈچنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نومۇس چۈمپەردىسگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈركىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئۇقۇتقۇچىلىرڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈركىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتىكىسدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخىسكە ئايلىنسىز.


يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۈھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشنى ئادەملەر ئارسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئارازچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىنسان ۋوجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كاندۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى پۈتكۈل يەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.


يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىندۇر، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۈرسەن.

.

داۋامى بار
مەنبە: تىلەك  مۇنبىرى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام  ، سىزگە كۆپ رەھمەت  ! بۇ  قىممەتلىك دۇردانىلەرنى ساقلىۋالدىم ، ئاللاھ داۋامىنى كۈرۈشكە نىسىپ قىلسۇن !
اللا