ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە؟
ئاپتورى : سالام دۇنيا (hello world)
مەيلى ئىنتېرنېت بولمىسۇن ياكى شىنخۇا كىتابخانىسىدىكى كىتابلار بولمىسۇن، ھەممىسىدە «ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى پاھىشە بولىدۇ»، «روھىيىتىمىزدىكى ئاجىزلىقلار» دېگەندەك گەپلەر دەۋر سۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. چۈنكى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزىنى تونۇش، تەرەققىي قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار بىرىنچىسى ئەمەس، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس. مەيلى تەرەققىي قىلغان ياۋروپالىقلار بولمىسۇن، قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئافرىقا ۋە شەرقى ئاسىيالىقلار بولمىسۇن، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ.تەرەققىي قىلغانلار ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يول ئالدى، تەرەققىي قىلمىغانلار ھېلىمۇ ئات -تۆگە بىلەن سودا يولى ئېچىۋاتىدۇ، ئىنساننىڭ شۇنداقلا مەلۇم خىل مىللەت ۋە ئادەملەر توپىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ مېڭىش ئىستىكى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق .دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتساق «ھەر قانداق مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرىلىگەن ئەمەس، بەلكى گاھ ئۆرلەپ، گاھ پەسىيىپ تۇرىدىغان زەنجىرسىمان ھالقىدا بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان». بىزنىڭمۇ تارىختا گۈللەنگەن چاغلىرىمىز بولغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سودىگەرلەر ۋە باشقا ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقالغان. تەبىى ئاپەت ۋە ئىچكى-تاشقى بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىشقا ئىمكان بولماي، بېكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن پىكىر قىلىش شەكلى دەۋرگە ماسلىشالماي، تەپەككۇر ئۇسۇلى يېڭىلانماي، تاكى ئازاد بولغان 1949-يىلغىچە جاھالەت ھەر خىل نام ھەرخىل ئېقىم سۈپىتىدە بىزنى ئالداپ بېسىپ كەلدى. دۇنيادا يېڭى دەپ ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت تارىخىنىڭ تەكرارلىنىشى، باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىشى خالاس. شۇڭا بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش، قۇدرەت تېپىش جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز، ئۆگىنىشىمىز كېرەك. مىلادىيىنىڭ يەتتىنچى ئەسىرىدە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنى «قۇرئان» ئارقىلىق ئىنسان، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە بۇرچىنى بەلگىلەپ جاھالىيەت دەۋرىدە قالغان ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇردى. ئابباسىيلار خانلىقى «يۈز كۈنلۈك تەرجىمە ھەرىكىتىنى» يولغا قۇيۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات، فىزىكا، خىمىيە ۋە باشقا پەنلىرىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقىتىپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى قۇرۇپ، ئالىملارنى چىللاپ كېلىپ نەچچە ئون يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە ئەرەب يېرىم ئارىلى جۇڭگو ۋە قەدىمى يۇنانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. سىرتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئەرەبلەر شۇ قەدەر گۈللەندىكى، ئۆز سىڭلىسىنى ئاكىسى ئالىدىغان ياۋايى مىللەتتىن، دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ، خرىستىئانلار پەقەت يىراقتىن نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ، باش كۆتۈرۈپ ياق دېيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. بىر مەزگىل مائارىپ ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق، دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلانغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمپېراتۇرى ئوردىغا مىڭلىغان گۈزەللەرنى يىغىپ قۇيۇپ، يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭ ئۇسسۇلىنى نېپىز پەردە ئارقىسىدىن كۆرۈپ يۈزلەپ خوتۇنلارنى ئېلىپ، ئوخشىمىغان ئانىدىن بولغان پەرزەنتلەر شاھلىق ئورنىغا كۆز تىكىپ، ھىيلە -مىكىر پىلانلاۋاتقان، خەلقنىڭ ئاۋازى پادىشاھقا يەتمەيۋاتقان چاغدا ياۋروپالىقلار ئازاب ۋە خورلۇق ئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ھەممە ئىش تەقدىر ۋە ئىلاھنىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق بولىدۇ، دېگەن قاراشتىن قايتىپ، ئىنساننى ۋە شەخسنى مەركەز قىلغان نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى ئېلان قىلدى. مۇنداقچە دېگەندە، شەيئىلەرنى بىلىش ئۈچۈن كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش كېرەك دەپ قارالدى . مۇسۇلمانلار "مەسچىتكە كىرگەندە ئىشتاننىڭ پۇشقىقى ئۇزۇن بولۇش كېرەكمۇ قىسقىمۇ" دېگەندەك ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن قېلىن دىنىي كىتابلارنى ئىزدەپ تالىپلار ئون يىل ئوقۇپ موللا بولالمايۋاتقان چاغدا ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىپ تاشلاپ، مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، ھەقىقىي قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ۋە ئاساسى بولغان مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەپ چىققان جامالىدىن ئافغانى «دەۋر ئالغا باسىدۇ، بىر ئىزدا توختاپ قالمايدۇ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ نۇقتىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىكى ئەڭ جانلىق پرىنسىپ قىلىشى كېرەك، مۇسۇلمانلار بارلىق پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشى، بارلىق زىيانلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشى، غەربنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى قوغدىشى كېرەك، ھەقىقىي ئىمان كونىلارنىڭ، يۈزلۈكلەرنىڭ شۈبھىلىك تەشەببۇسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي قايىللىق ۋە مۇستەھكەم دەلىل ئۈستىدە بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى .بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى ئەپەندىلەر شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى باشلىدى.يۇقىرىقى گەپ شۇ يەردە قالسۇن. ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادتا چېكىنىشى، «قۇرئان» ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىگە خاتا ۋە گۇرۇھ مەنپەىتى نۇقتىسىدىن تەبىر بېرىلىشى، خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئاھالىسىنىڭ ئاساسى قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر رايونىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونىدا تۇمشۇقىغا تىپىك يەپ لالما ئىت كەبى خۇرجۇن كۆتۈرۈپ كەلگەن ئاتالمىش " پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى " ئۇيغۇر رايونىدا ئەمدىلا بىخلىنىپ، ئىلغار پىكىرلىكلەر ۋە سەىدىيە خانلىقىدىكى ئىلغار كۈچلەر تەرىپىدىن بېسىلىپ ياتقان تەركى دۇنيا خۇراپاتلىققا كاتالىزاتور بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىممۇ ئىستېمالدىن قېلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى يىمىرىلىپ قەشقەرلىك، خوتەنلىك، ئاقسۇلۇققا پارچىلاندى. شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپى نىشانىنىڭ بۇرۇلۇشى ۋە دىنىي ئەقىدىنىڭ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، خۇراپاتلىققا ئايلىنىشى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماددىى ئىشلەپچىقىرىش، ساپا، نوپۇس جەھەتتىن غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى. تەلۋىلەرچە دىنىي ئېتىقادتىن باشقا ھېچنېمىسى يوق نادان خەلق ئۆز ئارا "ئاق تاغلىق"، "قارا تاغلىق" بولۇپ، قىرغىن قىلىشىپ ئىنسانىي ھوقۇق، كىشىلىك قەدىر قىممەت، نىكاھ ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىبرەت بولغۇدەك دەپسەندە قىلىندى. ھەتتا ئادەم بېشىدا قىزىل دەريا بويىدا خاتىرە مۇنار تىكلەندى. شۇندىن كېيىن ئازادلىققىچە بولغان بىر دەۋردە ئۇيغۇر دىيارىدا تۈگىمەس ئىچكى جېدەل، ئوخشىمىغان "ئىسلام" گۇرۇھلىرى، ئوخشىمىغان ھەم پىشمىغان نەزەرىيە ھۆكۈم سۈرۈپ، ياڭ زېڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە كۇلمىناتسىيە نۇقتىسىغا يەتتى. بۇ ھەقتە نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوف : «مۇسۇلمانلار ئىچىدە نېمىشقا ئىلىم لازىم دەرىجىدە تارقالمىدى؟ ھەقىقىي سەۋەبى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ پۇلنىڭ يوقلۇقىدۇر، كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبى بولسا بەك ئوچۇق، مىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن بىز ئوقۇش ۋە باي بولۇشقا ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىن قىلىشقا ۋاقىت تاپالماي يۈرىمىز، بۇ يولدا سەرپ قىلغان بايلىق ۋە كۈچىمىزنى ساۋاب ھېسابلايمىز، قاراڭلار، ئىسلام دۇنياسىغا! كىم كىم بىلەن سوقۇشىدۇ؟ مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار بىلەن سوقۇشىدۇ، مۇشۇ سوقۇشقا كەتكەن پۇل ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن بولسا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم يامان ئەمەس تارقالغان بولاتتى» دەپ ھەسرەت بىلەن يازدى. ئۇيغۇر تارىخىدا ھەر بىر دەۋردە يىراقنى كۆرۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان ئالىم، زىيالىي، شائىر، يازغۇچى چىقىپ تۇرغان. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىزدىنىىشى، ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولۇپ تۇرغىنىمۇ يالغان ئەمەس. ساتقىن - مۇناپىقلارنىڭ ئىلغارلارغا تۆھمەت قىلىشى، زىيانكەشلىك قىلىشى تارىخ سەھنىسىدە قايتا - قايتا ئوينىلىپ تۇرغان تراگېدىيىگە ئوخشاش قايتا - قايتا تەكرارلانسىمۇ، ئۇيغۇر ئانىللىرى ھەرخىل ئىسىمدىكى ئىلغارلارنى ئۇلاپ تۇغۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئاۋام خەلق نەچچە يۈز يىل مائارىپسىز قالغان بولغاچقا، ئۇلاردا ئەڭ ئاساسىي بولغان قارشىلىق كۆرسىتىش ئېڭى، گۇمان ئېڭى، كرىزىس ئېڭى يوقىلىپ، مەسچىت خانىقانى كۆرسە، ياكى ئەرەبچە ناخشا - مۇناجاتنى ئاڭلىسىمۇ يىغا تۇتىدىغان، كۆڭلى يۇمشاق، نادان، كىم قاياققا تارتسا شۇ ياققا ماڭىدىغان، ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئويلىنىشنى گۇناھ دەپ قارايدىغان بىر خىل جەمئىيەت مۇھىتى شەكىللەندى. ساياھەت ۋە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەن چەت ئەللىكلەرمۇ «چېكىدىن ئاشقان دىنىي تەلۋىلىك بۇ خەلقنىڭ ئازاب -ئوقۇبەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى» دەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.نامراتلىق ساتقىن ۋە خاىنغا ئىدىيىۋى دەستەك بولدى، ئاۋام خەلق ئاق-قارىنى غۇۋا بىلسىمۇ، گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بەزىللىرى بىر ئۆمۈر تىرىشىپ - تىرمىشىپ بېقىپ ئاخىرى قان قۇسۇپ، «خۇدا» دېگىنىچە جاينامازغا يىقىلدى، يىقىلمىغانلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىدەك ئەلەملىك كۈلۈپ تۇرۇپ جادۇغا باش قويدى. چەت ئەل تارىخىغا قاراپ باقساق، ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر خىل ئورتاقلىقنى بايقايمىز. نېمە دېگەندە ــ مائارىپ! ھەقىقىي قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىچى زۆرۈر شەرتى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى بولۇشى، بولغاندىمۇ يۇقىرى ساپاسى بولۇش كېرەك . ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ كېلىپ، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن باغلايلى. بىز ھازىر تەنقىد قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە تەرەققىيات، ئىقتىساد، جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق، زەھەر چېكىش، ئەيدىز، غۇرۇر، كرىزىسقا ئۇچراۋاتقان خاسلىق قاتارلىقلار. نۇرغۇن كىتابلار يېزىلدى، زەھەردەك سېسىق ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى. چېكىدىن ئاشقانلىرىدا ئىنكار قىلىنماسلىققا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىنكار قىلىندى. ھەتتا مەسئۇلىيەتنى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ زىيالىيلارغا تىغ ئۇچى قارىتىلدى. مەسىلە ھەل بولدىمۇ؟ ياق، ئۆز پېتى كېتىۋەردى. نېمە قىلىش كېرەك ؟ خوش، ئەمدى ئۈستىدىكى گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر نۇقتىدىن پاراڭلىشايلى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى» دېگەن چوڭ ھەجىملىك فىلىمنى قويغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇنبەرلەردە قاتتىق زىلزىلە قوزغىدى. نەچچە كۈن ئاۋۋال چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيىگە تەكشۈرۈشكە بارغان پروفېسسورى تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «بىزنىڭ GDP ياپونىيىنى ئىككى قاتلىغان بىلەن، ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى ياپونىيىگە يەتكىلى يەنە ئوتتۇز يىل پەرق بار ئىكەن» دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى. سىنگاپور سەھەر گېزىتى ئۇزۇن تەھلىل ماقالىسى ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇقلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، ھەربىي كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشى، GDP نىڭ ئېشىشى ھەقىقىي قۇدرەت تېپىشنىڭ شەرتى، لېكىن ئۇ ھەقىقىي قۇدرەت تاپقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى چوقۇم ئۆسۈشى كېرەك، دەپ خۇلاسە چىقاردى، ئارقىدىن گېرمانىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، ياپونىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، ئامېرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، فرانسىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى دېگەن كىچىك تېمىلاردا ئايرىم - ئايرىم توختىلپ، ئىنچىكە تەھلىل ئېلىپ بېرىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ھەقىقىي قۇدرەت تېپىشنىڭ تۈپكى ئاساسى ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسىدا، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى مائارىپتا، شۇڭا ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چوقۇم مائارىپقا تايىنىش كېرەك، دەپ خۇلاسە چىقاردى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ «ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئۇيغۇن جەمئىيەت قۇرۇش» دېگەن چاقىرىقنى مۇنداقلا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتۇرىغا قويغان دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە چاقىرىق. ئۇنى ئۆگىنىپلا قويۇش، تەتقىق قىلماسلىق توغرا پوزىتسىيە ئەمەس. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، تەرەققىيات ئەھۋالى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان چاقىرىق. بىز جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەزا مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقىرىقى تەھلىلنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەك . ئەگەر ساپا يۇقىرى بولغان بولسا، ئەنخۇيدىكى بوۋاق بالىلار ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىت يېمىنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ بولمىغان يالغان سۈت پاراشۇكى بىلەن بېقىلىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بېشى يوغىناپ كەتمىگەن بولاتتى، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپرىت، ھەتتا ئادەم سۈيدۈكىدىن يالغان ماۋتەي ھارىقى ياسىلىپ سېتىلمايتتى، ۋاقتى ئۆتكەن دورا -ئوكۇللارغا يېڭى ماركا چاپلىنىپ سېتىلمايىتتى، ساختا ماشىنا تورمۇز مېيى بازارنى قاپلاپ كەتمىگەن بولاتتى. نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ساپا تۆۋەن، مائارىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ياكى ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمىگەن. بۇ ھەقتە شاڭخەيلىك بىر ئادۋوكات ئالەم كېمىمىز ئاسمانغا چىقتى، لېكىن بىز پاسكىنا نەرسىلەرنى يېيىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، يېمەكلىكتىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمىز، دېدى ھەسرەت بىلەن. بۇ خىل مەسىلىلەرنى بازار باشقۇرۇش، سۈپەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تايىنىپ ياكى ئاممىۋى پاش قىلىش تېلېفونىغا تايىنىپ ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىغا، ماارىپقا تايانغاندىلا ھەل بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاق، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە قېقىلىپ-سوقۇلۇشقا ئۇچراپ، ھازىرقى دەۋردە ساپاسىزلار تەرىپىدىن چۆرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى، قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. مېھمان كۈتۈش، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، بالىلار تەربىيىسى، توي، نەزىر قاتارلىق پاالىيەتلەرنىڭ ئۆرپ -ئادەت ئاساسى جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ھازىر خەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلانغان قائىدە -يوسۇن بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بىزدە پاھىشە يوق، زەھەر چەككۈچى يوق، ئوغرى -بۇلاڭچى، قاتىل پاھىشىۋاز يوق دەپ دېيەلمەيمىز . بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئۇيغۇرلار ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىمۇ، خوجىلار دەۋرىدە خاراب بولغان ۋاقىتتىمۇ بىر تارىخى ھادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. شۇنداقلا، باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇتلەق تۈگىتىلگەن مەسىلە ئەمەس. ئىنسانلار جەمئىيىتى بولىدىكەن، بۇ خىل ھادىسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، يۇقىرى ساپالىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ھادىسە ھازىرغىچە مەۋجۇت، تۈگىتىلگىنى يوق. لېكىن بۇ خىل ھادىسىنى سان جەھەتتىن ئازايتىشقا بولىدۇ. ئازايتىش ئۈچۈن يەنىلا ماارىپقا، ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە تايىنىش كېرەك. بۇ يەردە ئېيتىلغان مائارىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ياكى ئالىي مائارىپنى كۆزدە تۇتمايدۇ، ئۇ 0 ياشتىن باشلىنىدىغان ئاىلە تەربىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا بىز يۇقىرىقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسەك، ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭ ئاىلە تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بايقايمىز. مائارىپ جۇڭگولۇقلار چۈشەندۈرگەندەك ئۇنداق تار دائىرىدە ئەمەس ، ئۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە چىرىك چىڭ خانىدانلىقى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ، چەت ئەل پاراخوتلىرىنىڭ زەمبىرىكى ئىشىك ئالدىغا توغرىلانغاندىمۇ، قىلچە نومۇس قىلماي ئۇلۇغ خاقان غەرب ياۋايىلىرىغا مېھر-شەپقەت ئاتا قىلدى، دەپ تارىخىي پۈتۈكلەرنى پۈتۈپ تۇرغان، كاڭ يوۇۋېيلار يۈز يىل يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنى قوزغاشتىن سەل بۇرۇن، جۇڭگولۇق زىيالىيلار بىلەن ياپونىيىدىكى زىيالىيلار دۈمبىسىگە ياۋروپادا گۈرۈچ بولمىسا ئاچ قالمايلى، بىر خالتىدىن گۈرۈچنى يۈدۈپ غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆگىنىشكە ماڭغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە غەربنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىنى ئېلىپ كېلەلىگىنى ياپونىيىدىن فۇزى يۈجى بىلەن جۇڭگودىن سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بولدى. مىيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيە شال تېرىش بىلەن بېلىق تۇتۇشنى ئاساس قىلغان، ياۋروپالىقلار زەمبىرەكنى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ، ھەر بىر توي قىلماقچى بولغان قىزنى ئاق تەنلىكلەر تۈكلۈك مەيدىسىگە بېسىپ بىر كېچە ياتقاندىن كېيىن كىيئوغۇلغا تاپشۇرىدىغان بىچارە دۆلەت ئىدى. ھۇرۇنلۇق، قاششاقلىق، مەينەتلىك، ياۋايىلىقتىن باشقا ھېچبىر يېڭىلىق يوق ئىدى. فۇزى يۈجى دېگەن ئورۇق، پۈۋلىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان بۇ چوقۇر ئادەم ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مىللەتنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدىگەندىن كېيىن غەزەبلەنگەن ھالدا قايتىپ كېلىپ، بۇرۇندىن باشلاپ ياپونىيە ئۇچراپ كەلگەن ۋە چوقۇنغان كوڭزى - مىڭزى ئىدىيىسىنى جان -جەھلى بىلەن سۆكتى، ھەتتا ياپونىيە گەرچە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئاسىياغا تەۋە بولسىمۇ، ئۇ چوقۇم ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دەپ «ئاسىيادىن ئايرىلىش نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى ياپونىيە پۇلىنىڭ ئۈستىدە بۇ ئادەمنىڭ رەسىمى بار. ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى جالالىدىن ئافغانى بىلەن يېقىنلىشىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان قىسمىمۇ بار .
بىز ماركسىزمچىلار، ياپون بۇرژۇازىيىسىنىڭ ۋەكىلى، ئەشەددى مىللەتچى، غەربپەرەس، بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشنىڭ كۈشكۈرتكۈچىسى بولغان فۇزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ماركسىزملىق نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ، بولۇپمۇ چەتنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا داىر قىسمىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ .
كاڭ يوۇۋېيلار "يېڭىلىق ئۈچۈن جۇڭگودا تېخى قان تۆكۈلمىدى، بىرىنچى بوپ مېنىڭ تۆكۈلسۇن" دەپ مەردانە ھالدا جازا سەھنىسىگە مىڭىپمۇ، تۈركۈملەپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى پاراخوتنىڭ ئاستا بۆلۈمچىسىگە مۆكۈنۈپ غەربكە بېرىپمۇ تاكى جۇڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغىچە جۇڭگونىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالمىدى. نېمىشقا ؟ ئۇلار غەرىپنىڭ ماھىيەتلىك نەرسىلىرىنى بىلەلمىدى، غەرب ئىدىيىسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرەلمىدى، ئەڭ مۇھىمى گالستۇك تاقاپ، كاستىيۇم-بۇرۇلكا، پەلتو كىيىپ كېلىپ، كافىخانىلارنى ئېچىپ، تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ شىلەپىسىنى سول قۇلىغا ئېلىۋېلىپ چىرايلىق قىزلارنى يېتىلەپ مېڭىشتىن باشقا مەدەنىيەت ئەكىلەلمىدى . قىياپەت ئۆزگەردى، مەردانىلەشتى، باشقىلار ھەۋەس قىلدى، قىزلارنى تۆت كوچىدا بوينىدىن قايرىپ تۇرۇپ سۆيەلىدى، بىراق، غەرىپنىڭ جۇڭگوغا كېلىشكە تېگىشلىك نەرسىسىدىن بىرىمۇ كەلمىدى.
21 -ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن دېگەندەك ئۆز تەقدىرى، تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. دەسلەپتە يەھۇدىيلار بالىسىنى تامدىن سەكرىتىدىكەن، ياپونلار بوۋاقنى چوڭ يولغا تاشلاپ قويۇپ ئۆزى ماڭمىسا يۆلىمەيدىكەن، تاماقتىن كېيىن مېۋە يەيدىكەن دېگەندەك قاراشلار بارلىققا كېلىپ، ئارقىدىن ئۇيغۇرنى سۆكۈپ تىللاش مودا بولدى. قوي گۆشىدىن باشلاپ چوڭ دادىمىزنىڭ ساقىلىغىچە ھەممىسى خاتا بولدى، ئوغرىنىڭ، جالاپنىڭ، ھەزىلەكنىڭ، ئاقچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولدى، خۇددى باشقا مىللەتلەر جەننەتتىن ئەمدى چىققاندەك. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرنى سۆيىمەن دەپ تۇرۇپ بىر قاچا تاماقنى نېسىگە بېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى. يەھۇدىي بالىسىنى تامدىن سەكرەتسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ياپون بالىسىنى يۆلىمىسە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتى، ئۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭ سىرى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ؟ ياق، مائارىپتا، ساپادا، ئائىلە تەربىيىسىدە .
ئۇيغۇرنى تىللاش مودا بولۇشتىن بارا -بارا قالغانىن كېيىن، بىر قىسىم ئاقكۆڭۈل ئەمما داۋاملىق كىتاب ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىشىلەر، نىيىتى خالىس، ئەمما كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەي، ماھىيەتنى تاشلاپ يۈزەكى نەرسىلەرنى بەك تەھلىل قىلىدىغان كىشىلەر دىنىي ئېتىقادىمىز سۇسلاپ كەتكەچكە ... دەپلا گەپ باشلاپ ھەممە گۇناھنى شۇ ياققىلا ئارتىپ، يەنە بىر يېڭى ئېقىم بارلىققا كەلدى. ئۇنى خاتا دېيەلمەيمىز، بىراق، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى شۇ يەردە دەپ كېسىپ دېيەلمەيمىز.
ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئەمەس، ياپونلارمۇ مۇسۇلمان ئەمەس، ئىنگلىز، گېرمان، فرانسۇزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس. ئۇلار قۇدرەت تاپالىدى، راۋاجلاندى، ئەيدىزنى كونترول قىلالىدى، دېمەك مەسىلە بىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەس. ئېتىقاد چوقۇم بولۇشى كېرەك، ئېتىقادسىز ئادەم ھەر قانداق يامان ئىشنى قىلىۋېرىدۇ ، چۈنكى ئۇنى چەكلەپ تۇرىدىغان سىرتقى كۈچ يوق، ئۇ قورقىدىغان ئىلاھىي كۈچ يوق. بىراق، خىروىن يۆتكەشتىن بۇرۇن نەزىر بېرىپ، يالىڭاچ ئۇسسۇلغا چىقىشتىن بۇرۇن «بىسمىللا» دېيىشتىن قارىغاندا مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن، ساپاسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن دىنمۇ چەكلەش كۈچىنى يوقىتىدىكەن، چۈنكى ئۇ دىننى بىر ئېتىقاد سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆستەڭ كولاشقا چىقىدىغان ھاشار سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. ئۇنداقتا ھەقىقىي ئېتىقادنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنىلا مائارىپقا، مائارىپ بىلەن بارلىققا كەلگەن ساپاغا تايىنىمىز. ساپا بولغاندىلا ئۇ مۇسۇلمانچىلىقنى، ئىنساننىڭ بۇرۇچ ۋە ئېتىقادىنى، ئائىلىنىڭ فۇنكسىيىنى چۈشىنەلەيدۇ، بۇنداق قوبۇل بولغان ئېتىقاد مۇستەھكەم بولىدۇ.
كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ كەتتۇق ، لېكىن ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش دېگەن نېمە ؟ دېگەن مەسىلە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ساپا ۋە مائارىپنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بۇنى يەنە ئىنچىكە سۆزلىسەك سەھىپە كېڭىيىپ كېتىپ، ئاپتورنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. خۇددى زوردۇنكام دېگەندەك دۇنيادا يامانلىق بىلەن ياخشىلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ساختىلىق بىلەن چىنلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ، بىر تەرەپنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەممىمز ئىزدەنگۈچى، ئىزدىنەيلى ...
خىروئىن، ئىپپەت -نومۇسىنى سېتىش، ساختىپەزلىك، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى پۈتۈن مىللەتنىڭ خاتالىقى سۈپىتىدە ئەمەس، ئىقتىسادىي ئامىل، جەمئىيەت ئامىلى قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇۋاپىق تەھلىل قىلىپ، تەنقىد قىلساق بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن ساپالىق كىشىلەر بار! ئۇيغۇر پاھىشە بار، يەردە سىچۈەنلىك ، خېنەنلىك، گەنسۇلۇق ... ئوخشاش بار، بۇ بىر جەمئىيەت ھادىسىسى. ھەتتا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دوكتور، ماگىستىر ئىچىدىمۇ بار. بۇنى مىللىي بېسىم قىلىۋالساق توغرا بولمايدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇرنى تىللىغىدەك ئابرۇيغا، بىلىمگە، تەجرىبىگە ئىگە ئىدى، تىللىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق، ئەڭ ئەدەبىي، ئەڭ ساتىرىك تىللار بىلەن تىللىغىلى سەۋىيىسى يېتەتتى، بىراق، دىققەت قىلساق، ئۇلار بۇ تەرەپتە بەك ئېھتىياتچان، بولۇپمۇ، مىللەت، زىيالىي، دېھقان دېگەن چوڭ ئۇقۇملارغا كەلگەندە ئۇلار بۇ ھەقتىكى پاراڭلاردىن قاچىدۇ ياكى كۆيۈنۈشنى ئاساس قىلىپ گەپ قىلغان. دېمەك، ئۇلار مەلۇم نەرسىلەرنى بىزدىن بۇرۇن ئويلاپ يەتكەن. ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر، مۆتىۋەرلەر، بەزى گەپلەرنى يەڭگىللىك بىلەن دېمەسلىكىدە چوقۇم بىر ئاساسى بار. بۇ يەنە ئىزدىنىدىغان بىر يېڭى تېما.
مەنبە:
http://bbs.dangdar.com/yazma-47-e.html