ئەنجان ۋەقەسى
2005 - يىلى 5 ئاينىڭ 12 -كۈنى 10دەك كىشى شۇ يەرلىك بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە ساقچى ، ھەربىلەرنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن قوراللىرىنى بۇلاپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن شۇ رايۇندىكى تۇرمىگە بكسۇپ كىرىپ تۈرمىدىكى 2000 دىن كۆپرەك جىنايەتچىنى قويۇۋەتتى . تۈرمىدە ئۇلار يەنە 10 دەك ماشىنا ۋە نۇرغۇن ئېغىر تىپتىكى ئاپتۇمات قاتارلىق قورال ياراقلارنى قولغا چۈشۈردى ۋە بۇ قوراللارنى غەزىپى تېشىپ تۇرغان جىنايەتچىلەرگە تارقىتىپ بەردى ، ئارقىدىن قوراللىق تەشكىللىك ھالدا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ھوكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئەنجاننى قولغا ئالدى .
ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ھۆكۈمەت دەرھال قوراللىق قىسىم ئەۋەتتى ، ئىسلام كەرىموف ئۆزى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن ئەنجانغا كەلدى .
قوراللىق گۇرۇھ بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئامما بىگۇناھ جىنىدىن ئايرىلدى ، كۆپلىگەن كىشىلەر قاماقلارغا ئېلىندى .
ئەنجان بىلەن قاراسۇ شەھىرى چىگرىلىدىغان چىگرىدا قىرغىستان قىسىملىرىنىڭ تەكشۈرىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەكتە .
ۋەقەدىن كېيىن ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوش :<< بۇ ۋەقەدىن چۆچىگەنلىكىنى >> ئېيتتى ۋە ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى ئەيىپلىدى .
ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رەنجىگەن بوش ئۆزبىكىستان خانئابادقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەربى قىسمىنى قىرغىستاننىڭ ماناس ئايدۇرۇمىغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى .
فەرغانە رايۇنىدا ئىسلام كەرىموف ھاكىميىتىگە قارشى ئۇيغۇرۋە ئۆزبىكلەردىن تەشكىللەنگەن ئىسلام رادىكاللىرى بىر قورال ياراق ئىسكىلاتىنى بۇلىغاندىن كىيىن ئارقىدىنلا بىر تۇرمىگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى ( بۇلارنىڭ كۆپى سىياسى جىنايەتچىلەر ئىدى) قۇتقۇزغاندىن كىيىن ئەنجاندا توپىلاڭ كۆتۇردى .ئىسلام كەرىموف توپىلاڭنىڭ پۇتۇن مەملىكەتكە كىڭىيىپ ئۆزنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ۋە ئارمىينى ئىشقا سىلىپ قولدىن كەتكەن ئەنجاننى قايتۇرۋالدى بىراق بۇقىتىمقى توقونۇشتا ھۇكۇمەت 500 دىن كۆپ پۇخرا ۋە ئەركىنلىكنى ئىزدىگۇچىلەرنى ئىتىپ تاشلىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يىرىمدىن ئازراقى ئۇيغۇرلار ئىدى.بۇ توپلاڭ كۇتۇرۇلگەن جاي تۇرىكمەنىستان، ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستانلارنىڭ مەركىزى پەرغانە ئويمانلىقى ئىدى.بۇ يەردىكى ئاھاللەر ئۆزبىك ،ئۇيغۇر .قىرغىزلار بولوپ ئوتتۇرا ئاسيا بويچە نامرات رايۇن.بىرەر دۇلەتنىڭ قۇللىشىغىمۇ ئىرىشەلمىگەن.ئەلەمگە چىدىمىغان خەلىق ئىسيانچىلار بىلەن بىرلىكتە ھۇكۇمەتكە قارشى تۇرغان بولسىمۇ.ئىسلام كەرىموف تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلدى.ئامرىكا بۇنىڭدىن نارازى بولوپ شۇنداقلار ئۆزبىكىستان دىمۇكراتىيسىدىن گۇمانلىنىپ ئۆزبىكىستا ن ھاكىميىتىنى ئەيىپلىگەچكە ئۆزبىكىستان ئامرىكىنىڭ خانئاباتتىكى ھەربى بازىسنى بىكارلاشتى تەلەپ قىلغان.ئامرىكىنىڭ ئۆزبىكىستاندىكى ھەربى بازىسى ۋە ئەنجاندىكى ۋەقە ئۇستىدە ئامرىكا ئىككىلەنمەستىن بىگۇناھ ئەنجان پۇخرالىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۆزبىكىستاننى ئەيىپلىدى ۋەخانئاباتتىكى ئارمىيسىنى تاجىكىستاندىكى رىيىنئاباتقا يۆتكىدى.ئامرىكىنىڭ ئۆچ ئىلىشتىن قۇرۇققان ئۆزبىكىستان ھاكىميىتى بىر كىچىدىلا ئۆزنى پۇتىننىڭ قوينىغا ئاتتى. ئۆزبىكىستاندا ئاز سانلىق مىللەت كۆپ بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلانىڭ سىياسى ئورنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغىنى يوق. شۇنداقلا ئۆزبىكىستاندىكى مىللەتلەر بىلەن مىللەتلەر ، رايۇنلار بىلەن رايۇنلار ئوتورسدىكى مىللى سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسلە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغىنى يوق. ئامرىكا بۇ قىتملىق ۋەقەنى ھۇكۇمەتنىڭ پۇخرالارغا ئىلىپ بارغان باستۇرۇشى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىپلىدى ۋە ھەر ئاماللەر بىلەن تەكشۇرۋاتىدۇ. كەلگۇسى بۇ ۋەقە ئىسلام كەرىموفنى سوتقا تارتىدىغان ئەمەلىي پاكىت سۇپتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىش مۇمكىن …
بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەپلەر ئاساسلىق سەۋەپنى تۇتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
بىرىنجى - ئۆزبىكىستان ئىقتىسادىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قىلىش سەۋەپلىك باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زوريىپ كىتىشى.
ئىىككىنجى -پەرغانە ئويمانلىقى ئىنقتىسادىنىڭ يۇكسەلمەسلىكى.
ئۇچىنجى -ھاكىميەت بىشىدىكىلەرنىڭ دىننى تەشكىلاتلارغا يول قويماسلىقى
تۆتىنجى -باشقا (ئۇيغۇر قاتارلىق) مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە چەكلىمىگە ئۇچرىشى
ئەڭ مۇھىمى چىرىكلىكنىڭ ئەۋىج ئىلىشى …يەنە مەن بىلمەيدىغان يۇشۇرۇن سەۋەپلەرمۇ بولىشى مۇمكىن ………
http://funy520.blogbus.com/logs/52628366.html