باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1325 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2358
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2358دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29116 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-06 23:34

بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى تەۋھىد قىرىندىشىمىز
بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز
بۇرۇنقى زامانلاردا ،ئىسلامغا ناھايىتى دۈشمەنلىك قىلىدىغان بىر كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ سۇئالى بار بۇلۇپ ،باغداتتىكى ھىچقانداق كىشى  ھەتتا ئۆلىمالارمۇ ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرەلمەپتۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۆپچىلىك ئالدىدىلا ئىسلامنى مەسخىرە قىلىشقا باشلاپتۇ.ئۇ دائىم ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى  ھاقارەت قىلىدىكەن.بىر كۈنى ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ كوچىلاردا مۇسۇلمانلارغا ھۆكىرەپ ۋاقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ.ئۇ ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا باشقىلارنىڭ ئۆز سۇئالىغا جاۋاپ بىرىشىگە چاقىرىپتۇ.
بۇ بالا جىمجىت تۇرغىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ،ئاندىن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ،ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كەپتۇ :"مەن سېنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بەرمەكچى."
ئۇ بۇ بالىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ ئاندىن يەنە مۇسۇلمانلارغا بولغان مەسخىرىلىرىنى باشلاپتۇ :"ئون ياشلىق بالا مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ  بەرمەكچى،سىلەر ھەممىڭلار يۆلەپ ئاران مۇشۇ بالىنى چىقىرالىدىڭلارمۇ؟!".
ئەمما بۇبالا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى قايتىلاپتۇ.ئۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە يىتەكلىشى بىلەن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىردىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ھېلىقى كىشى ئاخىرى قۇشۇلۇپتۇ.
پۈتۈن شەھەر خەلقى دائىم مۇشۇنداق يىغىلىش نۇتۇقلار بۇلۇپ تۇرىدىغان كىچىك تۆپىلىكنىڭ يېنىغا توپلىشىپتۇ.ئۇ كىشى تۆپىلىكنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىقىپ ۋاقىراپ تۇرۇپ بىرىنجى سۇئالىنى سوراپتۇ.
"سېىنىڭ رەببىڭ مۇشۇ ۋاقىتتنىڭ ئۆزىدە نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟"
بۇ كىچىك بالا بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ تۆپىلىكتىن چۈشۈشىنى ۋە ئۆزىنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن يۇقىرىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىشنى  سوراپتۇ.
بۇ ئادەم دەپتۇ:"نىمىشقا؟سەن مېىنى پەسكە چۈش دىمەكچىمۇ؟!".
بۇ بالا :"ھەئە،مەن سېنىڭ سۇئالىڭغا جاۋاپ بىرىشىم كېىرەك."
ھېلىقى كىشى تۆپىلىكتىن چۈشۈپتۇ،ئون ياشلىق بۇ بالا كىچىك قەدەملىرى بىلەن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
بۇ بالا ئۇنىڭ سۇئالىغا مۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:"ئەي قۇدرەتلىك ئاللاھ!سەن مۇشۇ كىشلەر ئالدىدا مېىنىڭ قىلغىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن .سەن پەقەت مۇشۇ كاپىرنىڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈشىنى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ئىكراملىق يۇقىرى ئورۇنغا چىقىشىنى خالاۋاتقانسەن !!"
كۆپچىلىك خۇشاللىقىدىن تەكبىر ئېتىشىپتۇ......."ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!!"
بۇ ئادەم نۇمۇستىن رەسۋا بوپتۇ،شۇنداقتىمۇ چاندۇرماستىن ئىككىنجى سۇئالىنى سوراپتۇ:"بۇ ئالەمدە پەرۋەردىگارىڭنىڭمۇ ئالدىدا زادى نىمە مەۋجۇت ئىدى؟؟؟"
بۇ بالا ئۇ كىشىنى ئارقىدىن باشلاپ ساناق ساناشقا بۇيرۇپتۇ:"10دىن باشلاپ ئالدىغا ساناپ باق".
بۇ كىشى ساناپتۇ....  "0،1،2،3،4،5،6،7،8،9،10"
بالا سوراپتۇ:" نۆلنىڭ ئالدىدا نىمە بار؟"
ئۇ كىشى جاۋاپ بىرىپتۇ:"بىلمەيمەن......ھىچنىمە يوق."
بالا دەپتۇ:"پۈتۈنلەي  مۇشۇنداق.ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھىچنەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئۇ ئەل ھەييۇ (مەڭگۈ ھايات ئاللاھ) ۋە ئەل باقىيۇ (مەڭگۈ باقى ئاللاھ.) "
جامائەت يەنە خۇشاللىقتىن قىقاس چۈقان سېلىشىپ تەكبىر ئېيتىشىپتۇ......"ئاللاھۇ ئەكبەر!!!!!!"
ھېلىقى ئادەم ئۈمىدسىزلىنىپ ،ئاخىرقى سۇئالىنى سوراپتۇ:"رببىڭنىڭ يۈزى قايسى تەرەپكە قاراقلىق؟؟؟"
بۇ بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپتۇ، ئاندىن شام تېپىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ.ئۇنىڭغا شام كەلتۈرلۈپتۇ، ئۇ شامنى ھېلىقى كىشىگە بىرىپ ئۇنى ياندۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ.
بۇ ئادەم بالىنىڭ دىگىنىدەك قىلىپ سوراپتۇ:"سەن بۇنىڭ بىلەن نىمىنى ئىسپاتلىماقچى؟"
بالا سوراپتۇ:"شامنىڭ نۇرى قايسى تەرەپكە كىتىپ بارىدۇ؟"
بۇ ئادەم جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ:"ھەممە تەرەپلەرگە".
بالا دەپتۇ:"سەن ئۆزۈڭنىڭ سۇئالىغا ئۆزۈڭ جاۋاپ بەردىڭ ،ئاللاھنىڭ نۇرى ھەممە تەرەپلەرگە بارىدۇ،ئۇ ھەممە يەردە بار".
جامائەت خۇشاللىقتىن چۈقان سېلىشىپ تەكبىر ئېيتىپتۇ......"ئاللاھ ئەكبەر".
بۇ ئادەم بالىنىڭ بىلىمىدىن ۋە روھىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ،ئاندىن  مۇسۇلمان بۇلۇپ بۇ كىچىك بالىنىڭ تالىپى بوپتۇ.
بۇ بالا زادى كىم؟

بۇ بولسا بىزنىڭ داڭلىق فىقھى ئالىملىرىمىز ۋە مەشھۇر ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە(ئاللا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن.)




ئىمام ئەزەم -ئەبۇ ھەنىفە

ئىمام ئەزەم -ئەبۇ ھەنىفە
                                                              (699-767)


ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىپىدىكى تۆت ئىمامنىڭ بىرى ، مىڭ يىلدىن بۇيان تۈركىيە-مىسىردىن تارتىپ بېنگالغىچە بولغان كەڭ زىمىندا ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ھەنەفى مەزھەبنىڭ ئاساسچىسى  ئىمام ئەزەم-نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتا ئەل فارىسى ھىجرىيەنىڭ 80 - يىلى كۇفىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئەجدادى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھرىدىن بولۇپ، ئەرەب مۇسۇلمانلىرى كابۇلنى فەتھ قىلغاندا ئۇنىڭ بوۋىسىنى ئەسىرگە ئېلىۋېلىپ، بەنى تەيىم قەبىلىسىدىكى بىرسىگە قۇل قىلىپ بەرگەن. كېيىن ئۇلار ئۇنى ئازات قىلىۋەتكەن.
   ئىمام ئەبۇھەنىفە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇفىدە ئوقۇش - ئوقۇتۇش ۋە ئىجتىھاد ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھاللىق تىجارەتچى ئائىلىلەردىن بولۇپ، خەلىپىگە تاتلىق يىمەكلىك ھەدىيە قىلالىغۇدەك ئەھۋالدا ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ دادىسى نوئماننىڭ ئائىلىسىنىڭ بەرىكەتلىك ئائىلە بولۇشىغا دۇئا قىلغان.
    ئىمام ئەبۇھەنىفە قۇرئاننى يەتتە قىرائەتنىڭ بىرىنىڭ ئىمامى ئاسىمدىن ئۆگەنگەن، كۇفە شەھىرى ئەينى زاماندا ئىراقنىڭ بارلىق فەقىھلىرى(فىقھى ئالىملىرى) توپلاشقان جاي بولۇپ، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ۋە ئىلىم- ئىجتىھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىشنىمۇ تاشلىمىغان. ئۇ ئىلىمدا ئۆلىمالارغا ئۈلگە بولغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ تىجارەتچىلەرگە ئۈلگە ئىدى. ئۇ تىجارەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنەتتى.
1 - ئۇنىڭ كۆزى توق ، تاماخورلۇقتىن يىراق ئىدى .
2 - ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى.
3 - ئەپۇچان ئىدى. اﷲ تائالا ئۇنى ئىچى تارلىقتىن ساقلىغان ئىدى.
4 - ئۇ دىنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلايتتى ھەم قاتتىق ئىبادەتگوي ئىدى. ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى.
كۆپىنچە كىشىلەر تىجارەتتىكى سۈپەتلىرىدە، ئۇنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىتاتتى.
بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفىگە بىر يىپەك كىيىم ئېلىپ كەلدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:
ـ بۇنى قانچىگە ساتىسىز؟ دىدى. ئۇ خوتۇن:- يۈز دەرھەمگە، دىدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:
ـ بۇ كىيىم يۈزدىن جىق پۇلغا يارايدۇ، قانچىگە ساتىسىز؟ دىدى. ئۇ ئايال يەنە يۈزنى قوشتى، ئىمام ئەبۇھەنىفە:
ـ يەنىلا ئەرزان بولۇپ قالدى، دەۋەردى ھەتتا ئۇ كىيىمنىڭ باھاسى  تۆت يۈزگە چىقىۋىدى، ھېلىقى ئايال:
ـ مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دەپ خاپا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇھەنىفە:
ـ سىز بىر ئادەم ئېلىپ كېلىڭ، باھا قويۇپ بەرسۇن، دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كېلىپ باھا قويۇپ بەردى.
   ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۇ كىيمنى بەش يۈزگە ئالدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ  باشقىلارنىڭ بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىۋالمايتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر خېرىدار ئاجىز ياكى دوستى بولسا پايدا ئالمايتتى، بەزىدە تېخى ئالغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ بېرەتتى.
   بىر قېتىم بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ:
   - مەن بىر ئاجىز خوتۇن، سەن بولساڭ بىر ئىشەنچلىك ئادەمسەن، ماڭا بۇ كىيىمنى ئىزىغا بەرگىن - دىدى.
   - بۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ ـ  دىدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.
   - مەن بىر قېرى ئايالمەن، مېنى مازاق قىلماڭ، دىدى ئۇ ئايال.
   - مەن ئەسلىدە ئىككى كىيىم ئالغان ئىدىم، بىرىنى ئىككىسىنىڭ پۇلىدىن تۆت دەرھەملا كېمىغا ساتقان ئىدىم، بۇ كىيىم ماڭا تۆت دەرھەمگە قالغان، دىدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.
   ئۇ يەنە ھەرقانداق شەكلىك نەرسىدىن ناھايىتى ھەزەر ئەيلەيتتى.
   بىر قېتىم ئىمام ئەبۇھەنىفە بىر مالنىڭ ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى، ساتقىچە چوقۇم خېرىدارىغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى شېرىكىگە ئېيتىپتۇ، شېرىكى مالنى ساتقىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەيىبىنى دىمەستىنلا سېتىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مالنى ئالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئىمام ئەبۇھەنىفە بۇ ئەھۋالنى بىلىپ شۇ مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ.
   شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇھەنىفە اﷲ نىڭ بەرىكەت بېرىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇ مال- دۇنياسىنى ئۇستازلىرىغا، شاگىرتلىرىغا ۋە ھەدىسشۇناسلارغا بېرىپ:-ئۆز ھاجەتلىرىڭلارغا ئىشلىتىڭلار، اﷲ تائالادىن باشقىغا رەھمەت ئېېيتماڭلار. چىنكى، مەن ئۆزىمنىڭ مئلىمنى بەرمىدىم، پەقەت، بۇ اﷲ تائالانىڭ سىلەرگە قىلغان پەزلى - مەرھەمىتىدۇر-: دەيتتى.
   ئىمام ئەبۇھەنىفە ناھايىتى ئېسىل كىيىنىپ، پاكىزە ۋە رەتلىك ياسىنىپ يىرەتتى.
   ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ زامانداشلىرىدىن فۇزەيل ئىبنى ئىياد مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەبۇھەنىفە فىقىھ ساھەسىدە تونۇلغان كاتتا فىقھىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا كاتتا بايلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بىر نەرسە ئۈمىد قىلىپ كەلسە، ئۇ ئۈمىد قىلىنغىنىدىن ئارتۇق ياخشىلىق قىلاتتى. كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئېغىر بېسىق ئىدى، ھەتتا مەسىلىلەرگە ھالال ياكى ھارام دەپلا جاۋاپ بېرەتتى، ھەقنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۈلگە ئىدى».
   ئىمام ئەبۇھەنىفە ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇ بەزى ئۇزۇن ياشىغان ساھابىلارنى كۆرگەن تابىئىدۇر. لېكىن ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان (شۇڭا بەزىلەر ھەدىس رىۋايەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تابىئى بولمايدۇ دىگەن).
  ئۇ كۇفەدىكى ئالىملاردىن ئىلىم ئىگەللەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەككىدە ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھتىن، مەدىنىدە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملار بىلەن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان.
   ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىرلىك بولۇپ مۇنازىرىلىشىشتە يئتىلگەن ناتىقلاردىن ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھاياتىدا 22 باتىل پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئىسلامنى قوغدىغان.
  ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ فىقھى ھەققىدە ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان كىتابى يوق. چېنكى، ئۇنىڭ زامانىدا كىتاب يېزىش ئىشلىرى تېخى ئومۇملاشمىغان ئىدى. بەزىلەر «ئەلفىقھۇل ئەكبەر» دىگەن كىتابنى ئىمام ئەبۇھەنىفىگە مەنسۇب قىلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىتابنى ئۇنىڭ يازغانلىقى ئئنىق ئىسپاتلانمىغان. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرى شاگىرتلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن ياكى ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ خاتىرىلەتكۈزگەن، ئاندىن شاگىرتلىرى شۇ پىكىرلەرنى ئۆز كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان.
   چوڭ شاگرتلىرىدىن ئەبۇيۈسۈف ۋە مۇھەممەد(ئىمام شافىئىنىڭ ئۇستازى) ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەبۇ ھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ ئىككىسىگىلا «ئاسار» دەپ نام بەرگەن. كىيىنكىلەر ئىمام ئەبۇھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى بىر كىتاب قىلىپ توپلىغان، كىيىنچە بۇ كىتاب «مۇسنەدۇ ئەبى ھەنىفە»  دىگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان.
   ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتىكى پىرىنسىپى:
   «تارىخى باغداد»تا ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ سۆزى ئۆز تېكىستى بويىچە مۇنداق كەلتۈرۈلگەن: «مەن فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدى بىلەن اﷲ نىڭ كىتابىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇنىڭدا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇ ئىككىسىدىلا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ قارىشىنى خالىسام، شۇنىڭكىنى ئالىمەن. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بار يەردە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئالمايمەن. ئەمما ئىبراھىم نەخەئى، شەئبى، ئىبنى سىيرىن، ھەسەن، ئەتا ۋە سەئىد ئىبنى مۇسەييىب قاتارلىقلار (بۇلار ئەبۇ ھەنىفىگە زامانداش تابىئى ئالىملاردۇر)غا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان كىشىلەردۇر، مەنمۇ ئۇلاردەك ئىجتىھاد قىلىمەن.»
   ئۇ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا تۆۋەندىكى يەتتە نەرسىگە تايانغان:
1 - قۇرئان كەرىم.
ئىسلام شەرىئىتىدە قۇرئان كەرىم بارلىق مەنبەلەرنىڭ مەنبەسىدۇر.
2 - سۈننەت.
   سۈننەت رىۋايەت قىلغانلارنىڭ سانىغا قاراپ: مۇتەۋاتىر، مەشھۇر ۋە ئاھاد دەپ ئۆچ تىرگە بۆلىنىدۇ.
مۇتەۋاتىر دىگىنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر مۇنچە كىشىلەر ئاڭلىغان، ئۇنى يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر رىۋايەت قىلغان، رىۋايەن قىلغۇچىلارنىڭ يالغانغا بىرلىككە كېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولمىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسلەر ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ نەزىرىدە ھۆججەتتۇر. مەشھۇر ھەدىس بولسا، مۇتەۋاتىردىن تۆۋەنرەك ھەدىستۇر، ئەمما شۇ دەۋىردە(ھىجرىيە 3 - ئەسىرلەردە) مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇش زۆرىر. ئەمما شەكسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما ئاھاد بولسا، بىر ياكى ئىككى ئادەم ئارقىلىقلا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، بۇنى ئەمەل - ئىبادەتلەردە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئېتىقادىي مەسىلىلەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
3 - ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى.
   ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇش كېرەك دەپ قاراپ ساھابىلارنىڭ سۆزى بار يەردە باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئالمايدۇ.
4 - ئىجمائ.
   بۇ، مەلۇم بىر ئەسىرنىڭ مۇجتەھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ھۆكۈمدە بىرلىككە كېلىشى دىگەنلىكتۇر.
5 - قىياس.
   بۇ ھەرگىزمۇ دەلىل بار تۇرۇقلۇق قىياس قىلىش بولماستىن، بەلكى دەلىل بولمىغان ياكى ھەدىسنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتمىگەندە ئاندىن شەرىئەتنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا ئاساسەن قىياس قىلىش بولۇپ، قىياس قىلغاندىن كېيىن سەھىھ ھەدىس تېپىلسا ۋە ھۆكۈم ھەدىسكە مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ ھەدىس ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرگەن بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈم  ھەدىسكە زىت كېلىپ قالسا، ئۇ ھۆكۈمدىن دەرھال يېنىۋېلىش كېرەك.
6 - ئىستىھسان.
   كىچىك دەلىل ياكى بىرەر كىچىك سەۋەبكە ئاساسلىنىپ قىياسقا خىلاپ ھالەتتە چىقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.
7 - ئۆرپ - ئادەت.
   ئەگەر قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى بولمىغاندا ۋە ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقان جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى شەرىئەتكە خىلاپ بولمىسا، شۇ ئۆرپ - ئادەت شەرىئەتكە دەلىل بولالايدۇ.
   ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىگىنىڭ خەلىپىلىرىدىن ئەبۇجەئفەر ئەلمەنسۇر ئۇنى قازىلىققا تەيىنلىگەندە ئۇ رەت قىلغان شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم شەكلىنىپ قالغان مەسىلىلەردە قازىلىق قىلىپ بېرىشىنى ئئيتقاندا يەنە رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۇرۇپ زىندانغا سولاپ قويۇشقا بۇيرىغان، كېيىن تۈرمىدىن چىقىرىپ كىشىلەرگە دەرس سۆزلەش، پەتىۋا بېرىش ۋە سىرتقا چىقىشنى مەنئى قىلغان، ئىمام ئەبۇھەنىفە شۇ ھالەتتە ھىجىرىيە 150 - يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان، نامىزىغا تەخمىنەن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان (اﷲ ئۇنىڭ ياتقان يئرىنى جەننەت قىلسۇن ئامىن).





ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-03-30

ياخشى تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە قولىڭزغا دەت بەرمىسون،
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 16:27

ياخشى تېما يوللاپسىز رەخمەت سىزگە قولىڭزغا دەت بەرمىسۇن،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن     
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.