يېرىم كېچە بولدى، سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىز ئۇچۇقمۇ ياكې ئىتىك
قىز ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلىىفۇنىنى ئېتىپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى رەسىم جازىسىنىڭ يېنىغا قۇيۇپ قويىدىكەن،قىز تېلىفۇن ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن تارتىپ بۇنىڭغا ئادەتلەنگەنىكەن .
قىزنىڭ ئىنتايىن ئۆتىدىغان بىر ئوغۇل دوستى بار ئىكەن، ئۇلار دائىىم تېلىفۇن قىلىشىپ ياكى ئۇچۇر يوللىشىپ تۇرىدىكەن، ھەر ئىككىسى بۇخىل ئالاقە ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى بەكمۇ سېغىنىپ،قىزغا تېلىفۇن قىلغانىكەن ،قىزنىڭ تېلىفۇنى ئىتىك چىقىپتۇ، چۈنكى قىز ئۇيقۇغا كەتكەنىكەن، ئەتىسى يىگىت قىزغا:<بۇنىڭدىن كىيىن تېلىفۇنىڭىز نى ئىتىۋالمىسىڭىز ،بولامدۇ؟ چۈنكى سىزنى ئىزلىگىنىمدە سىزنى تاپالمىسام ، بەك بىئارام بۇلۇپ كېتىدىكەنمەن>.شۇنىڭدىن كىيىن قىز كېچىسى تېلىفۇنىنى ئەتمەسلىككە ئادەتلىنىپتۇ. ھەتتا كېچىلىرى يىگىتىنىڭ تېلىفۇنىنى ئاڭلىيالماي قىېلىشتىن ئەنسىرەپ ،كېچە-كېچە ناھايىتى سەگەك ئۇخلايدىغان بۇلۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قىز ناھايىتى ئۇرۇقلاپ ،سارغىيشقا باشلاپتۇ.
بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاستا-ئاستا سوغۇقچىلىق يۈز بىرىشكە باشلاپتۇ، قىز ئايرىلىش خەۋىپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،بىر كۈنى كېچىدە يىگىتىگە تېلىفۇن قىلىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ :< كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابۇنىت ئىتىككەن>. شۇنىڭ بىلەن قىز ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭمۇ تاقالغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.
ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن قىز قايتا مۇھەببەتلىشىپتۇ، بۇ ئىككىسىمۇ بەك ئىناق ئۈتۈپتۇ، بىراق قىز زادىلا توي قىلىشقا ئۇنىماپتۇ، چۈنكى قىزنىڭ قەلبىدە ئاشۇ يىگىت ھەم تېلىفۇن تاقالغان ئاشۇ كېچە بار ئىكەن، قىز يەنىلا تېلىفۇنىنى كېچىسى تاقىمايدىكەن ، بىراق تېلىفۇننىڭ قايتا سايرىشىغا ئۈمۈد باغلىمايدىكەن.
بىر كۈنى كەچتە قىز قىزىپ ،بەكمۇ بىئارام بۇلۇپ، ئەسلى ئاتا-ئانىسىغا ئۇرماقچى بولغان تېلىفۇننى ھازىرقى يىگىتىگە ئۇرۇپ ساپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن يىگىتنىڭ تېلىفۇنى ئۇچۇق چىقىپتۇ، كىيىن قىز يىگىتتىن :<نىمىشقا تېلىفۇنىڭىزنى ئىتىپ ئۇخلىمىدىڭىز> دەپ سوراپتۇز، يىگىت :< سىزنىڭ مىنى يېرىم كېچىلەردە ئىزدەپ تاپالماي ،تېنەپ قىلشىڭىزدىن ،بەك ئەنسىرەيمەن>دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قىز ئاخىرى ھېلىقى يىگىت بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلۇپتۇ.
بۇ ھىكايىنى ئالدىنقى ساندا بىر ئۇقۇرمىنىمىز ئادرىسىنى سوراپتىكەن ،شۇڭا يوللاپ قويدۇم.
بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ياشلىرىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، ياشلىقتا توغرا يولغا باشلىغاي ، سۆيگۈ يۇلىدا بەندىنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماي ، ئاۋال ئاللاھنى سۆيىدىغان قەلىپنى بەرگەي.