ئۈمۈتلىك ياشايمەن
ئانامدىن ئۆگەندىم ئىسىل خسلەتنى،
دادامدىن ئۆگەندىم باتۇربۇلۇشنى .
ئىرادە ،ئۈمۈد، غورورنى ،بەخشەندە قىپ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم ئۈمۈتتە ياشاشنى.
ئادىمى شەيتاندىن بۇپ كەلدىم يىراق،
قىلمىسۇن دېگەچكە قەلبىمنى گۈمران.
غەپلەتتە ياشاش ياراشماس ئىنسانغا،
ھېكمەتنى يار قىلدىم ئۆزەمگە ھامان.
باشقىلار بەختىگە قىلمايمەن ھەسەت،
قەلبىمنىڭ مىيۋىسى يىتەرلىك ماڭا.
تەييارغا ھەييار بۇپ كەلمەس ياشىغىم،
تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشايمەن شۇڭا.
ئۈمۈدسىز قەلىبكە كەلمەس بەخىتمۇ؟
ئىرادە،ئىشەنچ ئىنسانغا باغ بۇلۇر.
نۇر تۆكۈپ قەلبىڭدىن ئەجىرلىك ياشساڭ،
دۇنيادا ئەۋلادىڭ سەندىن زوق ئالۇر.
مەنبە قەلىمىم