باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2210 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لوندوندىكى ئۇيغۇر باللىرى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 3130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 11:36

لوندوندىكى ئۇيغۇر باللىرى


لوندوندىكى ئۇيغۇر باللىرى
( ئابدۇقادىر جالالىدىن )

سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

*****************************************

قارا ھىجران دەردكە قېلىپ ئانىلار ،
پۇل تاپىمەن دەپ چىڭقىلىپ دادىلار ،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى ۋەتەندىكى دالىلار،
سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

كىلىپ راسا ئوقۇي دېگەن نىيەتكە ،
كېلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كېرەككە ،
ئىلىم پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە ،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


سۈرۈشتۈرسەم سانى يۈزدىن ئاشارمىش ،
ھەر تەرەپتە ھەر شەھەردە ياشارمىش .
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش ،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش .
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


لوندۇن دېگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن.
پۇرسەتكىمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن.
ھەر قەدەمدە پۇلغا تولغان شەھەركەن .
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


خېنىملاردەك تارتتى مىنى جىلۋىسى ،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىكتە ھىيلىسى ،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى ،
دەردمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

« زىيارەتچى ئالىم » دېگەن ئاتاقتا ،
كىلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا ،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاقتا ،
غەم قاينايدۇ كاللا دېگەن قاپاقتا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


بىلگەنلىرى مىنى ھۆرمەت قىلىشتى ،
بوسۇغامغا زىيارەتكە كىلىشتى ،
بەزىللىرى تۇز ھەم تائام بېرىشتى ،
قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئېرىشتى ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن ،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا تەس ئىكەن ،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن،
ياشاش دېگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن.
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار،
بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار،
يۈرىكىدە شەلۋەرىگەن دەزى بار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


يىگىتلەرمۇ قۇرامىغا يىتىپتۇ ،
تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پېتىپتۇ ،
كىچىللىرى خىيال سۈرۈپ يىتىپتۇ ،
ئۇيقۇللىرى نەلەگىدۇر قېچىپتۇ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


قاراپ باقسام قىزلارمۇ بەك ياش ئىكەن ،
قاش كۆزلىرى چىرايلىقكەن شاش ئىكەن ،
قىلغانلىرى بىر - بىرىگە پاش ئىكەن ،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .

قىز ئوغۇللار بىر بىرىنى ياراتماي ،
بىر - بىرىنى بوسوغىغا يولاتماي ،
ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي ،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى غولاتماي ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە ،
خەق ئالدىدا بوپقالىسەن بىچارە ،
تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە ،
تالادىسەن سەرسانلىقتا ئاۋارە ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


ئىشلىگەندە قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا ،
غايىلەرمۇ دەسسىلىپتۇ ئاياقتا ،
مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نەۋاقتا ،
كېلەچەككە ئاخىرى يوق سولاقتا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ،
بەزى تۇتۇق، بەزىلەردە ئېچىلىپ ،
ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئېچىنىپ ،
خىزمەت چىقسا قىزغىنىشىپ ئېتىلىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


ئوقۇمىسا كېلەچەككە چارە يوق ،
ئوقۇي دېسە ياندا ئاقچا - پارە يوق ،
خوتۇن ئالاي دېسە قىز بار ، يارى يوق ،
قىزلارنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى يوق ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار .


تورغا چىقىپ ئېلىخەتلەرنى يوللىشىپ ،
يىراقىتىكى بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ ،
تەسەللىدە بىر - بىرىنى قوللىشىپ ،
روھلانسىمۇ ئاخىرى يەنە سولىشىپ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار ،


مۇساپىرلىق ھەممىمىزنى تاسقايدۇ ،
بىر كۈنمۇ ھايات كۈلۈپ باقمايدۇ ،
يات شەھەردە جان قىيلىنىپ قاقشايدۇ ،
شۇنداق قىلىپ بېلى بوشنى تاۋلايدۇ ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.


ياشاشقىمۇ ياراپ قاپتۇ بالىلار ،
ئانچە - مۇنچە بىلىم ئاپتۇ بالىلار ،
پۇلمۇ يىغىپ ، يۇرتقا ساپتۇ بالىلار ،
جۆرىسى يوق، قاراپ قاپتۇ بالىلار ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.



ئەجىر قىلساڭ كۆيۈپ بىرەر ئارماندا ،
مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا ،
قالسىمۇ گەر مۇساپىرلىق تۇماندا ،
ئەپلەشمىسە يەنە يىڭى پىلاندا ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.


دەيمەن ئانا ۋەتىنىڭنى ئۇنۇتما ،
ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما ،
ئۆز ئېلىڭگە ئاسىيلىقنى يولاتما ،
يۈرۈكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.

2006 - يىلى دىكابىر ، لوندۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1005 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2011-04-22

ناھايتى ياخشى شىئىر ئىكەن
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-01-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 13:12

چەتئەلگە چىققانلارنىڭمۇ كۈنى تەسكەندە.... بىر ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە مالايسىيەدە  ئوقۇۋاتقان بالىلار كەچكىچە ئۆيىدىن ئەۋەتكەن پۇللارنى خەجلەپ ئويناپلا كۈن ئۆتكۈزىدىكەن دەپ قاقشاپ بەرگەنىدى...
كۆرەش ياشىسۇن !!! ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 13:15

ياخشى شىئىر ئىكەن  !
    پىغان  ! پىغان!  پىغان ! يەنە شۇ پىغان !!!  
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە  ئەجدادىڭنىڭ  پۇتى يارا !!!..........
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 00:43

ياخشى شېئىركەن
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
مىللەت ئورۇشتا ئەمەس،سۇكۇتتە يوقلىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2673
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2011-11-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 22:45

بەلەن شىئىر!!لىكىن كونا تىمىكەن
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1137
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1137دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 12273 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-04-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 15:21

ھېلىغۇ چەتئەلكەن ئىچكىردىكىلەرنىڭمۇ ھالى خاراپ
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى