نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن
پەرزەنت تەربىيىسى توغرىلىق گەپ بولغاندا ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، كېچىككەنلىكىنى
بۇ ئىشتا بىشىنىڭ بەكلا قاتقانلىقىنى، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ . ئەمما ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا
ھەقىقىي بەل باغلىغان ، شۇنىڭغا ئەمەلى ھەركەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئاتا - ئانىلار بەك ئاز . چۈنكى، بۈگۈنكىدەك
دەۋردە ، ھەم بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ، بۈگۈن يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالايدىغان ، شۇنداقلا يەنە ئۆزىنىڭ
ئەسلىي ئېتىقادى ، دىنىدا ھەم چىڭ تۇرىدىغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش بەك مۈشكۈلدۇر . بۇ يەردىكى تەتۈر ھادىسە مۇنداق؛
ئەسلىدە ئاتا - ئانىنىڭ ئۆزى لاياقەتسىز ، بالىسىدىن كۈتىدىغان نەرسىنىڭ يېرىمىمۇ ئۆزىدە يوق . ۋەھالەنكى ، بالىلىرىدىن
ئەنە شۇنداق تاغدەك ئۈمىدلەرنى كۈتىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇمۇ تەبىئىي ئەھۋال ، چۈنكى ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئەنە شۇنداق
پىلانسىز ئائىلە مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى . شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ھازىرقى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاتا -
ئانىلىرى ئۇلارنىڭمۇ ئائىلە تەربىيىسىگە ئۇمۇمەن كۆڭۈل بۆلمىگەن . شۇنداقلا ئائىلىدىكى، تەبىئىي شەكىللەنگەن ئىستىخيىلىك
نوقتىدا چوڭ بولغان، پىلانلىق شەكىللەندۈرۈلگەن ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلار يوق دىيەرلىك . دېمەك ، بۈگۈنكى كۈندىكى
ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيەتسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ياكى بىزنىڭ بوۋىلىرىمىزنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن
كەلگەن .
ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى، كىشىلەر كېچىكىپ بولسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قېلىشتى.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە تىت - تىت بولىدىغان ، باش قاتۇرىدىغان يەرگە كەلدى . بۇ تۇلىمۇ خۇشاللىنارلىق ھادىسە. ئەمدى بىز دۇچ
كېلىۋاتقىنىمىز پەرزەنتلەرنى قايسى يولغا ، قايسى ئىدىيەگە ، قانداق يوللار بىلەن تەربىيلەش مەسىلىسىدۇر . ھازىر نۇرغۇن
ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىنگىلىز تىلى، كومپىيۇتىر ، ناخشا - ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ ،
تەتىللەردە ھەر خىل كۇرس ، كۇرژۇكلارغا ئاپىرىپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغاندەك
ھېس - تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ . ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن ، توغرا يولدا ، توغرا ئەقىدە ، دۇرۇس ئېتىقادتا ياشاش . نان تېپىپ يېيىشكىلا
پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر . شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ يادرۇسى ، بولۇپمۇ ئاتا - ئانىغا
نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى ، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى ، ھاياتتا قايسى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ، نېمىنى قوللاپ ،
نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر . ئەمما ئاتا - ئانا ئۆزى ئۇنداق ئادەم بولماي تۇرۇپ ، بالىلىرىنى ئۇنداق تەربىيلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك ، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى . پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بالىسىنىڭ ئۆزىدە ، ياكى
نۆل ياشتا ، ياكى قورساقتا ئەمەس ، بەلكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىدە ..
بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق . ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە خاس پەرزەنت
تەربىيىسى قاراشلىرى ، پرىنسىپلىرى ، يوللىرى بارمۇ - يوق ، بۇمۇ بىز مۇسۇلمان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ .
ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى قايسى نۇقتىدىن باشلىنىدۇ ؟ ناماز ئوقۇش يېشىدىنمۇ ؟ ياكى خەتنە قىلىش ،
قۇلاق تېشىش ۋاقتىدىنمۇ ؟
قۇرئان كەرىمدە : { ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى : < پەرۋەردىگارىم ! مەن قۇرسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى ( دۇنيا
ئىشلىرىدىن ) ئازا قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم . ( ئۇنى ) قۇبۇل قىلغىن . سەن ھەقىقەتەن ( دۇئايىمنى )
ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن . ( نىيتىمنى ) بىلىپ تۇرغۇچىسەن > . ئۇ قىز تۇققان ۋاقتىدا : < ئى پەرۋەردىگارىم ! قىز تۇغدۇم > دېدى .
ئۇنىڭ نىمە تۇققانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ . ( ئۇ تەلەپ قىلغان ) ئوغۇل ( ئاتا قىلىنغان ) قىزغا ئوخشاش ئەمەس ( بەلكى
بۇ قىز ئارتۇقتۇر ) . ( ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى ) : < مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم . مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇنىڭ
ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھلىق تىلەيمەن >} . دەپ بايان قىلىنغان ؛ سۈرە ئال ئىمران
35 - 36- ئايەتلەر ؛
يەنە سۈرە مەريەمدە : { ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى. ئۇ ئېيتتى : < پەرۋەردىگارىم ،
مەن ھەقىقەتەن كۈچ - قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم ، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم ! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق ،
مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقىدىن ( يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قۇيۇشلىرىدىن ) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن ،
مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر . ( پەزلىڭدىن ) ماڭا بىر ( ياخشى ) پەرزەنت ، ئاتا قىلغىن . ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا
ۋارىس بولغاي ، پەرۋەردىگارىم ، ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن >} . سۈرە مەريەم 2- 5- ئاياتلەر دەپ بايان
قىلىنغان ..
يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق ، مۇسۇلمانغا نىسبەتەن پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ نۆل ياشتىن ، ھامىلە
ۋاقتىدىن ئەمەس ، بەلكى تۇغۇلماستىنلا ، بالا تېىخى پەيدا بولماستىنلا ، ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ نىيەت - مەقسىتىدىن
باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . چۈنكى ، يۇقىرىقى ئايەتتىكى زاتلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر . ئۇلار بولغۇسى پەرزەنتلىرىنى
پۈتۈنلەي خالىسلىق بىلەن ئاللاھقىلا ئاتايدۇ . ياكى ئىنىقىراق دېگەندە ، ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا ، يۇلىغا ئاتايدۇ . ھەرگىزمۇ بالىسىنىڭ
باي ، خاتىرجەم ، راھەت - پاراغەتتە ، ھېچنىمىدىن قىسىلماي ياشىشىنى ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن ئۆمرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىشىنى ،
ۋۇجۇدىنى شۇ يولغا تەقدىم ئېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەپسۇسكى ، بىز مۇسۇلمانلار بۇنداق روھىي ھالەتتە ، مەقسەتتە پەرزەنت
تىلەشنى ئۇنتۇپ كەتتۇق ، تۇغۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى. مەلۇم نىشان ، مەقسەت ئۈچۈن
ئاللاھتىن بالا تەلەپ قىلىش يوق دېيەرلىك ، قېنى قايسى ئانا مەنمۇ ئىمراننىڭ ئايالىدەك : { پەرۋەردىگارىم ، قۇرسىقىمدىكى
پەرزەنتىمنى ، ( دۇنيا ئىشلىرىدىن ) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم } دېيەلەيدۇ ؟ قايسى دادا زەكەرىيا
ئەلەيھىسسالامدەك ، ماڭا ۋارىس بولغاي ( يەنى مەن ماڭغان يولغا ) دەپ دۇئا قىلالايدۇ ؟؟
دېمەك ،مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسى بىر نىشان، مەقسەت مەسىلىسىدۇر . بالىنى قانداق تەربىيلەش ، ئاۋۋال
ئىدىيەدە ، بالىنى قايسى نىشانغا ، قايسى يولغا ، قايسى مەۋقەگە ئاتاشتىن باشلىنىدۇ . ئۆزۈڭدىن باشلانمىغان تەربىيە
مۇسۇلمانلىق نامىغا مۇناسىپ ئەمەستۇر . رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن : << قىزغا ئۆيلىنىشتە ئۇنىڭ مېلى ، ئائىلە نەسەبى ، دىنىي
ئېتىقادى ۋە چىرايى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ . سەن دىنىي ئېتىقادى بار قىزنى تاللا ، ئشلىرىڭ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ >>، دېگەن ( جامىئۇت
تىرمىزىيدىن ) ..
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دېگەن : << ئاتىنىڭ بالىدا ئۈچ ھەققى بار : ئانىنى ياخشى تاللاش ، ياخشى ئىسىم قۇيۇش ،
ياخشى تەربىيلەش >>. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزىدە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى بىۋاستە جۆرە تاللاشقا
باغلايدۇ . ئەمەلىيەتتە،تۇغۇلۇپ بولغان بالىنىڭ ئانىسىنى تاللاش مۇمكىن ئەمەس ، يۇشۇرۇن كىنايە شۇكى ، سەن چوقۇم كەلگۈسىدىكى بالاڭنى ياخشى تەربىيلىشىڭ كېرەك . بۇ بالىنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدىكى ھوقۇقى ، تېگىشلىك ھەققى ، شۇڭلاشقا
بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ دەل ياخشى تەربىيلەنگەن ، پەرزەنتىنى ئىسلامغا لايىق ياخشى تەربىيلىيەلىگۈدەك ساپا ھازىرلانغان دىيانەتلىك
قىزغا ئۇيلىنىشتۇر .
مانا بۇ پەرزەنتنى ياخشى تەربىيىلەشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ باسىدىغان تۈنجى قەدىمىدۇر . ئۇنىڭدىن
كېيىن قىلىدىغان مۇھىم ئىش ، ئاتا - ئانىلار چوقۇم بالىسىنى تەربىيلەشتە زۆرۈر ، كەم بولسا بولمايدىغان دىنىي بىلىم -
ساۋاقلارنى ئۆگىنىشى كېرەك . بۇنچىلىك ئاددى ساۋاقلارنى بىلمىگەن ئاتا - ئانا بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەيمەن دەپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ . ئۆگىنىش دېگەندە ، چوقۇم ئاتا - ئانىلار شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەككى ، ئۆگىنىپ قويۇشلا كۇپايە ئەمەس . چۈنكى ئىسلام
ئائىلە تەربىيىسى ماھىيەتتە تەربىيىلەنگۈچىگە ئەمەلى ھەركەت ،ئىسلامنىڭ تىرىك ئىجراسى بىلەن تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدىن
ئىبارەتكى، ھەرگىزمۇ ھۈنەر -تېخنىكا ، ئۈگەتكەندەك ،ياكى ساۋات چىقارغاندەك ئېلىپ بېرىلىدىغان نوقۇل ئۆگىتىش ھەركىتى ئەمەس . ئۆزى ئىسلامغا لايىق ياشىمايدىغان ئاتا - ئانا قانداقمۇ مۇسۇلمان پەرزەنت تەربىيىلىيەلىسۇن ؟
ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر خاتا قاراش شۇكى ، نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاتا - ئانىلار ئىسلام ئائىلە
تەربىيىسىنى ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تەربىيىسى بىلەن ئومۇمەن بىردەك دەپ چۈشىنىدۇ . ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ،
ئەخلاقلىق بولسا ، ئىسلام تەربىيىسى بويىچە بوپتۇ دەپ بىلىدۇ. بالىلار يالغان ئېيتمىسا ، گۇناھ - يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىسا،
ناماز ئوقۇسا ، قۇرئاننى چىرايلىق قىرائەت قىلىپ ئوقۇيالىسا ، ياۋاش - يۇمشاق، سىلىق - سىپايە بولسا ، يەرگە يۇمشاق دەسسەپ
ماڭسا مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز بۇ بالا ناھايىتى ئوبدان چوڭ بوپتۇ ، بەك ئەخلاقلىق بالىكەن ، دەپ ماختىشىمىز . توغرا، ئۇنداق
بالىلار ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار ، ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان پەرزەنت ئۈچۈن شۇلا كۇپايىمۇ ؟ يەنى ئۇ گۇناھ قىلمىسا ، ھىچكىمنى
رەنجىتمەي ياشىسا ئۇ تەلەپكە لايىق بولغان ھىسابلىنامدۇ ؟
بۇ يەردە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار نەزەردىن ساقىت قىلىپ كېلىۋاتقان تۇلىمۇ ئەجەللىك بىر بوشلۇق يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ . يەنى
پەرزەنت تەربىيىسىدە ئېتىقاد ، ئىبادەت ، ئەخلاققىلا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنىڭ ئىقتىدار ، ساپاسىنى
يېتىشتۈرۈشكە ، ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن ئىبارەت .
كۆز ئالدىمىزدىكى نەق پاكىت شۇكى ، ئەتراپىمىزدا ئەخلاقلىق ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، ئىقتىدارسىز مۇسۇلمانلار تولىمۇ كۆپ . بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن بىلىم، ئىقتىدار خۇددى ئەقىدە ، ئەخلاقتەكلا مۇھىمدۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام << بىلىم
ئىگەللەش ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر >> دېگەن ( سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن ). تا ھازىرگىچە ھېچقانداق بىر دەۋر ياكى ماكاندا ، بىرەر ئالىم ياكى مۇجتەھىدنىڭ ئىلىم ئىگەللەشنىڭ پەرز ئەمەسلىكى ، ياكى بەزىدە پەرز بولسىمۇ بەزىدە پەرز
بولمايدىغانلىقىغا بەرگەن پەتىۋاسىنى ئۇچرىتالمايمىز . ئەكىسچە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ قەرەزاۋىي مۇنداق پەتىۋا چىقارغان : دىنىي بىلىم يەتكۈزۈش دىنىي بىلىم ئېلىش ۋە تۇرمۇش ئېتىياجى قاتارلىقلار ئۈچۈن بارلىق
مۇسۇلمانلارنىڭ ( ئۆز تىلىنى پىششىق بىلگەندىن كېيىن ) باشقا مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشى پەرزدۇر . چۈنكى ، ئاللاھ : { قۇرئان كەرىم
ئالەم خەلقىگە ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر ...}، دېگەن ( سۈرە فۇرقان 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى )، {( ئى مۇھەممەت ) ئېيتقىنكى : < ئى
ئىنسانلار ! مەن ھەقەقەتەن ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن ... >} ( سۈرە ئەئراف 158 - ئايەتنىڭ بىر
قىسمى ). شۇڭا ، باشقا تىللارغا دىنى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ . پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدىمۇ پارىسچە ، شەرقى
رىمچە ۋە نىگىرچىنى بىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى بار ئىدى . بىراق ، ئۇلار ئارىسىدا يەھۇدىي يېزىقىنى بىلىدىغان كىشى يوق ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن ۋەھىي يازىدىغان كاتىبلارنىڭ بىرى زەيد ئىبنى سابىتنى بۇ يىزىقنى ئۆگىنىشكە بويرىغان . زەيد ئىبنى سابىت مۇنداق
دەيدۇ : رەسۇلۇللاھ ماڭا : << مەن يەھۇدىيلار مەن ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن خەتكە ئىشەنچ قىلالمايمەن . شۇڭا ، سەن ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ئۆگەنگىن >> دەپ بويرىدى . مەن ئون بەش كۈنگە بامايلا ئۇ يېزىقنى ئۆگىنىپ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم . رەسۇلۇللاھنىڭ
يەھۇدىيلارغا ئەۋەتمەكچى بولغان خېتىنى مەن يېزىپ بېرەتتىم ، ئۇلاردىن كەلگەن خەتنى مەن ئوقۇپ بېرەتتىم ( ئىمام بۇخارى،
سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدۇدىن ) دوكتۇر يۈسۈپ قەرەزاۋىي مۇنداق دېگەن : زەيد ئىبنى سابىتنىڭ يەھۇدىي
يېزىقىنى تېز سۈرەتتە ئۆگىنىپ بولۇشىغا ئۇنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن قوشنا ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى سەۋەب بولغان ..
ۋەھالەنكى كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتقا قارىساق ، ناماز ، روزا ، زاكاتلانىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ
ئىلىم ئىگەللەشنىڭمۇ ئوخشاشلا پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭغا پەرز ئەمەلگە مۇئامىلە قلغاندەك مۇئامىلە
قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى دېگەندە ، نوقۇل دىنىي بىلىمنىلا كۆزدە تۇتقان ئەمەس ، رەسۇلۇللاھنىڭ
<< كۈچلۈك مۆئمىن ئاجىز مۆئمىندىن ئاللاھقا بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر ....>> ( سەھىھۇلمۇسلىم ، سۇنەنۇ ئىبنى ماجە ۋە مۇسنەدۇ
ئەھمەدتىن ) دېگەن سۆزىدىمۇ ھەرگىمۇ مۆئمىننىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەمەس ، بىلىمى ، ساپاسى ، ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتقان .
ۋەھالەنكى بىز يەنىلا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ باشلانغۇچ دىنىي بىلىمىدىن باشقا ، دۇنياۋىي بىلىملەرگىمۇ قىزىقىشى كېرەكلىكىنى ئۇنىڭمۇ
ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمايۋاتىمىز .
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىبادىتىدىن تاشقىرى ، يەنە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ .
نوقۇل مەسئولىيەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىش دەل شۇ مۇسۇلماندىن بەلگىلىك ساپا ، ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ،ئەگەر بۇ زۆرۈر ساپا
ھازىرلانمىغاندا ، ناماز ، دۇئالار قانچىلىك مۇڭلۇق ياشلار بىلەن ئوقۇلسۇن ، مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ ..
دېمەك ، مۇسۇلماننىڭ تەربىيىسىدە شۇ ياشاۋاتقان دەۋر ، دۇنيانىڭ تەلىپىمۇ ئەكىس ئېتىشى ، شۇ دەۋر يۈكلىگەن ۋەزىپىنى
ئادا قىلىش مەقسەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر . ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ مۇنداق دەيدۇ : << سىلەر بالىلىرىڭلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن
تەربىيىلەڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىمايدىغان بىر دەۋردە ياشايدۇ >>. شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تەربىيە مەزمونىدا ،
ئۇسۇلىدا دەۋر تەلىپى ئەكىس ئەتمىسە ، باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەنلا تەربىيىنى ئادا قىلدىم ،دېگىلى بولمايدۇ .
مەنبە ؛ ئەخلاقنامە دېگەن كىتابتىن ئېلىندى، ۋاقىبلانغايسىلەر :