نەشرگە  تەييارلىغۇچىدىن
               پەرزەنت  تەربىيىسى  توغرىلىق  گەپ بولغاندا  ئاتا - ئانىلار  ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، كېچىككەنلىكىنى 
بۇ ئىشتا بىشىنىڭ بەكلا قاتقانلىقىنى،  قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ . ئەمما ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا 
ھەقىقىي بەل باغلىغان ، شۇنىڭغا  ئەمەلى ھەركەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئاتا - ئانىلار  بەك ئاز . چۈنكى، بۈگۈنكىدەك 
دەۋردە ، ھەم بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ، بۈگۈن يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئىجرا  قىلالايدىغان ، شۇنداقلا  يەنە  ئۆزىنىڭ 
ئەسلىي ئېتىقادى ، دىنىدا ھەم چىڭ تۇرىدىغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش بەك مۈشكۈلدۇر . بۇ يەردىكى تەتۈر ھادىسە مۇنداق؛ 
ئەسلىدە ئاتا - ئانىنىڭ ئۆزى لاياقەتسىز ، بالىسىدىن كۈتىدىغان نەرسىنىڭ يېرىمىمۇ ئۆزىدە يوق . ۋەھالەنكى ، بالىلىرىدىن
ئەنە شۇنداق تاغدەك ئۈمىدلەرنى كۈتىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇمۇ تەبىئىي ئەھۋال ، چۈنكى ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ  ئەنە شۇنداق 
پىلانسىز ئائىلە مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى . شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ھازىرقى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ  ئاتا -
ئانىلىرى ئۇلارنىڭمۇ ئائىلە تەربىيىسىگە ئۇمۇمەن كۆڭۈل بۆلمىگەن . شۇنداقلا  ئائىلىدىكى، تەبىئىي شەكىللەنگەن ئىستىخيىلىك 
نوقتىدا چوڭ بولغان، پىلانلىق شەكىللەندۈرۈلگەن ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلار يوق دىيەرلىك . دېمەك ، بۈگۈنكى كۈندىكى
ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيەتسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ياكى بىزنىڭ  بوۋىلىرىمىزنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن
كەلگەن .
           ھېلىمۇ  خۇداغا  شۈكرى، كىشىلەر كېچىكىپ بولسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قېلىشتى.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە تىت - تىت بولىدىغان ، باش قاتۇرىدىغان يەرگە كەلدى . بۇ تۇلىمۇ خۇشاللىنارلىق ھادىسە. ئەمدى بىز  دۇچ
كېلىۋاتقىنىمىز  پەرزەنتلەرنى قايسى يولغا ، قايسى ئىدىيەگە ، قانداق يوللار بىلەن تەربىيلەش مەسىلىسىدۇر . ھازىر  نۇرغۇن 
ئاتا - ئانىلار  پەرزەنتلىرىگە ئىنگىلىز تىلى، كومپىيۇتىر ، ناخشا - ساز  ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ ،
تەتىللەردە ھەر خىل كۇرس ، كۇرژۇكلارغا  ئاپىرىپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ  ئورۇنلىغاندەك  
ھېس - تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ . ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن ، توغرا يولدا ، توغرا ئەقىدە ، دۇرۇس ئېتىقادتا ياشاش . نان تېپىپ يېيىشكىلا
پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر . شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ يادرۇسى ، بولۇپمۇ  ئاتا - ئانىغا
نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم  بولۇشنى ، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى ، ھاياتتا قايسى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ، نېمىنى قوللاپ ،
نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر . ئەمما ئاتا - ئانا ئۆزى ئۇنداق ئادەم بولماي تۇرۇپ ، بالىلىرىنى ئۇنداق تەربىيلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك ، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى . پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بالىسىنىڭ ئۆزىدە ، ياكى
نۆل ياشتا ، ياكى قورساقتا ئەمەس ، بەلكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىدە  ..
           بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد  قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق . ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ  ئۆزىگە خاس پەرزەنت 
تەربىيىسى قاراشلىرى ، پرىنسىپلىرى ، يوللىرى بارمۇ - يوق ، بۇمۇ بىز مۇسۇلمان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا  ئەرزىيدۇ .
ئۇنداقتا مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى قايسى نۇقتىدىن باشلىنىدۇ ؟ ناماز  ئوقۇش يېشىدىنمۇ ؟ ياكى خەتنە قىلىش ،
قۇلاق تېشىش ۋاقتىدىنمۇ ؟
             قۇرئان كەرىمدە : { ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى : < پەرۋەردىگارىم ! مەن قۇرسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (  دۇنيا
ئىشلىرىدىن ) ئازا قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم . ( ئۇنى )  قۇبۇل قىلغىن . سەن ھەقىقەتەن ( دۇئايىمنى ) 
ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن . ( نىيتىمنى )  بىلىپ تۇرغۇچىسەن > . ئۇ قىز تۇققان ۋاقتىدا : <  ئى پەرۋەردىگارىم ! قىز تۇغدۇم > دېدى .
ئۇنىڭ نىمە تۇققانلىقىنى ئاللاھ  ئوبدان بىلىدۇ . ( ئۇ تەلەپ قىلغان ) ئوغۇل ( ئاتا قىلىنغان )  قىزغا ئوخشاش ئەمەس ( بەلكى 
بۇ قىز  ئارتۇقتۇر ) . ( ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى ) : < مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم . مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇنىڭ 
ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ ، قوغلاندى شەيتاندىن  پاناھلىق تىلەيمەن >} . دەپ بايان  قىلىنغان ؛  سۈرە  ئال ئىمران
35 - 36- ئايەتلەر  ؛
                يەنە سۈرە مەريەمدە : {  ئۇ ئۆز  ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا  پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى. ئۇ ئېيتتى : <  پەرۋەردىگارىم ،
مەن ھەقىقەتەن كۈچ - قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم ، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم ! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق ،
مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقىدىن ( يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قۇيۇشلىرىدىن ) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن ،
مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر . ( پەزلىڭدىن ) ماڭا بىر ( ياخشى ) پەرزەنت ، ئاتا قىلغىن . ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا
ۋارىس بولغاي ، پەرۋەردىگارىم ، ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن >} .  سۈرە مەريەم  2- 5- ئاياتلەر دەپ بايان
قىلىنغان ..
           يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق ، مۇسۇلمانغا نىسبەتەن پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ نۆل ياشتىن ، ھامىلە
ۋاقتىدىن ئەمەس ، بەلكى تۇغۇلماستىنلا ، بالا تېىخى پەيدا بولماستىنلا ، ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ   نىيەت - مەقسىتىدىن
باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . چۈنكى ، يۇقىرىقى ئايەتتىكى زاتلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر . ئۇلار بولغۇسى پەرزەنتلىرىنى
پۈتۈنلەي خالىسلىق بىلەن ئاللاھقىلا ئاتايدۇ . ياكى ئىنىقىراق دېگەندە ، ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا ، يۇلىغا ئاتايدۇ . ھەرگىزمۇ  بالىسىنىڭ
باي ، خاتىرجەم ، راھەت - پاراغەتتە ، ھېچنىمىدىن قىسىلماي ياشىشىنى ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن ئۆمرىنى ئاللاھ  يولىغا ئاتىشىنى ،
ۋۇجۇدىنى شۇ يولغا تەقدىم ئېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەپسۇسكى ، بىز مۇسۇلمانلار بۇنداق روھىي ھالەتتە ، مەقسەتتە پەرزەنت
تىلەشنى ئۇنتۇپ كەتتۇق ، تۇغۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى. مەلۇم نىشان ، مەقسەت ئۈچۈن
ئاللاھتىن بالا تەلەپ قىلىش يوق دېيەرلىك ، قېنى قايسى ئانا مەنمۇ ئىمراننىڭ ئايالىدەك : { پەرۋەردىگارىم ، قۇرسىقىمدىكى 
پەرزەنتىمنى ، ( دۇنيا ئىشلىرىدىن ) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم } دېيەلەيدۇ ؟ قايسى دادا  زەكەرىيا
ئەلەيھىسسالامدەك ، ماڭا ۋارىس بولغاي ( يەنى مەن ماڭغان يولغا )  دەپ دۇئا قىلالايدۇ ؟؟
           دېمەك ،مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسى بىر نىشان، مەقسەت مەسىلىسىدۇر . بالىنى قانداق تەربىيلەش ، ئاۋۋال 
ئىدىيەدە ، بالىنى قايسى نىشانغا ، قايسى يولغا ، قايسى مەۋقەگە ئاتاشتىن  باشلىنىدۇ . ئۆزۈڭدىن باشلانمىغان  تەربىيە 
مۇسۇلمانلىق نامىغا مۇناسىپ ئەمەستۇر . رەسۇلۇللاھ  مۇنداق دېگەن : << قىزغا ئۆيلىنىشتە ئۇنىڭ مېلى ، ئائىلە نەسەبى ، دىنىي
ئېتىقادى ۋە چىرايى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ . سەن دىنىي ئېتىقادى بار قىزنى تاللا ، ئشلىرىڭ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ >>، دېگەن ( جامىئۇت
تىرمىزىيدىن ) ..
          ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دېگەن : << ئاتىنىڭ بالىدا ئۈچ ھەققى بار : ئانىنى ياخشى تاللاش ، ياخشى ئىسىم قۇيۇش ، 
ياخشى تەربىيلەش >>. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  بۇ سۆزىدە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى بىۋاستە جۆرە تاللاشقا
باغلايدۇ . ئەمەلىيەتتە،تۇغۇلۇپ بولغان بالىنىڭ ئانىسىنى تاللاش مۇمكىن ئەمەس ، يۇشۇرۇن كىنايە شۇكى ، سەن چوقۇم كەلگۈسىدىكى بالاڭنى ياخشى تەربىيلىشىڭ كېرەك . بۇ بالىنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدىكى ھوقۇقى ، تېگىشلىك ھەققى ، شۇڭلاشقا 
بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ دەل ياخشى تەربىيلەنگەن ، پەرزەنتىنى ئىسلامغا لايىق ياخشى تەربىيلىيەلىگۈدەك ساپا ھازىرلانغان دىيانەتلىك
قىزغا ئۇيلىنىشتۇر .
           مانا بۇ پەرزەنتنى ياخشى تەربىيىلەشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ باسىدىغان تۈنجى  قەدىمىدۇر . ئۇنىڭدىن
كېيىن قىلىدىغان مۇھىم ئىش ، ئاتا - ئانىلار چوقۇم بالىسىنى تەربىيلەشتە زۆرۈر ، كەم بولسا بولمايدىغان دىنىي  بىلىم - 
ساۋاقلارنى ئۆگىنىشى كېرەك . بۇنچىلىك ئاددى ساۋاقلارنى بىلمىگەن ئاتا - ئانا بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەيمەن دەپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ . ئۆگىنىش دېگەندە ، چوقۇم ئاتا - ئانىلار شۇنى بىلىۋېلىشى كېرەككى ، ئۆگىنىپ قويۇشلا  كۇپايە ئەمەس . چۈنكى ئىسلام
ئائىلە تەربىيىسى ماھىيەتتە تەربىيىلەنگۈچىگە ئەمەلى ھەركەت ،ئىسلامنىڭ تىرىك ئىجراسى بىلەن تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدىن
ئىبارەتكى، ھەرگىزمۇ ھۈنەر -تېخنىكا ، ئۈگەتكەندەك ،ياكى ساۋات چىقارغاندەك ئېلىپ بېرىلىدىغان نوقۇل ئۆگىتىش ھەركىتى ئەمەس . ئۆزى ئىسلامغا لايىق ياشىمايدىغان ئاتا - ئانا  قانداقمۇ  مۇسۇلمان  پەرزەنت  تەربىيىلىيەلىسۇن ؟
          ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر خاتا قاراش شۇكى ، نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاتا - ئانىلار ئىسلام ئائىلە
تەربىيىسىنى ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تەربىيىسى بىلەن ئومۇمەن بىردەك دەپ چۈشىنىدۇ . ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ ،
ئەخلاقلىق بولسا ، ئىسلام تەربىيىسى بويىچە بوپتۇ دەپ بىلىدۇ. بالىلار يالغان ئېيتمىسا ، گۇناھ - يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىسا،
ناماز ئوقۇسا ، قۇرئاننى چىرايلىق قىرائەت قىلىپ ئوقۇيالىسا ، ياۋاش - يۇمشاق، سىلىق - سىپايە بولسا ، يەرگە يۇمشاق دەسسەپ
ماڭسا مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز بۇ بالا ناھايىتى ئوبدان چوڭ بوپتۇ ، بەك ئەخلاقلىق بالىكەن ، دەپ ماختىشىمىز . توغرا، ئۇنداق 
بالىلار ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار ، ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان پەرزەنت ئۈچۈن شۇلا كۇپايىمۇ ؟ يەنى ئۇ گۇناھ قىلمىسا ، ھىچكىمنى
رەنجىتمەي ياشىسا ئۇ تەلەپكە لايىق بولغان ھىسابلىنامدۇ ؟
         بۇ يەردە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار نەزەردىن ساقىت قىلىپ كېلىۋاتقان تۇلىمۇ ئەجەللىك بىر بوشلۇق يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ . يەنى
پەرزەنت تەربىيىسىدە ئېتىقاد  ، ئىبادەت ، ئەخلاققىلا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنىڭ ئىقتىدار ، ساپاسىنى
يېتىشتۈرۈشكە ، ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن ئىبارەت .
         كۆز ئالدىمىزدىكى نەق پاكىت شۇكى ، ئەتراپىمىزدا ئەخلاقلىق ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، ئىقتىدارسىز مۇسۇلمانلار تولىمۇ كۆپ . بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن بىلىم، ئىقتىدار خۇددى ئەقىدە ، ئەخلاقتەكلا  مۇھىمدۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام << بىلىم
ئىگەللەش ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر >> دېگەن ( سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن ). تا ھازىرگىچە ھېچقانداق بىر دەۋر ياكى ماكاندا ، بىرەر ئالىم  ياكى مۇجتەھىدنىڭ ئىلىم ئىگەللەشنىڭ پەرز  ئەمەسلىكى ، ياكى بەزىدە پەرز بولسىمۇ بەزىدە پەرز 
بولمايدىغانلىقىغا بەرگەن پەتىۋاسىنى ئۇچرىتالمايمىز . ئەكىسچە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ قەرەزاۋىي مۇنداق پەتىۋا چىقارغان : دىنىي بىلىم يەتكۈزۈش دىنىي بىلىم ئېلىش ۋە تۇرمۇش ئېتىياجى قاتارلىقلار  ئۈچۈن بارلىق
مۇسۇلمانلارنىڭ ( ئۆز تىلىنى پىششىق بىلگەندىن كېيىن ) باشقا مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشى پەرزدۇر . چۈنكى ، ئاللاھ : { قۇرئان كەرىم
ئالەم خەلقىگە ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر ...}، دېگەن ( سۈرە فۇرقان 1- ئايەتنىڭ بىر قىسمى )، {( ئى مۇھەممەت ) ئېيتقىنكى : < ئى
ئىنسانلار ! مەن ھەقەقەتەن ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن  ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن ... >} ( سۈرە ئەئراف 158 - ئايەتنىڭ  بىر 
قىسمى ). شۇڭا ، باشقا تىللارغا دىنى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ .  پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدىمۇ  پارىسچە ، شەرقى 
رىمچە ۋە نىگىرچىنى بىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى بار ئىدى . بىراق ، ئۇلار ئارىسىدا يەھۇدىي يېزىقىنى بىلىدىغان كىشى يوق ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن ۋەھىي يازىدىغان كاتىبلارنىڭ بىرى زەيد ئىبنى سابىتنى بۇ يىزىقنى ئۆگىنىشكە بويرىغان . زەيد ئىبنى سابىت مۇنداق 
دەيدۇ : رەسۇلۇللاھ  ماڭا : << مەن يەھۇدىيلار  مەن ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن خەتكە ئىشەنچ قىلالمايمەن . شۇڭا ، سەن ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ئۆگەنگىن >> دەپ بويرىدى . مەن ئون بەش كۈنگە بامايلا ئۇ يېزىقنى ئۆگىنىپ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم . رەسۇلۇللاھنىڭ
يەھۇدىيلارغا ئەۋەتمەكچى بولغان خېتىنى مەن يېزىپ بېرەتتىم ، ئۇلاردىن كەلگەن خەتنى مەن ئوقۇپ بېرەتتىم ( ئىمام بۇخارى،
سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدۇدىن ) دوكتۇر يۈسۈپ قەرەزاۋىي مۇنداق دېگەن : زەيد  ئىبنى سابىتنىڭ يەھۇدىي 
يېزىقىنى تېز سۈرەتتە  ئۆگىنىپ بولۇشىغا ئۇنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن قوشنا ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى سەۋەب  بولغان ..
         ۋەھالەنكى كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتقا قارىساق ، ناماز ، روزا ، زاكاتلانىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ 
ئىلىم ئىگەللەشنىڭمۇ ئوخشاشلا پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭغا پەرز  ئەمەلگە مۇئامىلە قلغاندەك  مۇئامىلە 
قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . رەسۇلۇللاھ  بۇ سۆزنى دېگەندە ، نوقۇل دىنىي بىلىمنىلا  كۆزدە تۇتقان ئەمەس ، رەسۇلۇللاھنىڭ
<< كۈچلۈك مۆئمىن ئاجىز مۆئمىندىن ئاللاھقا  بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر ....>> ( سەھىھۇلمۇسلىم ، سۇنەنۇ ئىبنى ماجە ۋە مۇسنەدۇ 
ئەھمەدتىن ) دېگەن سۆزىدىمۇ ھەرگىمۇ مۆئمىننىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەمەس ، بىلىمى ، ساپاسى ، ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتقان . 
ۋەھالەنكى بىز يەنىلا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  باشلانغۇچ دىنىي بىلىمىدىن باشقا ،  دۇنياۋىي بىلىملەرگىمۇ قىزىقىشى كېرەكلىكىنى ئۇنىڭمۇ
ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمايۋاتىمىز .
          بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىبادىتىدىن تاشقىرى ، يەنە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ .
نوقۇل مەسئولىيەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىش دەل شۇ مۇسۇلماندىن بەلگىلىك ساپا ، ئىقتىدار تەلەپ قىلىدۇ،ئەگەر بۇ زۆرۈر  ساپا
ھازىرلانمىغاندا ، ناماز ، دۇئالار قانچىلىك مۇڭلۇق ياشلار بىلەن ئوقۇلسۇن ، مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ ..
        دېمەك ، مۇسۇلماننىڭ تەربىيىسىدە شۇ ياشاۋاتقان دەۋر ، دۇنيانىڭ تەلىپىمۇ ئەكىس ئېتىشى ، شۇ دەۋر  يۈكلىگەن ۋەزىپىنى
ئادا قىلىش مەقسەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر . ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ مۇنداق دەيدۇ :  <<  سىلەر بالىلىرىڭلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن
تەربىيىلەڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىمايدىغان بىر دەۋردە  ياشايدۇ >>. شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تەربىيە  مەزمونىدا ،
ئۇسۇلىدا دەۋر تەلىپى ئەكىس ئەتمىسە ، باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەنلا  تەربىيىنى ئادا قىلدىم ،دېگىلى بولمايدۇ .
مەنبە ؛ ئەخلاقنامە دېگەن كىتابتىن ئېلىندى،  ۋاقىبلانغايسىلەر :