كۈتىمەن كۈتۈشكە ئىرادە بېغىشلاپ
سىمايىڭ چۈشلەرگە ئۈندىگەن ھامان،
قەلبىمدە ۋالىلداپ تاشلىنار ئىزگۈ،
خىيالى ئورماندىن كەلگەن سادادەك،
مۇڭ خىيال قوينىدا چۆكمەكتە تۇيغۇ.
ئەلمىساق ۋالىلداپ تاشلىنار كۆزگە،
كىلەچەك كۆزگە تاشلانسا ھەر زامان.
دىلىمدىن يىراقتۇر ئاچچىق خۇرسىنىش،
كۈنۈكمەن كۈتۈشكە كۈتىمەن ھامان.
قۇياشتىن كۆيدۈرۈپ پارلايدۇ نۇرلار،
تەپتى بىلەن زىمىنغا ھارارەت بېغىشلاپ.
يۇلىڭغا بۇلىمەن شۇنچە ئىنتىزار،
تالاي ئارزۇ-ئارمانلارنى ھاپاشلاپ.
ئاي يۇلتۇز،بۇلاقلار ئىسىم سورىسا،
ئېيتىمەن ئىشقىمدىن چوغلىنىپ تۇرۇپ.
يۇلىڭغا قارايمەن شۇنچە بىتاقەت،
خىيالى چۈشلەردىن تالاي ئويغۇنۇپ.
سەن سۈھبى رەيھان پۈركۈسەڭ گەر گۈلگە،
بولبۇلغا زوق ئىلھام بۇلىدۇ سايراپ.
باسسىمۇ قەلبىمنى ئالامچە ھەسرەت،
كۈتىمەن كۈتۈشكە ئىرادە بېغىشلاپ.
مەنبەقەلىمىم