ئازراق ۋاقىت
سەن ماڭا ئەزەلدىن دەپ باقمىدىڭ،زادىلا دەپ باقمىدىڭ!مەنمۇ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى سوراپ باقمىدىم.شۇڭا ساڭا ۋاقىت ئەۋەتتىم،ئازراق ۋاقىت.سەن ئاشۇ ۋاقت ئىچىدە،ئۆزۈڭ خالىغان نەرسىگە ئىرىشكىن_نىمىنى خالىساڭ شۇنىڭغا!ئەگەر مىنى ئىزدەپ كەلمەكچى بولساڭ، ماڭا ۋاقىت ئالغاچ كەلگىن،ئازراق ۋاقىت،مەن شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈم ئارزۇ قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ئەسلىمەمنى يىزىۋالاي،ئاندىن بىر دەمگىنە ساڭا يۆلىنىپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ھەممىنى ئۇنتاي.ماڭا ۋاقىت بەرگىن ئازراق
ۋاقىت،سۆيگۈڭنىڭ ۋاقتىدىن...
سىنىڭ ئۇ تەرىپىڭ
ئاپتاپنىڭ كەينىدە نىمە بارلىقىنى بىلىمەن،ئاي ئەگىشىپ كىلەر كېچىدە.
سۇنىڭ ئاستىدا نىمە بارلىقىنى بىلىمەن،بىلىق ئوينار ئۇنىڭ ئىچىدە.
لىكىن بىلەلمەي يۈرىمەن،كۆزلىرىڭنىڭ ئاستىدىكى سىرنى،دائىم ئۆتۈپ باققۇم كىلىدۇ سېنىڭ ئۇ تەرىپىگە.بويۇنداپ،بويۇنداپ توختاپ قالىمەن قاشالىرىڭنىڭ يېنىدا.
سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭ بىردە تۇيۇلار تاغنىڭ كەينىدىكى يۇرتۇمدەك،بىردە قاپقاراڭغۇ ھاڭ!قورقىمەن ئۇنىڭغا يىقىن بىرىشتىن.
باھارمىكىن دەپ قۇلاق تۇتىمەن قۇشلىرىڭنىڭ ۋىچىرلىشىغا،زىمىستانمىكىن دەپ مۈكچىيىپ قالىمەن قەھرىڭنىڭ مۇزدەك توڭدۇرىشىغا.
سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭ بىر قورقۇنچ سىلىپ تۇرىدۇ...كۆزلىرىمنىڭ پىچىرلىشىغا،بىردە تەشۋىش بىردە ھاياجان بىردە ئۈمىد بىردە قورقۇنچ...سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭ شۇنداق بىر ماكان.يا مان تاشلاپ كىتەلمەيدىغان يا پىتىنىپ كىرەلمەيدىغان.سىنىڭ ئۇ تەرىپىڭ...؟
ئاخىر ،سېنى يىتتۈرۈۋەتتىم...
ئاخىر،سېنى يىتتۈرۋەتتىم،شۇنداق سەن كەتتىڭ.سۇ ئەمەس تۇرۇپ بەرگىمدىن ئېقىپ كەتتىڭ،باھار ئەمەس تۇرۇپ گۈللىرىمنى تاشلاپ كەتتىڭ...
سېنى يىتتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان ئىدىم،كۆزلىرىم بىلەن ،سۆزلىرىم بىلەن،قوللىرىم بىلەن سېنى تۇتۇپ قالماقچى ئىدىم.
سەن شامالمىدىڭ؟ئەركىلەپ -ئەركىلەپ يىراقلاپ كىتىدىغان؟
سەن يامغۇرمىدىڭ ؟تامچىلاپ-تامچىلاپ توختاپ قالىدىغان؟
ئاھ!ئەزىزەم...سەن مەن سۆيگەن ئادەم ئىدىڭ!سېنە ئاخىر يىتتۈرۋەتتىم!ئاستا-ئاستا بىر تىنىق،بىر تىنىقتىن يىتتۈرۋەتتىم.خۇددى جىنىمدەك بەكمۇ قىيالماسلىق،چەكسىز ئامالسىزلىق ئىچىدە سىنى ئاخىر يىتتۈرۋەتتىم.
--- ئاتىكەم ساۋۇت ئايقۇت
شىنجاڭ ياشلىرى2010يىللىق 8-سانىدىن