باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3636 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: تالاشماڭلار قېرىنداشلىرىم !!بىز بىرلىشەيلى !!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 353
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5788 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 16:36

تالاشماڭلار قېرىنداشلىرىم !!بىز بىرلىشەيلى !!

ۋەھھابىي تالاش تارتىشى،مۇستاپا كامال تالاش تارتىشى ،ئۇيغۇر مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇر
تالاش تارتىشى .............................دەك تالاش تارتىشلارغا ئومومىي ئىنكاسىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قېرىنداشلىرىم بولدى قىلساڭلارچۇ گۆشۈڭلەرنى يىمەي .......سەن ئازغۇن مەن مۆئمىن تەپ تالاشماي !! ئەمدى كەينىگە قارىماي ئالدىغا قارايلى  ..ئىلىم مەرىپەت ۋە ئىسلام ئايرىلماس تەن دەپ قارايمىز . ئامىرىكىنى بايقۇت ،دەھرى ھاكىمىيەتلەرنى زىيانلىق دەپ قارايمىز .مانا مۇشۇ يىتەرلىكقۇ .ھەممىمىز شۇنى تەستىقلايدىغاندىكىن ئاغىز بىلەن پۈرۈكنى قىسىپ ،ئىلىم ئۆگىنەيلى .كومپىتيور ۋە تىل ئۈگۈنەيلى . ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىش قىلايلى .خوتۇننى ئاز ئېلىپ ئىبادەتنى كۆپ قىلايلى .ئاياللىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىپ مۇھەببەتلىك بولۇپ كۆپ پەرزەنتلىك بولايلى .ساقالقويالايدىغانلارقويسۇن .قويالمايدىغانلار ئىتىقاتىدا چىڭ تۇرسۇن .سەن كاپىر مەن مۇسۇلمان دەيدىغان دەۋىر ئەمەس ھازىر .ھازىر بولسا مەر مەر تاشتەك ئۇيۇشىدىغان دەۋىر .ھازىرقى دەۋىر دىكى ئۇيغۇر ئوزۇقلۇققا ئەڭ مۇھتاج .كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمىز شۇنچىلىك ئاجىزلىشىپ كەتكەن ھازىرقىدەك ۋاقىتتا يەنە يوتاڭلارغا پىچاق سانچامسىلەر ؟؟ كۆپرەك ئىتىپاقلىقنى تەكىتلەيلى ئىختىلاپنى ئاز قىلايلى .سىلىق سىپايە ۋە جەسور بولايلى . ھەي قەۋىم قېرىنداشلىرىم!!!كەلگۈسىدە ماددىي مەجبورىلاش ۋە روھى ئازغۇنلۇقتىن تېخىمۇ چىدىغۇسىز ، پاساتچىلىقلار يۈز بىرىشى مۇمكىن .ماددىي مەئىشەتكە بىرىلىپ ئىمانى ئازغۇنلۇق قاپلاپ كېتىشتىن خۇدىنى يوقاتقان 90-يىللاردىكى قارماي ئۇيغۇرلىرى ئىسىڭلاردىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىمۇ ؟شۇ زاماندا پەيدا بولغان ئالامشۇمۇل پاسكىنچىلىقلار ئىسىڭلاردىن كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ .مانا ھازىر مەجبورى ماددىي مەئىشەتكە بىرىلدۇرۇش ۋە  ئىبادەتنى  تاشقاتقۇزۇش شامىلى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ روھىنى پاساتچىلىق قاپلاۋاتىدۇ .
ھەم تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ .90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى خاتا ھالدا  ۋاھابىي ئاتالغان ساقاللىق  ئۇيغۇرلار دەئۋەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدا مېڭىپ ،قېرىپ قالغان ،مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زۇلۇمى بىلەن يۈرەكزادى بولۇپ كەتكەن مويسىپىتلىرىمىزنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ ئۇيغۇرغا قايتىدىن ئىتىقات يولىغا مېڭىش قەدىمىنى تىزلەشتۈرگەن ئىدى . ئەمدى مۇشۇ كۈنلەردە تىل شامىلى ،دىل شامىلى ،قوساق شاماللىرىنىڭ زىيانلىرى ئارقىسىدا بولۇپمۇ جەنوبىي شىنجاڭلاردا ئىتىقات ئازغۇنلۇقلار ،قەۋمىمىزدە ئىمان كۈچىيىشتىن مۇۋەزىننەتلىشىپ قېلىشقا ھەتتا چىكىنىشىكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ .مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ئىككىنچى قېتىملىق روھى ساپلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى زادى قانداق مۇسۇلمانلار ئۈستىگە ئالىدۇ .بىز نىمە ئۈچۈن بىرلىككە كېلىپ روھىي پاكلاش ئېلىپ بارالمايمىز . ئۇيغۇرلاردىكى <ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر > دەۋرى قاچانلارغىچە داۋاملىشىدۇ ؟تاتقۇزۇپ قويغان ئەخلاقى جەھەتلەردىكى ئىززەت نەپسىمىز نى ،قىزلىرىمىزنى ،يىگىتلىرىمىزنى قانداق ئۇسسول بىلەن قايتۇرۇپ كېلىمىز ؟؟ ۋاھھابىي مەسىلىسىنى تالاشمايمىز !!!ۋاقتى ئۆتكەن ئىشلار بۇ .ئېنىقكى شىنجاڭدا ۋاھھابىي ئىدىيەسى يوق . ھازىرقى ئەڭ ئىلىمدار كىشىلىرىمىز شىنجاڭدا ۋاھھابىي مەۋجۈت ئەمەس .مەجبورىي مەۋجۈت داۋالغانلارنى ئىتىراپ قىلمايمىزدىيىشمەكتە .شىنجاڭدا پەقەت ساقال قويغان ،ئىشتاننىڭ سۈننىتىنى قىلغان ، تەقۋا مۇسۇلمانلار بار .ئۇلار ئۆزىنى ۋەھھابىمەن دىمەيدۇ ھازىر .ئەنە ئاشۇنداق كىشىلىرىمىزنى كۆرسەڭلار يامان كۆزىڭلەردە قارىماڭلار ئۇلارغا ئۇۋۋال قىلغان بولىسىلەر . بولدى بەس ئەمدى مەيلى ساقال قويغىنىڭىز مەيلى قويمىغىنىڭىز مەيلى تەسەۋۇپچى بولۇڭ مەيلى سەلەفىي بولۇڭ مەيلى شىئە بولۇڭ سىزنىڭ مىللەتنى پارچىلاش ھوقوقۇڭىز يوق !!!!بىز كەلمىئىي شاھادەت ئييتقانكەنمىز .
ئاللاھنى ئالەملەرنىڭ خوجايىنى ،مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەمنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەيدىكەنمىز ھەمدە بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئادا قىلدىكەنمىز مانا بۇ ئورتاقلىق .باشقا تالاش تارتىشلار بىر يەردە قېلىپ تۇرسۇن . ھازىر ئىمان تۇغى ئاستىغا بىرلىشىدىغان ،بەدەنلىرىمىزگە<ئاقسىل> توپلاپ كەلگۈسى <كىسەللەرگە > مۇداپىيە تېمى ھازىرلايدىغان ۋاقتىمىز . ئەي قېرىنداشلار !!تارىخنىڭ ئەڭ زىل ۋاقىتلىرىدا تۇرۇۋاتىمىز .ھازىرقى دەۋىر ئۇيغۇر ئىككىنچى قېتىملىق <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> دەك ھالەتتە دىسەم ياكى قەۋمىمىزگە نىسبەتەن <11-سىنتەبىر> دەك ھالەتتە دەپ تەسۋىرلىسەم ئارتۇق كەتمەس . بىز ئۆز مەۋجۈتلۇقىمىزنى ۋە ئىتىقاتىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش تەك مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسسول تاكتىكىلىرىنى تاپماي تۇرۇپ ئىختىلاپ مەسىلىلىرىگە ئېسىلىۋالساق مىللەتكە ئادىل مۇئامىلە قىلغان بولمايمىز . زىيارەتچى قېرىندىشىم سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئەگەر چوڭ ئىشلارغا قۇربىڭىز يەتمىسە بەش ۋاق نامازنى ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ھەركۈنى نامىزىڭىزدا قەۋمىڭىز ئۈچۈن ئېغىر تىنىپ دۇئا قىلىشتور .ئۇنىڭدىن ئېشىنالىسىڭىز ئايالىڭىزنى دەئۋەت قىلىڭ ،ئۇنىڭدىن ئېشىنالىسىڭىز قەۋىم قېرىنداشلىرىڭىزنى دەۋەت قىلىڭ .مەرىكىلەرنى شاراپسىز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىڭ ......................ئىشلىرىمىز جىق . ئاللاھ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغان ياخشىلىقنى كۆڭلىگە پۈككەن قېرىنداشلىرىمىزغا غەيرەت شىجائەت ئاتا قىلسۇن ئامىن .
مۇشۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردە مەنپەسىنى ئەسكەرتىپ ۋە ئەسكەرتمەي تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1371
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-31

بۇ پىكىرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق ،بىراق دېمەك شۇنداق ئاسان.بىراق قىلىش تولىمۇ تەس .توغرا دېمىسىمۇ شىنجاڭدىكى دىنىي ئۆلىمالار ۋاھابى دېگەننى يوق دەيدۇ.بىراق خەلقنىڭ كاللىسىغا شۇنچىلىك چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بۇ ئاتالغۇنى چىقىرىش
ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.بۇ ئاتالغۇ ھەر قايسى يۇرتلاردا،مەسجىدلەردە ئۆز ئىپادىسىنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ تاپقانكى
بەزىلىرىگە ھەيران قالماي تۇرالمايمىز.شۇڭا ئاللىبۇرۇن خەلق قەلبىگە ئورناپ بولغان بۇ ئۇقۇمنى،شۇنداقلا بۇ ئىدىيە مەسىلىسىنى
ھەل قىلىشقا مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2357
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2357دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29056 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:00

ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام....  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!!  
توردا دەۋەت قىلغاندىن ئۆيدە ياكى مەھەللىدە ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئارا دەۋەت قىلسا مىڭ ھەسسە ياخشىمىكىن دەيمەن ....
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-04-01 18:08قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:04

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن زادى مۇشۇنداق تىمىدىن بىرسى يىزىلىش كىرەك ئىدى،خەت بەك ئۇششاق بولۇپ قاپتۇ
دوستلىشىش
uyokuguqi
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ياكى ئىتىپاقلىشىمىز يا ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 726
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 2915 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-27
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:10

ئاپىرىن قېرىندىشىم ھەقىقەتەنمۇ جەنۇپتىكى ياش ئاغىنىلەر ھىچ نىمىنى ئويلىيالمايۋاتىدۇ ،بىرلىشەيلى مەرت جەسسۇر ئەركەكلەردىن بولايلى ئىشلىرىمىز تېخى جېق ...

454273567 مانى قاچىلاڭە تېما يوللىغان  قېرىنداش
ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-03-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:17

           اللە رەھمەت قىلسۇن،شۇنداق تەربىيۋى ئھمىيىتى بار تېما بۇلۇپتۇ.....
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:27

مۇشۇ ئىش بەك قىززىقتە ! بىر بۈلۈك مۇسۇلمانلار مەزھەپچىلىكنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىپ ، مەزھەپسىزلىكىنى، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلسا ، قالغان مۇسۇلمانلار بۇلارنى يېڭى بىر مەزھەپ ھىساپلىۋالغانلىقى ............ .........خۇددى مۇسۇلمان بولغۇچى چۇقۇم مەلۇم بىر مەزھەپتە بۇلۇشى كىرەكتەك . مۇنبەردە قايناپ كىتىۋاتقان ...................جاۋاپ ئېنىق ، ئىسلام ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىكەن مەزھەپنى قوللىمايدۇ ، مەزھەپنى قوللىغۇچىلار ئىتتىپاقلىقنى ئىنكار قىلغان بۇلىدۇ . مۇنبەردە بەزىلەرگە ۋاقىراپ دىگۇم كىلىدۇ : بىرەر مەزھەپتە بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، باشقا مەزھەپتىكىلەرنى ، ياكى مەزھەپسىزلەر بىلەن نىمە ئىشىڭ بار ؟ خەق سىنى پالانى مەزھەپتىكەنسەن دىمىگەنكىن ئىشىڭنى قىلمامسەن ؟ قەستەن ئىختىلاپ تېرىپ نىمە قىلىسەن ؟ گۇناھ بۇلىدىغىنىنى بىلمەمسەن ؟ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللا دەيسەن ، سىنىڭ توغرىمۇ ، ياكى سەن خاتا دىگەنلەرنىڭمۇ ئۇنىمۇ ئاللا بىلىدۇ ، سەن نىمە بىلجىرلاپ ئۇيغۇرلارنى  ئاق تاغلىق قارا تاغلىق قىلىسەن ؟ پەيغەمبىرىمىز ماۋۇ مەزھەپتە ئىدى دىيەلەمسەن ؟
ھەقىقەتەن قولدىن باشقا ئىش كەلمىگەندە سۆزلەپ ئۆزىگە تەسەللى تاپىدىغان ئادەملەر بار . ھەممىمىز خاتالىقىمىزنى تۈزۈتەيلى  
! كەچۈرۈڭلار !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6085
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-14
ئاخىرقى: 2011-05-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 18:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىندىشىم ، سىز بىلەن چ چ دا ئايرىم پاراڭلاشقۇم بار .   1225677562
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 780
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە780دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-31
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 19:00

كەرىملىك ئاللاھ  ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ، سىز دىگەن گەپلەر كۆڭلۇمدىكى گەپلەر ئىدى ، تۇلا تامغا ئۈسۈۋىلىپ يازالماي يۇرگەن !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 19:43

دۇئانى مۇنبەردە قىلماي جەينىماز ئۈستىدە قىلايلى. دەۋەتنى جىق قىلماي، ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەيلى.