باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1899 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىسىرنىڭ غەلبىسى ۋە ئۇيغۇر پولوسى
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 16:00

مىسىرنىڭ غەلبىسى ۋە ئۇيغۇر پولوسى

مىسىرنىڭ غەلبىسىدە ئۇيغۇر پولۇسى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
 
 تارىخىمىزنى ئۆگەنگەنسىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇردىكى كەڭلىككە تاڭ قالىمەن. چۆچەكلىرىمىزگە باققىنىمىزدا بوۋىلىرىمىزنىڭ  ھېلى رۇم (ھازىرقى ئىتالىيەدىكى رىم شەھرى) ۋە ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) تا سودا قىلسا، ھېلى ئەرمەنىيەگە ئات چاپىدۇ. تارىخنامىلارغا باقسام بوۋىلىرىمىز فارابى، بىرونى، كاشغەرى، خارەزمىلەرنىڭ باغداد، شام (ھازىرقى سۈرىيە) ۋە مىسىرلاردا جاھان كېزىپ، ئىلىم ئېلىپ ئىلىم تارقىتىپ يۈرگەنلىكى مېنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزنىڭ تائاملىرىمىز، يېزىقىمىز ۋە تىلىمىز مۇسۇلمانلار ياشىغان توپراقلارغا كەڭ تارقالغان. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى زامانىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز خانبالىق (بۈگۈنكى بېيجىڭ) دىن تارتىپ شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) غىچە قوللۇنۇلغان. تېبابىتىمىز يىراق ياپۇنىيەدىن رىمغىچە خەلقنىڭ كېسىلىگە داۋا رەنجىگە شىپا بولغان. شۇڭىمىكىن تېبەتلەر ۋە موغۇللار ھازىرغىچە داۋانى ئەم، تېۋىپنى ئەمچى دەيدىكەن. ئەجدادلار بۈگۈن بىز يەۋاتقان پولۇ، مانتا قاتارلىق تائاملارنى تارىم دەيا بويلىرىدىن نىل دەريا ۋادىلىرىگىچە مەشھۇر قىلغانىكەن. ھازىر ئەرەبىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مانتۇ، ياغمۇچ قاتالىق تائاملارنى ئۇيغۇرچە ئاتايدۇ. مىسىرلىقلار قەھۋەچى قاتارلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر مىسىردا ئىلىم تارقاتقان بوۋىلىرىمىز بولمىغاندا ئېدى "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ بىر نۇسقىسى قاھىرەدىن بايقالمايتتى، ئەگەر مىسىردا دۆلەت قۇرغان ئەجدادلىرىمىز بولمىغاندا ئېدى مىسىرلىقلار بۈگۈنگىچە خىزمەت قىلىۋاتقان تولۇنىيە جامەسى ۋە تولۇنىيە دوختۇرخانىسى بولمىغان بولاتتى. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تولۇنى مىسىردا تولۇنىيە دۆلىتىنى قۇرغانىكەن. بوۋىمىز تولۇن بۇ دۆلەتكە 868- يىلدىن 904 - يىلغىچە رەھبەرلىك قىلىپ ھاياتىدا ئىككى چوڭ ئىش قىغانىكەن. بىرى ئۆز نامىدا بىر دوختۇرخانا سالدۇرغانىكەن يەنە بىر بىر كاتتا جامە بىنا قىلغانىكەن. ئەينى چاغدا تولۇنخان دوختۇرخانىغا بىمارلارنىڭ ئۆز كىيىمى بىلەن كىرىشىنى مەنئىي قىلغان بولۇپ مەخسۇس بىمارلار كىيىمى كېيىشنى بەلگىلىگەنىكەن. مەسجىدكە بولسا تاش مۇنچا ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. بوۋىلىرىمىز تەسىس قىلغان بۇ ئىككى مۇبارەك ئەسلەھە ھازىرغىچە مىسىرلىقلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىۋىتىپتۇ. بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا ئىلىم تارقاتقان دەۋرلەردە يازغان كىتابلىرى ھېلىمۇ كۈتۈپخانىلاردا ساقلانماقتا.

نىل بىلەن تارىمنىڭ ھال مۇڭ بولۇشقان كەچمىشى ھىچ قاچان ئۈزلۈپ قالغان يوق. بىز يېقىنقى تارىخقا نەزەر سالاق چىڭگىزخان داموللام، ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قاتارلىقلارنىڭ مىسىردا مۇدەررسىلىك قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېلىمۇ قاھىرەدىكى، بولۇپمۇ ئەزھەردىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقى، 60-يىللاردا ئۇيغۇر شائىرلىرى توپلامىلىرىنىڭ مىسىردا نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىزنى شەرەپلىك ئەجدادنىڭ يوللىرىدا كېتىۋاتقان ئۈزۈلمەس كارىۋاندىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۈگۈنمۇ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلىمنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقتا. ئەجدادلار باشلىغان يولدىن يەنە نەچچە ئون چىڭگىزخان داموللام ۋە ئابدۇقادىر داموللاملارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ "قۇتادغۇبىلىك" لىرى بىلەن ئۇيغۇرغا ئايدەك بەخت قۇچىدىغانلىقىغا، قۇياشتەك ھەممە ئىنسانغا ئورتاق قانۇننىڭ كاپالىتى بىلەن ئۇيغۇرنى يورۇق ساھىللارغا باشلايدىغانلىقىغا ئارمانىمىز بار. مىسىردا ئىنقىلاپ بولغان دەملەردە مىسىردىكى دوستلاردىن كۆپ ئەنسىرىدىم. بۇرۇن تونۇشمىغان مىسىرلىق بالىلار بىلەن قايتىدىن ئىزدىشىپ كۈنلۈك يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن. مىسىر خەلقى ئاخىرى ئۆزىنى ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ئىسكەنجىدە قىينىغان مۇبارەكنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدى. مىسىردىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قارشى ھالدا مۇبارەكنى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز خەلقى ۋە خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى ۋە مۇبارەكنى قورال ئىشلەتمەسلىككە خەلقنىڭ ساسادىنى ئاڭلاشقا، خەلققە ئەركىنلىك بېرىشكە قىستىدى. مىسىر ئازاد بولدى! بىر سادا بىلەن قۇزغالغان بۈتۈن دۇنيادىكى پۈتۈن مىسىرلىقلار بايرام قىلدى. مىسىرلىقلار، مۇسۇلمانلارلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيا مىسىرنى تەبرىكلىدى، مىسىر ئۈچۈن دۇئا قىلدى، ياش تۆكتى. بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئامېركىلىق سىتاستىكا مۇئەللىمى "بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلەرنى كەچۈرىۋەتتىم. يەنە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، تولۇقلاپ ئىشلىسەڭلا بولىدۇ، چۈنكى بۈگۈن مىسىر ئازات بولدى! بۇ ھىندونوزىيە خەلقىنىڭ سوخارتونى ئاغدۇرشىدىن كېيىنكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە تىنچىلىق بىلەن بولغان، قان تۆكۈلمىگەن غەلىبە، مەن مىسىرنىڭ ھىندونوزىيەدەك بىر دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتى بولىشىغا تىلەكداشمەن" دەپتۇ.
مىسىر ئازاد بولغاندىن كېيىن مەسجىدىمىز ئالاھىدە خوشاللىققا چۈمدى. ھەممە ئادەم خوشال، بۇرۇن بالىلىرىغا ئاتاپ "ھېقىق" بېرەلمىگەن مۇسۇلمان دوستلىرىمىز مىسىرنىڭ ئازاتلىقىنى تەبرىكلەپ كەينى كەينىدىن ھېقىق بېرىشكە، مۇشۇ باھانىدە مىسىرلىقلارنىڭ خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى جۇمە نامىزىدىن كېيىن ئىمام مىسىرلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلاپ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ ئالاھىدە تاماق ئېتىپ كەلگەنلىكى ئېلان قىلغاندا بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم. نېمە تاماق قىلدىكىن دېسەم پولۇ ئېتىپتۇ. كۆز ئالدىمغا ئۇيغۇرنىڭ تويلىرى كەلدى. ئۇيغۇر توينىڭ شاتلىقىغا ئاتاپ پولۇ ئەتسە مىسىرلىق قىزلار مىسىرنىڭ ئازاتلىقىغا ئاتاپ پولۇ ئەتكەن ئېدى. مۇسۇلمانلاردىكى بۇ ئوخشاشلىق مېنى ھاياجانغا سالدى. پولۇ ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە تائاملار سۇلتانى، سۇلتان بولغان يىگىت ۋە خانىش بولغان قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىقى. مىسىردا توي، پولۇ توينىڭ، غەلىبىنىڭ نامايەندىسى ئېدى. دۇنيادا غەلىبىلەر ھەر خىل تەبرىكلىنىدۇ، بەزىلەردە ئېتىلداق-شاۋقۇن سۈرەن بىلەن، بەزىلەردە ۋىنۇ ھاراق بىلەن. بىزدىچۇ؟ گۈل بىلەن، پولۇ بىلەن. گۈل ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلى، پولۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەجرى. ئىككىلىسىدە بىر تاماسىز تىلەك، تەبرىك بار، شاتلىق ئۈچۈن ھەمدەملىك بار. پولۇنى دۇنياغا، مۇسۇلمانلارغا سوۋغا قىلغان بوۋىلىرىمىز تەبرىكنى، كۆڭۈلنى، تاماسىز تىلەكنى، مىننەتسىز ئەجىرنى دۇنياغا ھەدىيە قىلغانىكەن. مانا ئەمدى دۇنيانىڭ بىر چېتىدىكى مىسىر خەلقى غەلىبىنى پولۇ بىلەن تەبىكلىمەكتە. پولۇ كەبى لەززەتلىك تىلەكلىرىمىز قۇتاتقاي، مىننەتسىز ئەجىر بەدىلىگە ئاللاھتىن تىلىگەنلىرىمىز ئىجابەت بولغاي. ....مەنبە ئوكيان تورى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 762
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە762دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 4667 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-28

ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،رەھمەت.
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-01 20:59

مىسىردا ھازىرچە ھەربىلەر ۋاختىنچە ھاكىمىيەت يۇرگۇزىۋاتىدۇ ،،،كەلگۇسىدە خەلىقچىل بىر ھاكىمىيەت بارلىققا كىلىپ مىسىر خەلقى غەلبە مىۋىسىنى كۇرگەندە ،،،،،پولۇ ئەتسۇن،،،،!
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 00:58

مىنىڭچە يەنە شۇ ئامىرىكاپەرەس تىن بىرەسى زۇڭتۇڭ بولامىكى ئۇ دۆلەتكە
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
tokkustara
پىقىر يۇسۇپ مەھمۇد ئەۋرىسى ئەخمەتجانىڭ نەۋرىسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2922
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 1170 %
مۇنبەر پۇلى: 2060 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 14:21

مۇشۇ تېمىنى قايسى كۇنى ئانا تۇپراق مۇنبىرىدە كۆردۇمغۇ دەيمەن ،بىر تورداش قوپۇپ (پولو دېگەن ئۆزبېكلەرنىڭ نىمە بولسا تالىشىدىكەنمىز  تالاشمىغان مۇشۇ قالدىمۇ )دەپ يىزىپ قويغىننى كۆرۇپ ئىچىپ ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىككى ئېغىز مىسال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىستىمال قىلىپ كىلىۋاتقان تائاملىرىمىزدىن دەرىس بىرىپ قوياي دىۋىدىم ئەپسۇس ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەزا بولالمىدىم ،

مۇشۇنداق  تىتەن پەدە گەپقىلىدىغان ھاراملىقلارنى ئەمىليەتتە كۆرۇپ  ئاڭلىغان بولسام ئۇرۇپ قويىشىم مۇمكىن ئېدى .
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-01-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 16:41

   مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىر قىرىنداش....