ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرى
خۇتۇن دىگەن بىر ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بۇلۇپ ھېرىپ قالمايدۇ. بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياغقان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.
مەن قاتتىق ئازاپلاندىم ،كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ ،ئۆزەمدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكنى كەچۈرىۋېتەلمىدىم.توي كۈنى، ئايالىم ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى كېچىدە ،بىز يانفۇننىڭ مۇزىكا قوڭغۇرىقىنى تەكرار تەڭشەپ چىققان ئىدۇق. بىز تۇرمۇشنى خۇددى مۇشۇ يانفۇن قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق ،يېقىملىق ھىس قىلىپ ،ئارزۇ ۋە ئۈمۈدكە تولغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دائىىم ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم،<ئەر كىشى ئىشتىن يانغاندا كۆكتات ئالغاچ كىلىڭ>،<ئەر كىشى سىزنى سېغىندىم ،سىزنى سۆيىمەن>،<ئەر كىشى كەچتە ئاپامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ تاماق يەيلى>. كۆڭلۈمدە شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلاتتىم، بىر قېتىم تېلىفۇن مېينغا توك قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەل شۇ كۈنى باشلىق بىلەن يېزىغا چۈشۈشكە توغرا كىلىپ قالسا بولىدۇ،تېخى يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كەلگىنىمچۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا ،ئايالىمنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم،ئەسلىدە ،ئۇ مەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن باشلاپ ،ھەر ئون بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ،ئەمما ئىزچىل مىنى مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرغان ئىكەن. خۇتۇنۇم تېخىمۇ جىددىلىشىپ ،بىرەر كىلىشمەسلىك چىققان ئوخشايدۇ دەپ، كىيىن ھەر ئون مىنۇتتا تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ، ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇ تېىفۇن تۇرۇپكىسىنى ئەمدىلا قۇيۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى يوغىنىتىۋەتكەنلىكىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي:
-مەنمۇ كىچىىك بالا ئەمەس،نىمە ئىش چىقاتتى،- دىدىم.
ئايالىم مىنىڭ تېلىفۇننى ئالماسلىقىمدىن بىرخىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ،مىنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ ،دەپ ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى،مەن ئايالىمنىڭ بېشىغا پەپىلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەخمەق ،- دىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كىيىن تېلىفۇن باتارىيىسىگە توك قاچىلاشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم. كىيىنچە مىنىڭ ئەمىلىممۇ ئۆستى ، پۇلىمىزمۇ بار بولدى، يانفۇنىمنىمۇ نەچچە قىېتىم ئالماشتۇردۇ. بىر كۈنى ئايالىمغا ئاشۇ ئۈزۈككە قەرىز ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەچتى -دە،ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنىمچە سودا سارىيىغا ئېلىپ كەلدىم، لىكىن ئۇ ئارىسالدى بۇلۇپ :
-ئاق ئالتۇن ،ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى بارماققا سېلىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار، ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىز بىلەن دائىىم ئالاقىلىشىىپ تۇرالايمەن-دىدى،شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەردىم.
شۇكۈنى بىرىمىز ياتاق ئۆيدە ،بىرىمىز مېھمانخانا ئۆيدە تۇرۇپ ،ئۇچۇر يوللىشىپ ئىنتايىن خوشال ئوينىدۇق.
بىر كۈنى كېچىدە ، مەن خىزمەتتدشلىرىم بىلەن دوسىتلارنىڭ ئۈيىگە قەرىت ئوينىغىلى باردىم، ئويناپ تازا قىزىغان چاغدا ئايالىمدىن تېلىفۇن كەلدى:
-سىز نەدە ؟ نىمىشقا تېخىچە ئۆيگە قايىتمايسىز؟
-مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۈيىدە قەرىت ئويناۋاتىمەن-
-قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
-بىردەمدىم كىيىن
ئۇتتۇرۇپ ،ئۇتۇپ، ئۇتۇپ ،ئۇتتىرىۋېرىپ تۇرغىنىمدا ئايالىمنىڭ تېلىفۇنى يەنە ئارقا -ئارقىدىن كىلىشكە باشلىدى،سىرىتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئايالىمدىن يەنە تېلىفۇن كەلدى.
-سىز زادى نەدە، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ، تېز قايتىپ كىلىڭ.
-سىزگە دىدىمغۇ ،مەن خىزمەتتىشىمنىڭ ئۈيىدە قەرىت ئويناۋاتىمەن، سىرىتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتسا ،قانداق قايتىپ كېتىمەن!
-ئۇنداقتا سىز ئۈزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بىرىڭ ،مەن ئالغىلى باراي!
-ئۇنداق قىلماڭ!
بىرگە قەرىت ئويناۋاتقان دوسلىرىم مىنى زاڭلىق قىلىشىپ ،<سايماخۇن > دىيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن تېلىفۇننى ئېتىۋەتتىم.
تاڭ يۇرىدى ،مەن ئۇتتۇرۇپ ھىچنىمەم قالمىدى، دوستۇم مىنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەمما ئىشىك قۇلۇپلانغان بۇلۇپ، ئايالىم كۈرۈنمەيتى، مەن ئىشىكنى ئېچىپ ،ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئۆيدىكى تېلىفۇن جىرىڭلاپ قالدى، تېلىفۇننى قەيىنئانام بەرگەن ئىدى، قەينىئانام يىغلامسىراپ:< ئۇ يېرىم كېچىدە يامغۇرغا قارىماي،كۈنلۈك ئېلىپ ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئۈيىگە مىنى ئىزدەپ،ھەممە ئۆيلەرگە بارغان ،يولدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ قايتا ھۇشىغا كېلەلمىگەن ئىكەن>.
مەن شۇ چاغدىلا تېلىفۇننى ئېچىپ ،ماڭا قالدۇرۇلغان،مەن تېخى ئۇقۇمىغان بىر قىسقا ئۇچۇرغا كۈزۈم چۈشتى ،< ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ، بۈگۈن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز، مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم ،قالايمىقان چېپىپ يۈرمەڭ،مەن كۈنلۈك ئالغاچ ماڭدىم>.
ئۇ مىنى ئىزدەش يۇلىدا مەڭگۈلۈككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن، مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ ،بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئۇقۇدۇم، شۇ كۈنى ، مەن ئۆزەمنىڭ پۈتۇن دۇنيانى ئۇتتىرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
ئايالىم دۇنيادىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ ،مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن تېخىچە قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم، خىزمەتكە كۆڭلۈم تارىتمايتى، كۈنبۇيى خامۇش يۈرەتتىم ، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم....
ئۈزىمىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ھەرگىز ئازاپلىمايلى!
باردا قەدرىگە يەتمەي ،ئايرىلغاندا قەدرىگە يەتمەيلى!
مەنبەسى :بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى
ئابدۇ جاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى
كەڭ سايدىكى بەزى دوسىتلىرىمىزغا ئىبرەت بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم .