بىرازىلىيىلىك كامىن 1934 -يىلى 20 يېشىدا توي قىلغان بولۇپ تۆت ئايدىن كېيىن يولدىشى ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن.بۇ شۇم خەۋەرنى تۇيۇقسىز ئاڭلىغان كامىن ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىغان.ۋە شۇ يىغلاش بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ياش پەردىسى يېپىلماس بولۇپ قالغان.
دەسلەپتە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن ئەمما ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ :«بۇ مېنىڭ ئىختىيارىم ئەمەس،يىغلىماي دېسەممۇ كۆزۈمدىن ياش توختىمايدۇ»دېگەن.بىر كۈنى ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭ كېچىدە ئۇخلاپ يېتىپمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دوختۇرغا تەكشۇرتگەندە،دوختۇرلار::«كامىننىڭ كۆزيېشى پەقەت ئۇ ئۆلگەندىلا ئاندىن توختىشى مۇمكىن»دېگەن.كامىن 2000 -يىلى 76 ئالتە ياشقا كىرگەن شۇ ۋاقىتقىچە ئۇ توپتوغرا 56 يىل يىغلىغان.بەلكى ئۇ ھازىر ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2000-يىلى 9-سان