ئارىمىزدا ئاندرويىد تېلېفونلارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر مەسىلە بېشىمىزنى قاتۇردى، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى راۋان قوللىماسلىق مەسىلىسى، كەمىنە قۇتبىلىك ئاندرويىد ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم داۋامىدا قانداق قىلىپ قىلىپ ئاندرويىدقا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەسلىسى ھەققىدە ئازراق ئىزدەنگەن، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىزدىنىشلىرىمنىڭ كىچىككىنە مەھسۇلى بولغان قۇتبىلىك RSS ئوقۇغۇچنى تورداشلارغا سۇنۇش ئالدىدا تۇرىمەن.

بۇ ئوقۇغۇچ ھازىرچە تېلېفونىدا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانغان ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، فونت قاچىلاپمۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىمىغان تېلېفۇنلارغا ماس كىلىدۇ، بۇ نەشىرى ئاندررويىدنىڭ 1.6 نەشىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ نەزىرىيە جەھەتتىن 1.6 دىن يۇقىرى بولغان نەشىرلىرىدە نورمال ئىشلەيدۇ.كەمىنە قۇتبىلىك قولىدا ھازىر ئاندرويدنىڭ 1.6 نەشىرى قاچىلانغان HTC G1 تېلېفون بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا نەشىردىكى ئاندرويىد تېلېفونلاردا سىناش ئىمكانىيتى بولمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن قولىدا ئاندرويىد تېلېفونى بار دوستلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا سىناپ بىرشىگە موھتاجمەن، شارائىتى بار، دىتالنى سىناپ بىرىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېما ئاستىغا (قۇت بلوگىدىكى) تېلېفونىنىڭ ماركىسى، ئاندرويىدنىڭ نەشىرى ۋە ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان-قاچىلىمىغانلىقىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ھەمدە 137936175 نۇمۇرلۇق چ چ نى دوستقا قېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.سىناش ئاخىرلاشقاندا سىناش خىزمىتىگە قاتناشقان دوستلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىلىدۇ ۋە بۇندىن كىيىنكى نەتىجىللىرىمىزدىن ئەڭ ئاۋال بەھىرلىنىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىلىدۇ.شارائىتى يار بەرگەن توربەت ئاتامانلىرى ئىشلىرىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەقىياتى ئۈچۈن مەزكۇر خەۋەرنى تور بىتىڭلاردا ئېلان قىلىشىپ بەرسەڭلەر تولىمۇ مىننەتتار بولغان بۇلاتتىم(بىزنى قوللىغان ئاتامانلارغا ئالدىن رەخمەت ئېيتىمەن).ھۆرمەت بىلەن : قۇتبىلىك ئەپەندى
بۇنى نېمىكىن دەپ قالماڭلا.. بۇ قۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتبىلىك ئەپەندىمنىڭ android مەشغۇلات سېستىمىلىق تېلېفۇنلار ئۈچۈن ئاتايىتەن ياساپ چىققان rss ئوقۇغۇچىسى. شۇڭا ئادەتتىكى مەشغۇلات سۇپىسى يوق يانفۇنلار ئىشلىتەلمەيدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنى بارلار يەنە ماشغۇلات سېستىمىسى android بولغان تورداشلارنىڭ سىناققا قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز....
ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۈچۈن ھەممەيلەن ھۇررا....