توي دىدى-ئاتا-ئانا ،ئۇرۇق- تۇققان،
توي دىدى- تاغۇ-دەريا،پۈتكۈل -جاھان،
توي دىدى-ئىسراپخورغا ھەشەمەتكە قارشى تۇرغان،
توي دىدى-ئاددى-ساددا بەخيت ئىچىرە تۇرمۇش قۇرغان.
تويلۇق ئۈچۈن 30مىڭنى تەييار قىلسۇن،
توي كۆينىكى كورىيەدىن كەلتۈرۈلسۈن،
ۋىچركىسى رىستۇراندا ئۆتكۈزۈلسۈن،
توي دىدى-قەرز قىلىپ خوتۇن ئالغان،
بىر مىھمانغا بىر كىلودىن ئوغلاق گۆشى،
بولسۇن يەنە ھاكىم تويغا يىگىت بىشى،
كەم قالمىسۇن داستىخاندا قۇدا-ئىشى،
توي دىدى-يىغلاپ تۇرۇپ ئوغۇل تاپقان.
ماشىنا ھەم ئەڭ تۆۋىنى پاسات ئەكەل،
قىز قولدىشنىڭ كۆينىكىنى بۇيرۇتۇپ كەل،
60گىرام قىزىل ئالتۇن بولدىمۇ تەل؟
توي دىدى-توققۇز ئايدا ئوغۇل تۇققان.
ھەر ھەپتىدە قىزىم بىلەن بىزنى يوقلاڭ،
كەلگىنڭىزدە (ناۋبەيجىن)نى ئۇنتۇپ قالماڭ،
قىزمنى ھەم شاپىلاق بىلەن بىرنى ئۇرماڭ،
توي دىدى-ئۇلۇغ تىنىپ كۈيئوغۇلغا ئاكا بولغان.
قىزم تۇغسۇن،ئەمما قىلدەك دەرت كۆرمىسۇن،
قازان بىشىغا 3يىلغىچە بىرىپ سالمىسۇن،
ئانىڭىز مۇ قىزىمغا ئۆي ئىشىنى بەس سالمىسۇن،
توي دىدى-بالائۈچۈن بىساتىنى ئەرزان ساتقان.
نەۋرىمىزنى ئۇيغۇر چىدا ئوقۇتمايمىز،
بادام دوپپا دىگەننىغۇ كەيدۈرمەيمىز،
قىزمىزنىڭ سۈتىنمۇ ئەمدۈرمەيمىز،
توي دىدى-ئاران تەستە خوتۇن ئالغان.
قىزىمىزنىڭ تىنى ئاجىز كىسەلچاندۇر،
كىر -قاتنمۇ بۇچاققىچە يۇمىغاندۇر،
باچكا بىلەن غىزا يىسۇن مىزاجى سوغۇقچاندۇر،
توي دىدى-ھەممە شەرتنى قوبۇل قىلىپ توينى قىلغان.
يىگت تەرەپ قىلىۋالدى بۇ توينمۇ،
تۇتۇپ بەردى قىز يىگتكە خاس ئۆينمۇ،
مانا ئەمدى بىچارىلەر ئۇھ-دىدىمۇ؟
توي دىدى-تويلۇق ئۈچۈن 40 مىڭنى قەرز ئالغان.
يىگىت(دەيكۈن)مائاشى يىتشمدى،
2ئايدا قىزمۇيىگىت بىلەن كىلىشمىدى،
كىلىن قىزچاق چوڭلار بىلەن پىتىشمىدى،
توي دىدى-ئاشۇق-مەشۇق ۋىسال قۇچقان.
ئىككى يىلدا 104 قىتىم يامانلىدى،
ھەرقىتمى 400كويدىن كاملىمىدى،
بالا يىغلاپ11ئايدا زۇكام بولدى،
توي دىدى-تويلۇق ئۈچۈن ئالتۇن ئالغان.
توشۇمىدى يىگىتنىڭكى تاپقانلىرى،
ئەستىن چىقتى تويدىن بۇرۇنقى قەسەملىرى،
چەككە يەتتى بىچارىنىڭ ئەلەملىرى،
توي دىدى-ئۆزىگە-ئۆزى بالا تاپقان.
يىگىت ئەمدى ئاقنى ئىچتى يىغلاپ تۇرۇپ،
خوتۇنىمۇ پۇل بەر دىدى-يىغلاپ تۇرۇپ،
بالىسمۇ جىدەل قىلدى يىغلاپ تۇرۇپ،
توي دىدى-دوست-دۈشمىنى ئاڭا قاراپ.
3يىل بولدى،كىلنچەكمۇ تۇتتى سىرتتىن ئاداش،
ئىرى بىلەن كارى يوقتۇر كۈندە ئويناش،
بوۋاي بىلەن موماي كۆزىدە قۇرىمىدى ياش،
توي دىدى-ئەل -جامائەت ئىبىرەت ئالغان.
يىگىت ئاخىرى دورا ئىچىپ ئۆلۈپ قالدى،
مويسىپىتقا گۇناسىز شۇ نەۋرە قالدى،
كىلنچەكمۇ ئانىسنىڭكىگە كىتىپ قالدى،
بورانكاڭلار بۇ قوشاقنى قىتىپ قالدى،
توي دىدى-شەيتانلارمۇ بىزگە قاراپ؛
مەنبە؛بورانكاڭلارنىڭ تاز كاللىسى،بوران114،،،يەكەن،