باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 31775 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى
دوستلىشىش
ئا.ئابلەتخان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6792
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 23:11

ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-29)

ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
 


سۆزۈمنى فۇدەن ئۇنۋېرتسىتىنىڭ پىرفېسورى جيەنشيۇڭنىڭ مۇنۇ بايانى بىلەن باشلايمەن.

"غەرپتىكى سىياسىئونلار ئىككى ياقلىمىققا ئىگە. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى گېپى بىلەن ئېغىزىدىكى گېپى ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش جوڭگودىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىرگە ئىگە. نىمىشقا دەمسىز ؟ چۈنكى ئۇلار تاپشۇرۇق دەپتىرىگە دۇنيا يەرمەنكىسىنى ياقتۇرمۇدۇم. بەك قىستاڭچىلىق ئىكەن. ھېرىپ ئۆلەي دىدىم دىسە، نۆل نومۇر ئالىدۇ."

سۆزۈمىزگە كەلسەك، بىر يالاڭتۆش دېھقانغا يۈز نومۇر ياكى سايلام بېلىتى دىگەنلەرنىڭ ھىچقانداق قىممىتى يوق. شۇڭا سۆزۈمنى ئۇددۇل دەۋېرەي. 
 

1.     
ئاتىلار شۇنداق دەيدۇكى، دوستۇڭ يىغلىتىپ ئېيتسا، دۈشمىنىڭ كۈلدۈرۈپ ئېيتار.

دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان دوستلۇق، مىللەتلەر دوستلىقىدۇر.

دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان زىدىيەتمۇ مىللى زىدىيەتتۇر.

مىللەتلەر ئارا ئىناقلىق سۆھبىتى مىللى مەنپەئەتلەر شەكىللەنگەن ئەشۇ يىراق دەۋىرلەردىن باشلاپلا داۋاملىشىپ كەلگەن. ئىرىق ۋە مىللەت يوقالمىسىلا كەلگسىدىمۇ بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرىشى ئېنىق.

جەمىيەت تەرەقىياتى مىللى مەزمۇندىكى زىدىيەتلەرنى كىچىكلىتەلىگەن بولسا قوقان دەۋرىدىكى قىپچاق بىلەن ئۆزبېكنىڭ، بۇغداي بىلەن بىيداينىڭ دۈشمەنلىكى بۈگۈنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردە تەكرارلانمىغان بولاتتى. ئەرەپ بىلەن پارىسنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىر بولغاندەك مەنپەئەتىمۇ بىر بولغان بولاتتى. بەنى ئىسرائىلنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق خاتىرجەمسىز ھاياتى  ئاخىرلاشقان بولاتتى.

تۇرۇپلا ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجى تەرەقىياتى دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئويلاپ قالىمەن.

ئۆز مەنپەئەتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان مىللەت، مىڭ يىل ئىلگىرى يوتىسىنى تاش پىچاقتا كېسىپ يىگەن بولسا بۈگۈنكى زامانىۋى دەۋردە داتلاشماس پولات پىچاق بىلەن كېسىپ يەيدىكەن. تاش پىچاقنىڭ پولات پىچاققا ئۆزگۈرىشى تەدرىجى تەرەقىياتمىدۇ ؟


شۇڭا بۇنداق سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە جەمىيەتتىكى مىللەتلەر ئىناقلىقىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى بىر تەرەپكىلا مەسىلەن، ئىدارە قىلغۇچى ئاپاراتلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويۇشمۇ ئادالەتسىزلىك. بۇنداق بېسىمنى بىر تەرەپكىلا يۈكلەۋەرگەندە ئۇنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىپ كېتىپ چاتاق چىقىدۇ. شۇڭا ھەممە تەرەپ مۇۋاپىق دائىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. جەمىيەتتىكى ھەر مىللەت ئەزالىرى مىللى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پايدىسى ياكى زىيىنىغا  بىۋاستە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ياخشىلاش ھەربىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى مەسىلە.

يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ ئەركىن ۋە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى بىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئوي-پىكرى توغرىسىدا بىرىنچى قول ماتىريالغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش، مىللى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزغا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىمىزنى سۇنۇپ، ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرايلى.

قەلبىمىزنى ھەممىگە ئاچايلى. ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى سىرتقىلى قاراتماي ئۆزىمىزگە، بىر-بىرىمىزگىمۇ قارىتايلى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چەتئەللەر جوڭگونى چۈشەنسۇن. بىزمۇ ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى چۈشىنەيلى. ئېچىۋېتىشنىڭ سەمىمىلىكى بىلەن گۇمانسىراش ۋە ئىشەنمەسلىك ئارىمىزىدىن توزۇپ كەتسۇن. شۇندىلا ئىسلاھات قەدىمى تەڭ قەدەمدە، باراۋەر مەنپەئەت ئاساسىدا پۇختا تەرەقىي قىلىپ ماڭىدۇ.



شۇڭا مەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئالدىمدا تۇرسىمۇ يەنىلا رىئاللىقتىكى مەجبۇرىيەتتىن قېچىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن. ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئوي-پىكرىمىزنى ئىپادىلىشىمىزگە پاسسىپ تەسىر بېرىپ كەلمەكتە. ئويلىغانلىرىمىزنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنماسلىقتىكى سەۋەپ، باشقىلارنىڭ بىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن قورقۇشىمىزدىن بولسا كېرەك. خاتا چۈشۈنىشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز تەغدىرداش ئادەم. بىزنىڭ سەمىمىلىكىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز ھامان بىر كۈنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. ئىشەنمەسلىكنىڭ تۇمانلىرىنى تارقىتىدۇ.

سەن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەيدىغان ئادەمنىڭ دۈشمەن ياكى دوست ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسەن ؟! ئەمەلىيەتتە پەقەتلا ئىنكاس بىلدۈرمەيدىغان، تەكلىپ-پىكىر دىگەنلەردە قوڭىنى قىسقانلارنى ياخشى پۇقرا دىيىش كەلگۈسىدىكى زور خەتەرگە يول قويغانلىق.

چۈنكى ھەقىقى قورقۇنۇچلۇق ئادەم دەل ئەشۇ مۆرىمەسلەر توپى.

مەن تونۇيدىغان ھەر مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن ئادەملەر دۆلەت مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى، مىللى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مەندىنمۇ ئوبدان بىلىدۇ. بىراق سۈكۈت قىلىدۇ. يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋالىدۇ. ھەقىقى ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتماق ئاسان. توۋلىسىڭىزلا ئويغىنىدۇ. ئەمما يالغاندىن ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغاتماق مۈمكىن ئەمەس. ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزىگە سىيىپ قويسىمۇ تۇيمىغان بولۇپ ئۇخلاۋېرىدۇ. بۇخىل پوزىتسىيە نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

لازىنى ئاچچىق، قوغۇننى تاتلىق دىيەلمىگەن ئادەم دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتى مەسىلىسىدىمۇ بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىۋېلىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. مانا بۇلار مەيلى ھۆكۈمەت ياكى خەلق ئۈچۈن بولسۇن، يىرگىنىشكە تېگىشلىك يوشۇرۇن پەسكەشلەردۇر.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، دوستۇڭ يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمىنىڭ كۈلدۈرۈپ ئېيتار.

بىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىز يېقىندىن بۇيانقى رىئاللىقىمىزغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۆز-ئارا چۈشۈنىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. گۈزەل كەلگۈسىگە بىزنى ئىشەندۈرمەكتە. چۈشەنمەسلىك ۋە ئىشەنمەسلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھەمكارلىق ئاساسىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

شۇنداقتىمۇ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر كۈندىلا ھەل بولىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بىزنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ماددى ۋە مەنىۋى دۇنيا زىدىيەتكە تولغان بولىدۇ. زىدىيەتسىز ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بىزدىكى مىليونلىغان نوپۇسمۇ بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە مۇستەسنا ئەمەس.

ئەگەر سەن دىگەندەك، مىليونلىغان نوپوسنىڭ رىئاللىققا بولغان ئىنكاسى مۇتلەق زىدىيەتسىز بولسا، بۇ دەل بىنورماللىق بولىدۇ.

بۇنداق بىنورمال ئومومىلىقتا مەسىلە بار. بۇ مەسىلە مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئاشكارىلىققا يۈزلەنسە جەمىيەتنىڭ ئۇنىڭغا ماس تەدبىر كۆرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يىڭنىدەك بولسىمۇ يېلى چىققان چاق ئېتىلمايدۇ.

بىلىم قۇرۇلمام نۇرغۇن ئالىم-مۇتەخەسىسلەرگە نىسبەتەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئاددى بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ تېما تۈغۈلغان ئادەم بالىسىنىڭ ھەممىسى ئۇچرايدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. شۇڭا سۆزلىگۈچىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ ئالاھىدە يۇقۇرى بولىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما مەسئۇلىيەتچان ئىجتىمائى ئادىللىقنى، قانۇنچىلىقنى ھىمايە قىلىدىغان كەسكىنلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق شەرتنى ھازىرلاشتا، ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمگە شەرتسىز ئىشىنىمەن.

بۇ تېما مۇنازىرىسىدە سەمىمى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك ئادەملىك سۈپىتىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى تۆۋەندىكى ھىساپسىز شاكاللار ئىچىدىن ئازراق بولسىمۇ مېغىزنىڭ چىقىپ قېلىشىغا سىلەر ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.



2. تارىختىن بۇيان جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەممىمىز تىرىشتۇق، شۇنداقلا داۋاملىق تىرىشىمىز.

جوڭگودا مىلادىدىن بۇرۇندىن تارتىپلا ھوقوق مەركەزلەشكەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئۈمۈدى بولغان.

جوڭگو تارىخىدا ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرىدىن خەن سۇلالىسىدىكى چاۋسو ۋە مىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭجۇيجېڭلار بولۇپ، ئۇلار ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى نىسبەتەن مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغانلاردىن ئىدى.

چاۋسونىڭ تەشەببۇسى بىلەن
خەن سۇلالىسىدا ھوقوق ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي جايلاردىكى سۇيۇرغال بەگلىكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىسلاھاتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا مەركەزنىڭ توپىلاڭنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمەيتتى. تېزدىن تەدبىر قوللانمىغاندا  مەركىزىي ھاكىمىيەتنىمۇ ساقلاپ قېلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. قانداق قىلىش كېرەك ؟

ساۋساۋنىڭ ئامبارچىنى ئۆلتۈرۈپ ئەسكەرلەرنىڭ غەزىۋىنى بېسىش تەدبىرىدىكى ئامالسىزلىقتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى. شۇڭا تاشقى تەشۋىقاتتا "خاننى خاتا يولغا باشلىغان ۋەزىرنى جازالاش" شوئارى بىلەن ئىچكى قىسىمدا "قولنى كېسىپ كاللىنى ساقلاش" ھىلىسى ئوينالدى. چاۋسۇ ھەزرىتىمنىڭ بېلىدىن كېسىلىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادى قىرىپ تاشلاندى.

باش ۋەزىرنى ئۆلتۈرۈپ بەگلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ دۆلەت بولۇش غايىسى خانلىقنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمىدى. بۇنداق دەرمانسىزلىق چاۋسۇ ۋەقەسى بىلەنلا توختاپ قالمىدى. كېيىن ھونلارنى بويسۇندۇرۇش ئارزۇسى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرىدا بۈيۈك خەن سۇلالىسى ئۆزى پارچىلىنىپ كەتتى.

مىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى جاڭجۈيجېڭمۇ خانلىقنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن ھالقىغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ ئاخىرى چاۋسو بىلەن ئوخشاش كۈنگە قالدى. ئۆزى خانلىق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. جاھاندا بىرمۇ ئۇرۇق-تۇققىنى قالدۇرۇلمىدى.

مەركەزلەشتۈرۈش مۇقامىغا قاراپ كېتىۋاتقان تارىخ ھارۋىسىنى توساش بەسى مۈشكۈل بولغاندەك بۇنداق پاجىئەلەر ئومومى ۋەزىيەتنىڭ رولىنى بۇرىۋېتەلمىدى. چوڭ دۆلەت بولۇش تىرىشچانلىقى يەنىلا توختاپ قالمىدى. ئاخىرىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن پارچىلىنىش ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئالدىنقىسى كېيىنكىسى ھامىنى يەڭدى.

خەندىن باشلانغان قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش خىيالى مىلادىدىن كېيىنكى موڭغۇللار قۇرغان يۇئەن سۇلالىسىغا كەلگەندە دەسلەپكى ئۇتۇققا ئېرىشتى. جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تۇنجى تۆھپىسى موڭغۇل مىللىتىگە تەۋە بولدى. شۇنداقتىمۇ بۆلۈنۈش بىلەن مۇستەقىللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىققان بۆلگۈنچى مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ توپىلاڭلىرى سەۋەبىدىن بۇ چوڭ دۆلەت پارچىلاندى. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ مىللىتىگە بولغان ئېغىر مىللى زۇلۇم بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تارىخنىڭ چېكىتى مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە مەركەزلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى يەنە بىر قېتىم مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ مۇستەبىت تۈزۈم ئاساسىدىكى كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن جوڭگو دۇنيا كەلدى.

جوڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.

خەنزۇ، خۇيزۇ، دۇڭزۇ، يىزۇ مىللەتلىرىنىڭ تەيپىڭ-تىيەنگو ھەركىتى، 4-ماي ھەركىتىدىكى جۇاڭزۇ، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ قىلغان كۈرەشلىرى، ئوباشنىڭ جۇڭغارلارنى باشلاپ ۋەتەنگە قايتىشى، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ چارروسسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىقلىرى، زاڭزۇ خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرىشى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ،خەنزۇ ۋە خۇيزۇلارنىڭ ياقۇپبەگ ھاكىمىيتىگە قىلغان قارشىلىقلىرى.......دەك نۇرغۇن مىساللار جوڭگو تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يارقىن سەھىپىسىنى ياراتتى.

تارىختىكى خەنزۇلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن غايىلىك ئەزىمەتلەر ئۆزىنىڭ تار ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قايرىپ قويۇپ كۆپ مىللەتلىك جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ئورۇنداشقا مانا شۇنداق ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشتى.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى تارىختىن بۇيان مەركەزلىشىش تىرىشچانلىقى كېڭەيدىكى تارايمىدى. ئۈنۈم قازاندىكى مەغلۇپ بولمىدى. بۇنى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىزچىل كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن دىسەك خاتالىشىمىز. چۈنكى مەركەز بەزىدە ئىقتىدارسىزلىشىپ پايتەختنىمۇ كونتۇرول قىلالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. ئەمما ئومومى ۋەزىيەتتىكى پۈتۈنلۈك ئېڭى يەنىلا سۇسلاشمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، بىر تەرەپتىن جوڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئىرق، مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن مەلۇمكى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە ئوخشاشلا ساپ مىللى دۆلەت شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى تولىمۇ تۆۋەن بولغان. شۇڭا مىللى مۇستەقىللىق بايراقدارلىرىنىڭ شوئارلىرىمۇ ئومومى ۋەزىيەت ۋە ئومومى خەلىقنىڭ قوللىشىغا تولۇق ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوشنا دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۆز ئەھۋالىنىمۇ ئوڭشىيالماسلىقتەك نامرات، تىنىچسىز تەغدىرى بۇ زىمىندىكى خەلىقلەرنى سىرتقا قارىغاندا ئىچكى قىسىمغا بەكرەك ئۇيۇشۇشقا مەجبۇرلىغان دىگەندەك سەۋەپلەرنى سىغداپ باقساق بولامدىكىن. ئەمما كېسىپ ئېيتىدىغىنىمىز ساپ مىللى دۆلەت بۇ زىمىندا ئىلگىرىمۇ بولمىغان شۇنداقلا كېيىنمۇ بولمايدۇ.



3. دىموكىراتىيە توغرىسىدا دېھقانچە پاراڭ.

بىر دۆلەتتە ئالدى بىلەن ماددى كۈچ ئاندىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ مەنىۋى كۈچ ئۈزلۈكسىز تەرەقىي قىلىپ ماڭىدۇ.  پۇقرالارنىڭ ھاكىمىيەت كۆز قارىشىنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە دۆلەت تۈزۈلمىسى مۇناسىپ مۇكەممەللىككە يۈزلىنىدۇ. مەيلى ئامىرىكا ياكى تۈركىيە ۋە ياكى جوڭگو بولسۇن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەللىك يىل بۇرۇنقى جەمىيەت ئەھۋالى بىلەن پۇقرالارنىڭ ھاكىمىيەت كۆز قارىشى بۈگۈنكىدىن خېلى تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى جوڭگونى ئىلگىرىكى جوڭگو بىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. كاڭيۈۋېي پاجىئەسى ئەينى دەۋردە قانۇنلۇق بىلىنگەن بىلەن بۈگۈنكى دىموكىراتىك قانۇنچىلىق دەۋرىدە ئاق تېرورلۇق قىلمىش ھىساپلىنىدۇ.

دىمەك بىر دۆلەتنىڭ ماددى تەرەقىياتى قانچىلىك تەرەقىي قىلسا شۇنىڭغا مۇناسىپ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى ئادىللىق سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش تەرەققىي قىلىپ مېڭىشى ئەقەللى قانۇنىيەت. ئەللىك يىل بۇرۇن شىڭشىسەيگە ئوخشاش مىڭلاپ ئادەمنى ئۆلتۈرۋېتىش ھىچقانچە ئىش ئەمەس. ئەمما بۈگۈن ئۇنچىلىك كۆپ ساندىكى ئادەمنىڭ بىراقلا ئۆلتۈرلىشى دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقوق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ. دىمەك دۆلەتنىڭ سىياسى مۇساپىسى تارىختىكى ھوقوقنى ئاساس قىلىشتىن بۈگۈنكى دەۋردە ئادەمنى ئاساس قىلىش بىلەن بولسىمۇ پەرقلىنىدۇ.

نەزىريە جەھەتتىن ھەممىلا دۆلەتتە ھاكىمىيەتنى خەلىققە ۋاكالىتەن مەلۇم گۇرۇھ باشقۇرىدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ خەلىقنى باشقۇرۇش چارىلىرى بىر تەرەپتىن شۇ خەلىقنىڭ ئىدىلوگىيە ساپاسىنى ئاساس قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى دەۋر تەرەقىياتى بىلەن ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىدۇ.

بىر دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى بىلەن ئىچكى ئامانلىق سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى قۇدرىتى ئۇنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقىدا ئەڭ روشەن بىلىنىدۇ.  خەلقنىڭ ئاۋازىنىڭ ئېتىۋارغا ئېلىنىش دەرىجىسى بۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۆلەت كۈچى دەپ ھىساپلىنىدۇ. قانۇن دۆلىتى دىگەن ئاتالغۇنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى پۇقرالار كۆپ تەكىتلىسە دۆلەت كۈچى نامايەن بولغان بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئاۋازى يوغان ئادەم ھەرقانچە توۋلىسىمۇ نوتىغا چۈشمىسە ناخشىچى ھىساپلانمايدۇ.

دىكتاتورىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەبىرى ئوخشاش. ئەمما دىمكىراتىيەنىڭ ئوخشىمايدۇ.

دىمكىراتىيە غەرپتە بار، شەرقتە يوق نەرسىمۇ ؟

ئۇنداق ئەمەس. مەسىلە، دىموكىراتىيەنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىدە.

دىموكىراتىيەنىڭ توغرىلىق سۆزلەشتىن ئىلگىرى، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىغا دىققەت قىلايلى.

شەرقتە كوللىكتىپ نەزەرگە ئېلىنىدۇ. شۇڭا غەرپلىكلەر شەرقلىكلەردىكى كۈچلۈك تۇققاندارچىلىق ۋە ۋەتەنداشچىلىق ھىسياتىغا ھەۋەس قىلىدۇ. غەرپتە بولسا شەخس نەزەردە تۇتىلىدۇ. شۇڭا شەرقلىكلەر، غەرپتىكى ھەممىنى قىلغىلى بولىدىغان ئەركىنلىككە ھەۋەس قىلىدۇ.

ئەمدى دىمكىراتىيەگە قايتىپ كېلەيلى.

مىسال ئالساق، غەرپكە نېسبەتەن يالىڭاچلىنىش شەخسنىڭ دىمكىراتىك ھوقوقى. ئۇنىڭغا ئارىلىشىشقا بولمايدۇ. بۇ دىمكىراتىيەدە شەخس ئېتىۋارغا ئېلىنغان.

شەرقتە بولسا مەلۇم بىرەيلەننىڭ كوچىدا خالىغانچە يالىڭاچلىنىپ يۈرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەخلاقنىڭ بىۋاستە، قانۇننىڭ ۋاستىلىق ئارلىشىشى بىلەن ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ مەسخىرە قىلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغداش دەل ئۇلارنىڭ دىمكىراتىك ھوقوقىنى قوغداش ھىساپلىنىدۇ.    

دىكتاتورىنىڭ مەزمۇنى ھەممە يەردە ئوخشاش. خۇددى ئىنسانىيەتنىڭ مۇسكۇللىرى ئوخشاش بولغاندەك. ئەمما دىمكىراتىيەنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش ئەمەس. خۇددى ئىنسانلارنىڭ مىڭىسىدىكى پىكىر ئوخشىمىغاندەك.

ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى نەزىريىسىدىن خەۋىرىمىز بار. ئوخشىمىغان مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەتتا ئىككى ئۆيدە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى ئوخشىمىغان يەردە ئىككى دۆلەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ئوخشىمايدۇدە.

مانا بۇ ئوخشىماسلىق، ئاخباراتچىلىقتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئەھۋالى دىگەن شۇ. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىلەن يەنە بىر ئادەمنى باھالىغىلى بولمىغاندەك بىر دۆلەت ئەھۋالى بىلەن يەنە بىر

دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى باھالاشتىمۇ تولۇق ئادىللىق بولمايدۇ.

دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرمەس نەرسىمۇ ؟

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.

تارىختىن بۇيان ھەر خىل ئىجتىمائى ئالاقىلار جەريانىدا غەرپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە سىياسى قوبۇل قىلىشلار بولغان. بۇ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. غەرپلىكلەر شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. شەرقلىقلار بولسا غەرپنىڭ تۈزۈلمە ۋە قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگۈنىدۇ. ئەمما بۈگۈن ياكى ئەتىلا ئىككىلا تەرەپ بىراقلا شەرق ياكى غەرپ بولۇپ كەتمەيدۇ.

جوڭگونىڭ فېئودالىزىم دەۋردىكى مىللى زىدىيەت.

بىز جوڭگو تارىخىغا نەزەر سالساق ھەر قايسى مىللەت خەلىقلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن زىيانكەشلىك قىلىشقانلىقىدەك پاجىئەلەرنى تاپالمايمىز. تارىختا يۈز بەرگەن مىللى ئۆچمەنلىكلىكلەرنى بولسا تار مىللى خاراكتىرگە ئىگە فېئودالىزىم كۈچلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مىللى باراۋەرلىكنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن ماۋزېدوڭ، تارىختىكى مىللى زىدىيەتلەرنىڭ مەنبەسىنى شەرھىلەپ، تارىختا ئۆتكەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار، ئاساسەن خەنزۇ مىللىتى ئىچىدىن چىققان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار، بىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئايرىمچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بوزەك قىلغان. مۇشۇنداق ئەھۋاللار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرلەرنى ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدىنمۇ ناھايىتى تېزلا تۈگىتىش ئاسان ئەمەس.(ئاستى سىزىلغان جۈملىلەرنىڭ مەنبەسى تۆۋەندە ئەسكەرتىلدى) دەپ يېقىنقى زامان جوڭگو تارىخىدىكى مىللى زىدىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ سۈنئى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.  

كونا جوڭگودا، ھۆكۈمران قاتلام ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا زىدىيەت كەلتۈرۈپ چىقىش تاكتىكىسى بىلەن خەلىقنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان قارشىلىقىنى پەسەيتىش مەخسىتىگە يېتەتتى. 36 تەدبىردىكى كۆز بوياش ۋە باشقىلارنىڭ قولى بىلەن جايلاش دىگەندەك ھىلىلەر بىلەن ئۆزى بىۋاستە قول سالمايتتى. جەمىيەتتىكى سىنىپلار زىدىيىتىنى ئىككى مىللەتنىڭ زىدىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مىللى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەتنىڭ ئىتىپاقلىشىشىدىن كۆرىلىدىغان غايەت زور كۈچنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۋېتىشىدىن ساقلىناتتى.

كونا جەمىيەتتىكى ئىرقىيچىلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان ئەكسىيەتچىل خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن باشقا مىللەتنىڭ خەلقى ئارىسىدا خەنزۇلارغا نېسبەتەن غۇم پەيدا بولغان. بۇنداق ئىجتىمائى رىئاللىقتىن پايدىلانغان بىر قىسىم يەرلىك فېئوداللار، خەلىقنىڭ ھەق-ناھەق قارىشىنى بۇرمىلاپ  كاپىرلارغا قارشى غازات قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قىسمەن مىللى قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان.

ھەر ئىككى تەرەپتىكى يېتەكچى كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە قۇتراتقۇلىقى نەتىجىسىدە مىللەتلەر ئارىسىدا ماۋزېدوڭ ئېيتقاندەك ئۇزۇنغىچە يوقالمايدىغان ئۆچمەنلىك ئورناپ كەتكەن.

ماركىس ئادەتتىكى ئەنگىلىيىلىك ئىشچىمۇ ئۆزىنى ئىرلاندىيىلىك ئىشچىنىڭ يېنىدا ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ئەزاسى دەپ ھىس قىلاتتى. ئۇلار ئېرلاندىيىلىك ئىشچىلارغا دىنى، ئىجتىمائى ۋە مىللى ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. بۇ خۇددى ئامىرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ، نېگىر قۇللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىرلاندىيىلىك ئىشچىلارمۇ ئەنگىلىيىلىك ئىشچىلارنى كۆزگە  ئىلمايتتى. ئىرلاندىيىلىكلەر ئەنگىلىيىلىك ئىشچىلارنى ئەنگىلىيەنىڭ ئىرلاندىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى شېرىكلىرى ۋە نادان قوراللىرى، دەپ قارايتتى.




تارىخنامە، مەرىپەتپەرۋەر زوزۇڭتاڭ ھەزرەتلىرى پۈتۈكلىرى، موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى، شۇنداقلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داستان-ئېپوسلىرىغا قارىغاندا مەيلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بوي سۇندۇرىشى ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ چېگرا رايونلارنى تىنجىتىشى بولسۇن، ئىككىلا تەرەپ يۇقۇرى قاتلام ئاقسوڭەكلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئومومى خەلقىنى ئۆز پۇقرالىرىغا دۈشمەن كۆرسەتكەن. ئاددى پۇقرالار بۇنداق تەشۋىقاتلارغا ئىشەنگەن. خۇددى ماركىسنىڭ يۇقۇرقى بايانىدەك بىر تەرەپنىڭ بارلىق خەلقى ئۆزىنى، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يارالغاندەك چۈچىمەل تۇيغۇغا ئەسىر بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ خەلقى قارشى تەرەپنىڭ بوۋاق بالىلىرىدىن تارتىپ بوۋاي-مومايلىرىغىچە كاززاپ تاجاۋۇزچى دەپ ھىساپلىغان. بۇنداق تونۇشتىن كىم پايدا ئالغان ؟

ئەلۋەتتە شۇ خىل پىكىر ئېقىمىنى ئومولاشتۇرۇشقا كۈچىگەن ھۆكۈمرانلار پايدا ئالغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ئەڭ ئاسان ئۇيۇشالايدىغان مىللى ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت غايەت زور كۈچكە بەدەلسىز ئېرىشكەن ۋە ئۇنى كونتۇرۇل قىلىۋالغان. تاجاۋۇزچىلىق مەخسىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

يەرلىك مىللەتلەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن بولسا، ئۇلارنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنى شۇنداقلا مەدەنىي-مائارىپ ساھەلىرىنى كونتۇرۇل قىلىۋېلىپ، مىللى ئىقتىسادى گەۋدە ۋە ساپ مەدەنىي-مائارىپ شەكىللەندۈرىشىگىمۇ يول قويمىغان. زوزۇڭتاڭ قىرغىنچىلىقىدىن باشلانغان غەربى رايوندىكى مىللەتلەرنى ياۋايى ۋە تۆۋەن كۆرۈش سىياسىتى شۇنداقلا يۈئەن خاندانلىقىدىكى خەنزۇلارنى پەس كۆرۈش پەرمانلىرىدىن يۇقۇرقىلارنى بايقىغىلى بولىدۇ.

ئازاتلىقتىن ئىلگىركىنىلا مىسالغا ئالساق، ھۆكۈمرانلار يەرلىك مىللەت ئىچىدىكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئادىمىلىك قاتارىدا ياشىشى ئۈچۈن ئىسلاھات ۋە مائارىپ ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مىليونلىغان ئادەملەرنى ھەر-خىل سىياسى زىيانكەشلىك بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن. يەرلىك سودا-سانائەتچىلەرنى ھەر-خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇپ پۇل-ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان ياكى ئۆلكە مىقياسىدا تىجارەت-سودىنى كونتۇرول قىلىۋېلىپ، يەرلىك مىللەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ھۆكۈمەتكە بېقىندىچىلىق ئورۇندا تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلىغان. چاپىنىنى تىزىدىن، رىسقىسىنى بىر كۈندىن ئاشۇرمىغان. قىسقىسى زۇلۇم دەستىدىن بۆلگۈنچىلىكتەك خاتا يولغا ماڭغانلارنىغۇ ئۆلتۈرگەن. ھەتتا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى قوللاپ خىزمەت قىلغانلارنىمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ئامان قويمىغان.

ئۆزمىللىتى ئىسسىنىش ئۈچۈن گۈلخان ياقسا ئوتۇن بەرگەن، تۇتاشتۇرالمىسا ساقاللىرى كۆيۈپ كەتكۈدەك پۈدەپ بەرگەن. يەرلىك مىللەت ئىسسىنىش ئۈچۈن ئوچىقىغا ئوت ياقسىمۇ، بۆلگۈنچىلىك قىلىپ ئوت قويۇش جىنايىتىنى چاپلىغان. قىسقىسى ئۈنلۈكرەك يۆتەلسىمۇ بۆلگۈنچىلىك، قەدەمنى چوڭراق ئېلىپ قويسىمۇ بۆلگۈنچىلىك، قاتتىقراق ئۇسۇرۇپ سالسىمۇ بۆلگۈنچىلىك دىگەن بۇ قالپاق، تەغدىرىگە ئىگە بولالمايدىغان بۇ خەلقنىڭ بېشىدا لەيلەپلا تۇرغان.

ئەمەلىيەتتە ھەقىقى بۆلگۈنچىلەر شۇ دەۋردىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران گۇرۇھ ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن قەتئى ساقلانغان.  

ھۆكۈمەتنىڭ ھىچقانداق ئىقتىسادى سېستىمىسى ياكى مەمۇرى ساھەسىدە يەرلىك مىللەتلەرگە ئەمەلىي ھوقوق بەرمىگەن.

بۇ ھەقىقى بۆلگۈنچىلەر ئۆز پۇقرالىرى بولغان باشقا مىللەتلەرنى دۆلەت ئائىلىسىدىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقوقلىرىدىن ئەنە شۇنداق مەھرۇم قىلغان.

بۇنچىلىك زور كۆلەمدە بۆلۈۋېتىشنىڭ يەنە بىر مەخسىتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەيلى ئىقتىسادى ياكى مەنىۋى جەھەتلەردە ئۇيۇشىدىغان نۇقتا شەكىللەندۈرۋېلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن ئىدى. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىلىنگەن. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ مەيلى ئىقتىسادى مەيلى مەنىۋى جەھەتتىكى يېتەكچى كۈچى بولمىغاندا بۇ مىللەت سېپى ئۆزىدىن قۇللار توپىغا ئايلىناتتى.

ھۆرلۈك بىلەن قۇللۇقنىڭ پەرقى دەل ئەشۇ يېتەكچى كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇش ياكى بولماسلىقىدا ئىدى. شۇڭا ھەر مىللەت ئىچىدىكى سەل تەسىرىگە ئىگە بولغانلىكى ئادەمنى بىر ئاماللار بىلەن يوقۇتۇش ھۆكۈمەتنىڭ تۈپكى مەخپى سىياسىتى بولغان.

ئەمەلىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە يېتەكچى كۈچنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى شۇ مىللەتنىڭ دوستلىرى ۋە دۈشمەنلىرى ئۈچۈنمۇ ئىجابى قىممىتى بار ئىدى.
چۈنكى يەرلىك خەلق ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمى بىلەن ئېرىشمىگەن ھەرقانداق تەسىرگە پاسسىپ تاقابىل تۇراتتى. بۇ پاسسىپلىق، رادىكال كۆز قاراشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلانغان. شۇڭا تارىختا غەربى رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق قوزغۇلاڭ ياكى توپىلاڭ مۇستەقىل ئىدىيەسى يوق بۇ خەلق ئىچىدە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ھىسيات جەھەتتىن ھىسداشلىققا ئېرىشمەي قالمىغان.

بۇنىڭ سەۋەبى شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك خەلق ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشكە يول قويمىغانلىقىدا. ناۋادا شۇ مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا مىللەت ۋەكىللىكىدىكى بىر كۈچ بولغان بولسا ئوتتۇز يىلدا چوڭ توپىلاڭ ھەر ئون يىلدا كىچىك توپىلاڭ بولۇپ تۇرىدىغان ھالەتتە چوقۇم ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى.

ئۆز مىللىتىنىڭ قەبىلە ياكى بىرەر ئىجتىمائى تەشكىلاتى ھەتتا نوپۇزلۇق بىرەر ئادىمىمۇ بولمىغان خەلق سىرتتىن كىرگەن ھەرقانداق تەسىرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا ئەگىشىپ كېتىۋەرگەن. چۈنكى ئەتراپتىكى رىئاللىقنى مۇلاھىزە قىلىغىدەك ئىمكانىيەت ئۇلاردا بولمىغان.


دىمەك بۆلگۈنچىلىك بىلەن بىرلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن.



ئىرقىي  قىرغىنچىلىق دىگەن نىمە ؟

مەلۇم مىللەت كىشىلىرىنىڭ  مەيلى قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق يول تۇتىشىدىن قەتئىنەزەر بىردەك دۈشمەن ھىساپلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن يوشۈرۈن-ئاشكارا زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىيىلىدۇ. بۇنداق ئوموملاشقان مىللى دۈشمەنلىكنى ماۋزېدوڭ  مىللى ئايرىمچىلىق دەپ بېكىتكەن ئىدى.

شۇڭا ئەينى دەۋردىكى خەلق بۇنداق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بىلەن دوست ياكى دۈشمەن بولۇپ ئۆتۈشنى بىلەلمەي تۆگە كۆردۈڭمۇ؟ يوقتەك بىپەرۋالىقنى، ئۇچرىغان دىشۋارچىلىققا نالە قىلىشقىمۇ يولى يوق قۇلچىلىقنى ھاياتلىق يولى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

تارىخشۇناسلار بۇ دەۋرنى فېئودالىزىم دەپ باھالىغان بولسىمۇ ماھىيەتتە بۇ دەۋردە قۇللۇق تۈزۈم ئاسارىتى ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.

ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىزكى، بىر مىللەتنىڭ ماددى بايلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى مەنىۋى بايلىقىنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدا. مىللەت تارىخىدىكى يۇقۇرقىدەك تىراگىدىيىلىك سەھىپىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىغا، كۈلپەتلىك مۇھەببەت-ھەسرىتىگە ئايلانغان. شۇ دەۋردىكى بۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان زىيانكەشلىكلەر، كېيىنكى دەۋرلەردە بۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش رولىنى ئويناپ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ يەتمەكچى بولغان مەخسىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن. مىللى مۇناسىۋەتلەردە قىلغان ھىلە-نەيرەڭلىرى دەسلەپتە پايدا بەرگەن بىلەن دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۇ زىمىندىكى كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قاراڭغۇ سايە تاشلىغان. ئۇلار مانا شۇنداق تارىخىي تۆھپىسى بىلەن يات مىللەتلەر ياكى ئۆز مىللىتى تەرىپىدىن بولسۇن بىردەك جاللات دەپ تارىخ بېتىگە مىقلانغان.

دىمەك بىر مىللەتنىڭ تارىخى قانچە ئېچىنىشلىق بولسا ئۇنىڭ كەلگۈسى شۇنچە پارلاق بولىدۇ. ئەمما بۇ تارىخ، مەزكۇر مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى ئىتىپاقلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمەت ئويلاپ باقمىغان تەتۈر نەتىجە ئىدى.  



مىللەتلەرنىڭ، يېڭى جوڭگو ھارپىسىدىكى تۆھپىلىرى.

كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بولغان كۈرەشلىرى يېڭى جوڭگونىڭ سەھىپىسىنى ئاچقان دىسەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق كۈرەشلىرى شىنجاڭنىڭ ئازات بولىشىدا بىردىن-بىر رول ئوينىغان.

شىنجاڭ قانداقتۇ گومىنداڭنىڭ بىر ئەمەلدارى بىلەن يەنە بىر گېنىرالىنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشى ئارقىلىق تىنىچ ئازات بولغان دىيىش تولىمۇ يۈزەكى نادانلارچە قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى شىنجاڭ تېنىچ ئازات بولمىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئىنقىلاپ ۋە قوزغۇلاڭلار جوڭگونىڭ ھەرقانداق بىر ئۆلكەسىدىن كۆپكى ھەرگىز ئاز ئەمەس. مىڭلىغان مىليونلىغان ئادەم دەل ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇشۇ زىمىندا ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىق ئۈچۈن قانلىرىنى تۆككەن. ھەتتاكى بۇ رايوندىكى ھەر-بىر ئائىلىگە قەدەر پاجىئەلىك بەدەللەر تۆلەنگەن. ئون مىليونغا يەتمەيدىغان نوپۇس بىلەن ئىككى مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك ئاسانلىقچى كۆرۈلمەيدىغان زور نىسبەت قەيەردىمۇ بولغان. بۇنداق يالقۇنجاۋاتقان ئىنقىلاپ ئوتىدا ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغان گومىنداڭنىڭ تۆت تال چۈپرەندىسى ھەقىقەتكە قايتماي قەيەرگىمۇ قايتاتتى !؟ جېنىغا ئامراق ئادەم ئۆلۈمگە ئەمەس ئەلۋەتتە تەسلىمگە ماڭىدۇ-دە. شۇڭا تىنىچلىق بىلەن ئازات بولغان دىيىش ئەينى دەۋردىكى مىليونلىغان شېھىتلارنى ئىنكار قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بۇ رىئاللىقنى تولۇق ھىس قىلغان ماۋزېدوڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جوڭگو دىموكىراتىك ئىنقىلاۋىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئالاھىدە يۇقۇرى باھا بەرگەن.

ماۋزېدوڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ،بولۇپمۇ موڭغۇل مىللىتى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ بىۋاستە تەھدىدى ئاستىدا قوزغۇلۇپ كۈرەش قىلماقتا. كەلگۈسىدە خۇابېي خەلقىنىڭ كۈرىشى ۋە قىزىل ئارمىيىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ھەركىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكۈسى. دەپ باھالىغان.

ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىمۇ يىمەك چىقىمىنى تېجەپ شۇ چاغدىكى پۇل ھىساۋىدا 50 مىليون يۈئەن ئىئانە قىلغان. 1937-يىلى 9-ئايدىن 1940-يىلىغىچە 3 مىليون 220 مىڭ يۈئەن يەنى ھەر بىر كىشى بېشىغا بىر ئاقچىدىن ياردەم قىلغان. ھەتتا ئاياللار بويۇن-قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنىمۇ ئىئانە قىلغان. 1943-يىلى شىنجاڭ دائىرىلىرى بىر ناھىيە بىر كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىئانە قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا شىنجاڭ بويىچە 144 دانە كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئىئانە قىلىپ ئەسلى پىلاندىكى 64 دانىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.

بۇ جەرياندىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرەشلىرىگە مەلۇم مىللەت رەھبەرلىك قىلغان دىگەن سالاھىيەتنى ھېچكىمگە بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى شۇ دەۋردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتىشەلمەيۋاتقان، ئۆزىنىڭ تۆكۈلگەن ياشلىرى بىلەن ئېقىۋاتقان قانلىرىنى توختىتىش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا كىممۇ باشقىلارغا راپاۋەتچىلىك قىلىشقا يېتىشەلىسۇن.

ئەمما ھەممە مىللەتكە ئورتاق بولغىنى ئۇلارنىڭ قايغۇسى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى بىر ئىدى. قىلغان كۈرەشلىرى تارام-تارام يوللار بىلەن كېلىپ دەل يېڭى جوڭگودىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدا ئۇچراشقان ئىدى. بۇ پەللىگە ھەرگىز مەلۇم مىللەت بالدۇر كەلگەنمۇ ئەمەس. شۇنداقلا ھېچقايسى مىللەت كەينىدە قالغانمۇ ئەمەس. ئىستىبدات زۇلۇمنىڭ زەربىسى ھەممە مىللەتكە ھۆرلۈكنىڭ نىمىلىكىنى تونۇتقان ئىدى.

يېقىنقى زامانغىچە بولغان جوڭگو تارىخى دەل بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئىتىپاقلىق، تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن تارىخ. بۇ تارىخنى بىر مىللەت ياكى بىر پارتىيەلا ئەمەس بەلكى بۇ تۇپراقتىكى بارچە مىللەت ۋە خەلق ياراتقان شانلىق سەھىپىدۇر.

بۇنداق شانلىق تارىخ بىلەن ھەممە مىللەت باپ-باراۋەر ھوقوق ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرى بولۇشقا تولۇق سالاھىيەت ھازىرلىغان.

شۇڭا جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىت 1949-يىلى 6-ئايدا ماقۇللىغان ئورتاق پىروگىراممىدا دۆلەت مەزمۇنىنى ئىشچىلار-دېھقانلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى دېموكىراتىك سىنىپلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىتىپاقلىشىدىغان خەلق دېموكىراتىيىسى دېكتاتورلىغىدىكى دۆلەت دەپ بەلگىلىگەن بولسا، مىللى سىياسەت توغرىسىدا جوڭگونى ھەممە مىللەت باپ-باراۋەر، ھەممە مىللەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسىدىكى دۆلىتى قىلىپ چىقىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دەپ بېكىتكەن.



1956-يىلى 4-ئايدا ماۋزېدوڭ ئېلان قىلغان 10 چوڭ مۇناسىۋەت دىگەن ئەسىرىدە جوڭگودىكى كۆرۈلگۈسى مىللى زىدىيەتكە قارىتىلغان پوزىتسىيەسىنى شەرھىلەپ  نۇقتىلىق ھالدا چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كونا جوڭگونىڭ يېڭى جوڭگوغا ئايلانغانلىقىدىكى يادرولۇق ئۆزگۈرىشلىرىدىن بىرىنى نامايەن قىلغان.

شۇنىڭدىن بۇيان، پۈتۈن جوڭگودىكى بارچە مىللەت ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان مۇقەددەس كۈرەشلىرىنى كۆتۈرۈپ تۆر بىلەن پەگاسى بولمايدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلىگە كىرىپ كەلگەن. ۋە باراۋەر ئىجىل-ئىناق ياشاشقا باشلىغان.

6. ئىدىلوگىيەنىڭ يېڭى جوڭگودىكى سەپىرى


جوڭگودىكى مىللى مەسىلىلەر توغرىلىق سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئىدىلوگىيە تەرەقىياتى توغرىلىق توختىلىش مۇۋاپىق. چۈنكى ئىدىلوگىيەمەسىلىسى يېڭى جوڭگودا ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ مىللى مۇناسىۋەت توغرىلىق توختىلىشتا بۇ چوقۇم قىستۇرۇپ ئۆتۈشكەتېگىشلىك مەزمۇن.

تارىخ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە خەلقنىڭ جۇمھۇرىيىتى يېڭى جوڭگو قۇرۇلدى. يېڭى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىراق پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ يۈكسەك ھۇشيارلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ۋەزىيەت تېزدىن ئوڭشىۋېلىندى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 57-58-يللىرىدىكى ئوڭچىللارغا قارشى كۈرەشنى مىسالغا ئالساق،  مەملىكەت بويىچە ئوڭچى ئۇنسۇرلارنىڭ سانى 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە 14 ياشلىق

قورامىغا يەتمىگەن بالىلارمۇ بار ئىدى

بۇ ئوڭچىللار ھەقىقەتەن خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنداق ئەمەس. بۇلار رىئاللىقتىكى چەكتىن ئاشقان بىيرۇكاتلىق ۋە قارغۇلارچە شەخسكە چوقۇنۇشقا پىكىر قىلغانلار ئىدى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەترەت باشلىقىغا گەپ ياندۇرغان، بەزىلىرى ئاچلىق دەردىدە ئېتىزلىقتىن بىر باش قوناق ئوغۇرلىغانلارمۇ بار ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ھەقىقى دۈشمەنلىرى ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىۋېلىپ جەمىيەت تەرتىۋى ۋە ئىدىلوگىيە ساھەسىدە ئەڭ تېتىقسىز تەشەببۇسلارنى ئىجات قىلىپ سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئىلمىلىكىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

قىسقىسى كىم پارتىيىنىڭ كۈنلىكى ئاستىغا كىرىۋېلىپ ئادەم يىسىمۇ خەلق سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاندى. ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىققا پىكىر قىلغانلىكى ئادەم ھەتتا قوتۇر قوي بولسىمۇ تا ئۆلگىچە ئەشەددى بۆرە ھېساپلىنىپ جازالاندى ۋە ھەر-خىل ئۇسۇللار بىلەن چەتكە قېقىلدى. 

59-يىلدىن باشلاپ، ئاتالمىش ئوڭچىللارغا قارشى ھەركەتنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەش ئېلىپ بېرىلغاندا  98٪ ئادەمنىڭ خاتا ئوڭچى قىلىپ قويۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇنداق زور نىسبەتتىكى خاتالىق پالچىلىق كەسپىدىمۇ كۆرۈلمەيتتى. شۇنداقلا باشقىلارنى مەجبۇرى زورمۇ-زور دۈشمەن بولۇشقا قىستايدىغان بۇنداق ھەركەت تارىختىمۇ يېزىلمىغان ئىدى.  

كېيىن پارتىيە مەركىزى كومىتىت بۇ ۋەقەگە قارىتا خاراكتىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىدىيەت، قاتتىق پەرقلەندۈرمەي ئىدىيىۋى تونۇش مەسىلىسى بىلەن سىياسى مەسىلە ئارلاشتۇرۋېتىلدى. نورمال تەنقىد-تەكلىپلەر بىلەن پارتىيىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ئارىلاشتۇرۋېتىلدى. (ئاستى سىزىلغان جۈملىلەرنىڭ نەقىل مەنبەلىرى تۆۋەندە ئەسكەرتىلدى)دەپ باھالاپ تەنقىت قىلدى. .

فېئودالىزىمنىڭ سىنىپىي نەزىريىسىدىكى مىڭى خاتا كەتسىمۇ، بىرنىمۇ قاچۇرماسلىق . بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق دىگەن ئەكسىيەتچىل شوئارىنىڭ دەردىنى، جوڭگولۇقلار يەتكىچە تارتتى.

 

مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ دەسلىپىدە، يەنى 1962-يىلى پارتىيە 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 10-ئومومى يىغىندا ماۋزېدوڭ سىنىپي كۈرەشنى ھەر يىلى سۆزلەش ھەر ئايدا سۆزلەش، ھەر كۈنى سۆزلەش لازىم دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر كاپىتالىزىمنىڭ تىرىلىشى، جاڭ جيېشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى ۋە خەلقارادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جوڭگوغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەركەتلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلدى. خەلق ئىچىدىكى ئاددى زىدىيەت-مەسىلىلەر مەجبۇرى ھالدا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن باغلىنىپ سىياسى مەسىلىگە سان توشقۇزۇلدى.

ئىجتىمائى، ئىقتىسادى زىدىيەتلەرنىڭ بولىشى نورمال ئىش. بۇنداق زىدىيەت دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. ھەتتا جەننەتىمۇ دەرىجە پەرقى بار ئىدىغۇ ؟!  تەلۋىلىكنى سادىق پارتىيىلىك دەپ ھىساپلىۋالغان بىر قىسىم ئۇنسۇرلار جوڭگو جەمىيىتىنى ھىچقانداق زىدىيەت مەۋجۇت بولمىغان سېسىق توختام سۇغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. 

خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل نورمالنى ھەق-ناھەق كۆز قارىشىغا نېسبەتەن ئىتىپاقلىق ئاساسىدىكى مۇزاكىرە بىلەن تەنقىدنى بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىش كېرەك ئىدى. بىر قىسىم بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار زىدىيەتنى تەرەپبازلاشتۇرۇش مەخسىتىدە بۇنداق مەسىلىلەرگە قورققان ئاۋال مۇش كۆتۈرۈپتۇ دىگەندەك ئۆكتە پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۆزىگە ياقمىغان بارلىق ئادەمنى دۈشمەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. خەلقنى نۇرغۇن دۈشمەن ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ئەندىشىگە يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ كۈنلىكى ئاستىنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش مەخسىتىگە يەتتى.  

سۈزۈك سۇنى لېيىتىدىغان ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا بۇ ماھىرلار ھەتتا ئۆزىنىڭ شەخسى زىدىيىتىنىمۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى دىگەن قالپاق ئاستىغا يوشۇرۇپ، ئەتراپىدىكىلەردىن ئۆچ ئالدى. ئاددى ھەق-ناھەقنى ئايرىش مەخسىتىدە قانۇننىڭ ئادالىتىنى تەلەپ قىلغان ئادەممۇ چەتئەلگە باغلانغان ئەكسىيەتچى بۆلگۈنچى ھىساپلاندى. 

مىليونلىغان جوڭخۇا ئەزىمەتلىرىنى ھالاك قىلغان سىياسى پۇرسەتپەرەسلىك ئاخىرىدا ئون يىلغا سوزۇلغان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدەك ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇيدىغان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قەدەم قويدى.

69-يىلى 9- قۇرۇلتايدا لىنبياۋ مازېدوڭنىڭ، سىنىپىي كۈرەشنى ھەر يىلى، ھەر ئايدا، ھەر كۈنى سۆزلەشتەك خاتا نەزىريەسى دىن دۆلەتنى خاتا يولغا باشلاشتەك رەزىل مەخسىتى ئۈچۈن پايدىلىنىش مەخسىتىدە بۇنى پارتىينىڭ ئاساسىي لۇشيەنى قىلىۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، پەقەت سىياسى ئۆگۈنۈشلا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئېتىزلاردا، ئىشخانىلاردا سىياسى تىلاۋەت باشلاندى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى تازا قىززىدى.
پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىت 3-ئومومى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى پارتىيە ۋە رەھبىرى يولداشلارنىڭ خىزمىتىگە قايتىدىن باھا بېرىلدى. بولۇپمۇ ماۋزېدوڭنىڭ تارىخىي ئورنىغا باھا بېرىلىپ،ماۋزېدوڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىغىنى لىنبياۋ ۋە جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھلىرىنىڭ سۈيقەستلىك ھەركەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. يولداش ماۋزېدوڭنىڭ خاتالىغى بەرىبىر ئۇلۇغ پۇرولېتارىيات ئىنقىلاپچىسى ئۆتكۈزگەن خاتالىق؛ لىن بياۋ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى بىلەن جياڭ چىڭ ئەنكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھى بولسا يولداش ماۋزېدوڭنىڭ خاتالىغىدىن پايدىلىنىپ،يولداش ماۋزېدوڭغا تۇيدۇرماستىن،ۋەتەنگە ۋە خەلىققە بالايى-ئاپەت كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن جىنايى ھەركەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر خاراكتىرىدىكى مەسىلە، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيىتى تۈپتىن ئوخشاش ئەمەس، بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۈرۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. دىيىلىپ دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمەنلىرىنى ئىلغاپ چىقتى.

ئامېرىكا زوڭتوڭى نېكسون تەرىپىدىن ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن،مول تەپەككۈرگە ئىگە پەيلاسوپ دەپ باھا بېرىلگەن ماۋزېدوڭ "خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتنى توغرا ھەل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە" دىگەن ئەسىرىدە، زىدىيەتنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىلىپ  ئىدىيە خاراكتىرىنى ئالغانلىكى مەسىلىلەرنى، خەلق ئىچىدىكى تالاش-تارتىشقا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى پەقەت دىموكىراتىيە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت مۇزاكىرە قىلىش، تەنقىتلەش ۋە قايىل قىلىش-تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. زورلاش بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. دەپ كۆرسىتىپ ئىتىپاقلىق-تەنقىت-ئىتىپاقلىق سىياسىتىنى شەرھىلەپ، مۈمكىن بولىدىغانلىكى ئامىللار بىلەن ئىتىپاقلىقنى ئاساسى مەۋقە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى.

سەۋەنلىك تۈزۈتىلگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئىجابى ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسى ھاۋاسى ۋە خەلىقنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى بۈگۈنگىچە بولغان زور ئۆزگۈرۈشلەر تارىختىمۇ كۆرۈلمىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتىگە ئوخشاش كونا جوڭگودا ئويلاش ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدىغان سىياسى ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلماقتا. سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى ھەقىقى ئەمىلىلەشتۈرۈلۈپ خەلقنى دۆلەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغا بولغان نازارەتچىلىككە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئۈندەش تەرغىپ قىلىنماقتا.

مىللى مەسىلە توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىشتىن ئىبارەت قىزىل سىزىق ئېلىۋېتىلدى. قانۇنىي ھوقوق بىلەن قۇتراتقۇلۇق پەرقلەندۈرۈلۈپ، ھەممىنى قارا-قويۇق بۆلگۈنچىلىك ياكى ئەكسىلئىنقىلاپچىلىققا باغلايدىغان كونا جوڭگودىكى ئەكسىيەتچىل ئىدىلوگىيە تىرىشىپ يوقىتىلماقتا.



كىم قالاق مىللەت ؟
مىللەت توغرىلىق نۇرغۇنلىغان ئالىملار ۋە سىياسىئونلار توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم گەپلىرى توغرا بولسىمۇ ئەمما بەزى نەزىريەلىرىنى ئويلاپ باقساق يەنىلا خاتالىقتىن خالى ئەمەس. ھەتتا خاتا بولۇپ قالماي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يوقۇتۇش خاراكتىرلىك زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكەن. مەسىلەن:

ماركىس مىللەتلەرنى قالاق مىللەت ۋە ئىلغار مىللەت دەپ تۈركۈمگە بۆلگەن. يېقىنقى زامان سانائەت ئاساسى دۇنياغا كەلگەن جايلاردىكىلەرنى ئىلغار مەدەنىي مىللەتلەر،سانائەت ئىنقىلاۋىدىن يىراقتا ياشىغانلارنى ياۋايى،قالاق مىللەتلەر دەپ ئاتىغان. بۇ ياۋروپادا تۇغۇلغان ماركىسىزىم تەلىماتچىلىرىنىڭ مەلۇم مەنىدىكى مىللەتچىلىك تۇيغۇسى تولىمۇ قويۇق بولغان پىكىرى. چۈنكى بۇ بىر تەرەپتىن كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىنلا شەكىللەنگەن  يۈزەكى قاراش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تارىخىي بىلىمىنىڭ چولتىلىقتىن چىققان يەكۈن.

چۈنكى سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىن خەلقارالىق سەھنىگە چىققان مىللەتلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىركى ئىلىم-پەن تارىخى تولىمۇ زۇلمەتلىك دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ھەتتا 14-ئەسىرگىچە بۇ مىللەتلەرنىڭ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىرەر سەھىپىسى بولمىغان. سانائەت ئىنقىلاۋىدىن يىراقتا ياشىغان ئاتالمىش قالاق مىللەتلەر بولسا ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجى تەرەقىيات مۇساپىسىدىكى دەۋر بۆلگۈنچ سەھپىلىرىنى تاكى سانائەت ئىنقىلاۋىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كېيىن تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەن. بۇ چېكىنىش قانداقتۇ ئەزەلدىن ياكى مەڭگۈگە چېكىنىش بولماستىن تارىخ گىرافىگىنىڭ ئەگرى-توقاي سىزىقلىرىدىن ئىبارەت ئىدى.

بىز بۈگۈنكى تارىخ تەتقىقاتلىرىدىن بايقاۋاتىمىزكى، بۈگۈنكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى قالاق مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن قالاق سانالغان مىللەتلەرنىڭ ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتىمىز. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ يىراق تارىختا ياراتقان ئەپسانىۋى مۆجىزىلىرى بۈگۈن جاھان ئەھلىنى لال قىلماقتا.

تارىخ بىزگە، مۇتلەق ئىلغار مىللەت بولمىغاندەك مۇتلەق پاسسىپ مىللەتنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئۈگەتكەن بولسا بۈگۈنكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى مەنبە قىلىپ كۆكلىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك مىللەتلەر كۈچ ئۇلاپ بۈگۈنگە يەتكۈزگەن. ئۇنى ھەرگىزمۇ مەلۇم مىللەت يالغۇز ياراتقان ئەمەس. مەسىلەن جوڭگو خەلقى ئىلگىركى مەھكۈم مىللەتلىك ئورنىدىن قۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسات ساھەلىرىدە دۇنياغا يۈرۈش قىلماقتا. كونا جوڭگودىكى خەلقنى قالاق مىللەت دىسەك ئۇنداقتا بۈگۈنكى خەلقنى ئىلغارلىققا يۈرۈش قىلغان دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. شۇڭا ھەر قانداق مىللەتنى ئىلغار ياكى قالاق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.




يەنە بىر قۇرۇق پاراڭ، مىللەت يوقالسا زىدىيەت يوقايدۇ !؟

فاشىسىزىم بىلەن قىسمەن ماتىريالىزىمچىلار مىللەت ئۇقۇمىنى شەرھىلەپ دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر يوقالسا، ئۇرۇش-تالاش يوقايدۇ دەپ قارايدۇ.

بۇ مىللەتتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنى سىياسى مەخسەت ئۈچۈن زىيانلىق ئۆسمىگە ئايلاندۇرغانلىق.

كۈنسېرى ئىرىق، قەبىلە، ئىقتىسادى گەۋدە ۋە رايونلار پەرقى سەۋەبىدىن قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ زىدىيىتى، قانداقتۇ مىللەتنىڭ يوقۇلىشى ياكى مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىدىيەتنىڭ مەنبەسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

مىللەت يوقالسىمۇ، قەبىلە يوقىمايدۇ، قەبىلە يوقالسىمۇ، رايون يوقۇمايدۇ. خۇلاسە كالام ئادەملا بولىدىكەن، مەنپەئەت يوقىمايدۇ.

ھىكايەت، ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرىدىن قابىل ھابىلنى ئۆلتۈردى.....

ئۇ چاغدا دۇنيادا پەقەت بىر ئائىلىلىك ئادەم بار ئىدى.كەڭرى دۇنيا شۇلارغىمۇ يەتمىگەن......

قانداقلىكى زىدىيەت بولسۇن، ماكرولۇقتىن مىكرولۇققا قەدەر قوش تەرەپلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ مەۋجۇت بولىشىدىكى يادرولۇق ئامىل.

پەقەت زىدىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئورنى ئۆزگىرىدۇ. ئەمما مەڭگۈ يوقىمايدۇ. خۇلاسە، بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇش- زىدىيەتلەرنىڭ مەنبەسى ھەرگىزمۇ مىللەتلا ئەمەس.



يەككە مىللەت نەزىريەچىلىرىنىڭ چۈشى.

لېنىن< يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئىلغار بولىدۇ. مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت قالاق بولىدۇ>دەپ ھساپلاپ، ئاساسلىق مىللەت ٪90 دىن ئارتۇق بولسا ساپ دۆلەت ھىساپلىنىپ،بۇ دۆلەت ئىلگىرى باسقان دۆلەت بولىدۇ.  ٪30 دىن ئارتۇق ئاھالە غەيرى مىللەت بولسا مىللى تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەت ئاكتىپ تەرەقىياتقا ماسلىشالمايدۇ دەيدۇ.

يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئىلغار بولىدۇ
نەزىريىسى لېنىننىڭ سوۋېت روسىيىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆپ سانلىق روس مىللىتىنىڭ تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇشتىكى يەمچۈكى بولسا كېرەك.

ئۇنداق بولغاندا ئافرىقىدىكى، ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر يەككە تەركىپلىك ساپ دۆلەتلەر ھېساپلىنىدۇ. بىراق ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى كەينىدىن سانىغاندىلا ئاندىن رەتكە تۇرالايدۇ.

تارىختا رەڭدار مىللەتلەر توپلاشقان يۇئەن ۋە چىڭ سۇلالىلىرى، رىم ئىمپىرىيىسى ۋە ئەرەپ ئىمپىريىسى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەلىرىدىكى رەڭدار مىللەت تەركىپلىرى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇلار بىلەن دەۋرداش ساپ بىر مىللەتتىن بولغان پارچە-پۇرات ئورۇس كىنەزلىكلىرىنىنمۇ ئوبدان بىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ٪90 لىك يەككە مىللەت توپلاشقان ئىلغار دۆلەتنى تاپقىلىمۇ بولمايدۇ.

بۈگۈنكى نۇرغۇن ئىلغار دۆلەتلەر مۇرەككەپ مىللى تەركىپكە ئىگە. شۇ دۆلەتلەرنىڭ قولىدىن نان يەۋاتقان نۇرغۇن ساپ مىللەتلىك دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.

دىمەك بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى قانداقتۇ رەڭدار مىللەت تەركىۋى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

لېنىننىڭ يۇقۇرىدىكى بىر مىللەتنى ئاساس قىلىش مەخسىتى، ئاسمىلاتسىيە بولۇش نۇقتىسىدىن خاتا ئەمەس. ئەمما ئاسمىلاتسىيەنىڭ ئالدىن نىشان قىلىپ بېكىتىلىشى ھەم ئۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرىلىشى تۈپتىن خاتا.

چۈنكى يەنە شۇ لېنىن ئاسمىلاتسىيە توغرىلىق پۇرۇلتارىيەت ھەرقانداق مىللى ئاسمىلاتسىيىنى قارشى ئالىدۇ. ئۇنىڭدا زورلۇق كۈچ ۋە ئىمتىياز ئىشلىتىلمىگەنلا بولسا، دىگەنمۇ ئىدى. سوۋېتتىن ئىبارەت بىر چوڭ دكلەتنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى بولغان لېنىننىڭ يۇقۇرقى يەككە مىللەت نەزىريىسى زورلۇق كۈچكە كىرمەيدۇ دىسەكمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىمتىيازى سەۋەبىدىن زورلۇق كۈچكە چوقۇم ئايلىنىدۇ. (كېيىن ئايلاندى.)

ئاسمىلاتسىيە پىلانلىق مەجبۇرلىنىدىغان جەريان ئەمەس. بەلكى تارىخنىڭ تەبىئى بېكىتىلگەن لىنىيەسى بويىچە ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۈن-تۈنسىز، شاۋقۇن - سۈرەنسىز ئادا قىلىدىغان يول. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىشسىز قەدىمى بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ. تارىخ يوقىلىشنى بەلگىلىگەن مىللەتلەر چوقۇم يوقىلىدۇ. بۇ تارىخىي تەرەقىياتنىڭ تۆھپىسى ھېساپلىنىدۇ. ئەمما يوقىلىشنى بەلگىلىمىگەن مىللەتلەرگە مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قوللانغاندا بۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، دورىغا قارشى غەيرى ئىممونىت كۈچى ھاسىل قىلىپ باشقا شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ قارشىلىق ھەركەتلىرى تارىخنىڭ جىنايەتلىك بەتلىرىنىڭ يۈزىگە يېزىلىدۇ.

شۇ سەۋەپتىن، سوۋېت پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى  غەرىپلىكلەر ، سۆۋېت ھۆكۆمىتى مىللى جىدەلنىڭ تۇيۇق يولىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئالدىن ھۆكۈمى سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇرقى ئىدىلوگىيە ھۆكۈمىنى ئاساس قىلغان بولسا كېرەك.

دىمەك، يەككە مىللەتلىك نەزىريىسى تۆنۆگۈنكى رىئاللىقتا مەغلۇپ بولدى. شۇنداقلا ئەتىكى رىئاللىق ئالدىدىمۇ مۇتلەق مەغلۇپ بولىدۇ.



11. مىللەتچىلىكنىڭ ۋاقتى.

غەرپتىكى بەزى ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە مىللەتشۇناسلار قانداقلىكى مىللەتچىلىك زىيانلىق ئۇقۇم دەپ ھېساپلايدۇ.

مىللەتچىلىك، ئومولاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ رىئالنى ھەركەتلىرى بىلەن رىئاللىقتىن ھالقىغان قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇنلۇق تەرەپلەرمۇ شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ۋە بىرلىكىگە زىيانلىق تەرەپلەرمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.

ئاۋال رىئالنى ۋە قانۇنلۇق مىللەتچىلىك ئۇقۇمى توغرىسىدا توختىلايلى.

مىللەتچىلىكنىڭ مەنبەسى مەزكۇر مىللەتنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىنى ۋە بۇ كاپالەتنىڭ زۆرۆر شەرتلىرى بولغان مىللى ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداشنى تۈپكى مىزان قىلىدۇ.

يىراق ئىپتىدائى دەۋرلەردىن بۈگۈنگىچە بولغان تەجرىبىلەر ئاتا-بوۋىلارغا قانداق شەكىلدە ياشىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا مىڭلاپ يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەن خىلمۇ-خىل  ھاياتلىق ھاسىلاتلىرى ھەر خىل مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. شەكىللىنىش جەريانىدىكى مىللى ئالاھىدىلىكلەر ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شۇ مىللەتنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان. قىسقىسى مىللى ھاياتلىق كاپالىتىگە ئايلانغان.

ئۆز مىللىتىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پەخىرلىنىش كەمچىلىكلىرىدىن قىزىرىش، تەغدىرىدىن تەشۋىشلىنىش نورمالنى ھىسيات. بۇ ھىسياتنى خۇدانىڭ قانۇنىمۇ قوغدايدۇ. ئەگەر غەرپلىكلەرنىڭ يوليورىقى بويىچە بولغاندا ئەتراپىدا باشقا مىللەت بولمىغان مىللەتتە مىللەتچىلىك بولمايدۇ. بىراق قەيەردىمۇ شۇنداق ئورۇن بار. شۇڭا بىر مىللەت ئۈچۈن نورمال مىللەتچىلىك دەخلىسىز ھەركەتتۇر.

مىللەتچى سانىلىدىغان مىللەت بىلەن مىللەتچىلىكى تۆۋەن مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى سالاھىيىتى قانداق ؟

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا يەھۇدىلار ۋە سىگانلار ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ بۈگۈنكى خەلقارا جەمىيەت بۇ ئىككى مىللەتكە  پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئىلغار مىللەتلەر يەھۇدىلارنىڭ ئەرۋاھلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدىمۇ يۈكىنىۋاتىدۇ. سىگانلارنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىرىمۇ چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ.

يەھۇدىلار بىلەن سىگانلاردىن قايسىسى بەكرەك مىللەتچى !؟

مىللەتچىلىك مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ. قۇدرەت تاپقان مىللەتنىڭ ھەرقانچە خاتالىقىمۇ باشقىلارغا بىلىنمەيدۇ. ئەمما مىللەتچىلىك ئىقتىدارى ئاجىز بولغان سىگانلارغا بولغان مۇئامىلە ئوخشىمايدۇ.  بىر دۆلەتتىكى نەچچە تال يانچۇقچى سىگاننىڭ قىلمىشى بىزنى چۆچۈتۈپ پارلامېت يىغىنى ئېچىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەمما يەھۇدىنىڭ قانۇنسىز يادرو بومبىسى بىزگە نورمال بىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقلىرى شۇنچىلىك  ئاددى بىلىنىدۇكى خۇددى خەۋەرنىڭ چېكىت-پەشلىرىچىلىكمۇ دىققەتنى قوزغىمايدۇ.

مىللەتچىلىكنى ئەيىپلەۋاتقانلارنىڭ مىللەت تەركىۋىگە دىققەت قىلساق ئۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا كاتتا ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتنىڭ ئەزالىرى. ئۇلارنىڭ بۇ تەلىماتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق بۇ تەلىمات ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نېسبەتەن ئەڭ پايدىلىق بولغان تەلىمات. چۈنكى دۇنيادا ھەممىلا مىللەت مىللەتچى بولۇپ كەتسە ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاش قالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرى سانىلىدىغان نۇرغۇن مۇستەملىكە ۋە نامرات مىللەتلەر توپىغا نېسبەتەن بۇ بىر سۈيقەست.

ئاجىز مىللەتلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلىقىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا تەرەپلەردىكى  ھەر-خىل ھۇجۇملىرى ئاستىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادى گەۋدە قاتارلىق ئۈنۋېرسال كۈچلىرى بولمايدۇ. ۋە ياكى مىللى سالاھىيىتىنى دۇنياۋى قاتاردا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان مەدەنىي-مائارىپ سېستىمىلىرىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ئىلغار باي مىللەتلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان كونا سېپىل، ئېھرام ۋە سەددىچىنلىرى بولىدۇ، باي مىللەتلەر كەلگەندە كۆرۈش ئۈچۈن، ب د تدىكىلەر ئايدا نەچچە يۈز كوي مائاش بېرىدىغان چاڭچىلىكەش،ھېپىز، ئۇسۇلچىلىرى بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، خوراۋاتقان ئاخىرقى دەسمايىسى، مىللى ھېسياتىلا بولىدۇ.

ئۇلار، بۇنداق قۇرۇپ كېتىۋاتقان ئاخىرقى دەسمايە بىلەن رىئاللىققا قانداق يۈزلىنىدۇ ؟!

ئەلۋەتتە مىللەت تەۋەلىكىدىن نومۇس قىلىپ باشقا مىللەت بولالمايدۇ. پەقەت قىلالايدىغىنى مىللەت ھېساپلىنىش سۈپىتىدىكى ئۈنۈمسىز تىرىشچانلىق.

بۇ ھەرگىزمۇ سەلبى مەنىدىكى مىللەتچىلىك ئەمەس. بۇ ھاياتلىق كاپالىتى ئارزۇسىدىكى تىپىرلاش.

ئاتالمىش مىللەتچى ئەمەس ئىلغار مىللەتلەر، نامرات مىللەتلەرنىڭ كوڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئەسلىھەلىرىگە پۇل بېرىدۇ. ئەمما ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئىقتىسادى گەۋدە-كارخانە ۋە يۇقۇرى مائارىپ-تېخنىكا ساھەلىرىگە ئاسانلىقچە پۇل ياكى تېخنىكا بەرمەيدۇ.

بىرەر ناخشىچىغا پۇل چىقىرىپ دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرۇپ،ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇنىڭدا شۇ مىللەتنى قوللىدۇق دىگەن قالپاقنى ئەرزان باھادا سېتىۋالىدۇ. ئەمما يەرلىك مىللى كارخانىچىغا نېسبەتەن تەكلىپ ياكى ياردەم دىگەن خىيال ئۇلاردا بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقى تەرەقىيات كاپالىتىنى تۇنجۇقتۇرۇش مەخسىتىگە يېتىدۇ. ب د تمۇ يوقاپ كېتىۋاتقان مۇقام بىلەن مەشرەپكە پۇل بېرىدۇ. ئەمما يوقاپ كېتىۋاتقان مىللى ئىقتىسادقا پۇل بەرمەيدۇ.

بىر مىللەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى يادرو قىلغان ئۇنۋېرسال تەرەپلىرى قوشۇلۇپ ئۇنى ھايات ساقلايدۇ . مەخسەت-مەناسىز سەنئەتلىك قىياپىتى ئۇنىڭ ھاياتلىق كاپالىتى بولالمايدۇ. ئۇلار بىر مىللەتنىڭ يەتمىش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بارلىق نوپوسى ئۇسۇل ئوينايدىغان رەققاسقا ئايلىنىپ كەتسە دىگەنلەرنى ئۈمۈت قىلىدۇ.

ئىلغار مىللەتلەر باشقا دۆلەتلەردىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق مىللى زىدىيەتنى نىشان قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ يەرلىك مىللى ئىگىلىكىڭنىڭ تەرەقىياتىنى نىشان قىلمايدۇ. شۇڭا مۇشتۇمدەك مىللى زىدىيەت مىنۇت ئۆتمەي يەر شارىنى قاپلايدۇ. ۋەيران بولۇپ زاۋۇتىنى تاقىغان سېلىم ئاخۇننىڭ قانداق بولىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.

خۇلاسە، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر ھەقىقى مىللەتچىلەردۇر. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك زىيىنى ھېساۋىغا بىر نامرات مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا غەرەزسىز پاناھ بولمايدۇ.

نامرات مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك ھېسياتى ئاۋۇ مىللەتشۇناسلار ئېيتقاندەك ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بارالمايدۇ. ئەمما ئىلغار مىللەتلەردىكى مىللەتچىلىك قوزغالسا ئىنسانىيەتكە زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

قۇدرەتلىك مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىدىن گېتلىر بىلەن سىتالىن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاجىز مىللەتنىڭ مىللەتچىلىكىدىن مارتىن لۇتھېر كىڭ، ياسىر ئەراپات، ماندىلا تۇغىلىدۇ. بۈگۈن مارتىن لۇتھېر كىڭنىڭ قەبرىسىگە ئاق تەنلىكلەرمۇ گۈل قويىدۇ. ئەمما سىتالىننىڭ قەبرىسىگە ھەتتا ئورۇسلارمۇ تۈكىرىدۇ. مانا ئوخشاش ئۇقۇمدىكى نەتىجە پەرقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن شۇنچىلىك زور بولىدۇ.

مەلۇم مەنىدىكى مىللەتچىلىك شۇ مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش مەركىزى. بۇ مەركەز بولمىسا بۇ مىللەتنىڭ نوپوزىمۇ بولمايدۇ.

مىللەتچىلىك دەۋرچانلىققا ئىگە. نامراتنىڭ مىللەتچىلىكى ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشتىكى ھاياتىي كۈچى. ئاجىز مىللەت دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلغان كۈنى مىللەتچىلىكنى زىيانلىق ھېساپلىسا ئاندىن بولىدۇ. ئەگەر بۈگۈن بۇنداق ئەخمىقانە تەلىماتنى قوبۇل قىلسا بۇ تەلىماتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ لوقمىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى ئۈچۈن ئىستىمالچى بولۇپ يەيدىغان، ئىچىدىغان، سىيىپ كىرىپ ئۇخلايدىغان پىستە كۈچۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىلغار مىللەتلەر دەل مۇشۇنداق بولىشىنى كۈتىدۇ.  

كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسى دە بۇرژۇئازىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق ئىستىراتىگىيىسى، دۇنيادىكى بارلىق سەددىچىنلەرنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە ياۋايى مىللەتلەرنىڭ چەتئەللىكلەرنى ئەڭ قاتتىق ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەت روھىي ھالىتىنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېغىر زەمبىرىكى.

ئۇ بارلىق مىللەتلەرنى يوقىلىشنى خالىمىسا بۇرژۇئا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆز يېرىدە مەدەنىيەت (يات مەدەنىيەتنى)دىگەن نىمىنى يولغا قويۇشقا يەنى بۇرژۇئا بولۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىگە ئۆز قىياپىتى بويىچە بىر دۇنيا يارىتىۋالىدۇ. دىيىلگەن، بۇ ئۆزىنى مىللەتچى ئەمەس دەيدىغان ئىلغار مىللەتلەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئىلمى ۋە توغرا تارىخىي يەكۈن.

قانۇنلۇق مىللەتچىلىك بىر مىللەتنىڭ تەبىئى ھوقوقى. ئەگەر ئۇنىمۇ تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا بىر مىللەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى خەتەرلىك مىللەتچىلىككە يولغا سالغان بولىدۇ. ئېتىۋار بېرىلگەن مىللەتچىلىك ئۆزىنىڭ مىللى مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللى كاپالىتى قوغدالغان دۆلەتنى قوغداشنى مەخسەت قىلىدۇ.



11. ئاتالمىش مىللى مۇستەقىللىق توغرىسىدا.

مەيلى دىن ياكى ماتىريالىزىمدا ھەرقانداق مىللەت چوقۇمكى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى كېرەك دەيدىغان تەلىمات يوق. ئەمما  ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ تىنىچ ۋە باراۋەر ياشىشىنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇنلار بولسا ساماندەك.

ئالدى بىلەن مۇنۇ مىسالغا دىققەت قىلايلى.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ھايتى 1804
يىلى فىرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ مىللى مۇستەقىللىقنى جاكالىغان. ئەمما 200 يىلدىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر ھايتى خەلقى نامراتلىق ، قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە تولغىنىۋاتىدۇ.

ئامىرىكىلىق دىنىي زات روبسون ، ھايتىنىڭ مۇستەملىكە دەۋرى بىلەن ھازىرقى مۇستەقىل دەۋرىنى سېلىشتۇرۇپ" ھايتىلىقلار ئىلگىرى شەيتان(مۇستەقىللىق ئىدىيىسى) بىلەن كېڭىشىپ، فىرانسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەملەشسە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان . شەيتان ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ . فىرانسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشىغا ياردەمدە بولغان. شۇندىن بۇيان ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىدىن مېڭىپ بالايى-ئاپەتتىن خالى بولالمىدى." دەپ باھا بەرگەن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مۇستەقىللىق قاچىغا باستۇرۇلغان بىر شەيئى. قاچىنى ئاچقاندا ئۇنىڭ پوق ياكى ھالۋا ئىكەنلىكىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ !؟ 

ئىمپېراتور چارلېستىن تارتىپ ناپولېئون بىلەن گېتلېرغىچە ياۋروپانى شۇنچىلىك كۈچەپمۇ بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن ئىدى. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى مىللى مۇستەقىللىق بولسا بۈگۈنكى ياۋروپا نىمىشقا ئۆزلىگىدىن بىرلىككە كېلىۋالىدۇ ؟

يۇقۇرقى شەخىسلەر ياۋروپانى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپادىكى بېسىۋېلىنغان مىللەتلەر تەرىپىدىن تاجاۋۇزچى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى تاجاۋۇزچى كىم ؟

بۇ تاجاۋۇزچى دەل ياۋرو رايونىدىكى ھەممە مىللەتلەر ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەن ئىشەنچ ۋە باراۋەرلىك ئاستىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەت. بۇ ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدىغان شۇنداقلا ھەممە مىللەت قارشى ئالىدىغان تاجاۋۇزچىدۇر.

ياۋروپا تارىخىدىكى مىللى ئازاتلىق كۈرەشلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ئېنگىلىزلار بىلەن كۈرەش قىلغان فىرانسۇز قەھرىمان ژېننى دارك، ئاۋىستىرىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىتالىيە مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ داھىسى گاربالدى، شۇنداقلا نېمىسلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ياۋروپادىكى مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىنىڭ بىر قاتار رەھبەرلىرى ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىدەك بۈگۈنكى رىئاللىقتا ئۆزىنىڭ تارىخىي قىممىتىنى يوقاتتىمۇ ؟

ئەلۋەتتە يوقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆتۈرگىنى نوقۇل مىللى مۇستەقىللىق تۈغى بولماستىن بەلكى مىللىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغان مەنپەئەتىنى قوغداشتۇر. ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى قانداقتۇ مىللى دۆلەت قۇرۇش دەيدىغان تار ئۇقۇم ئەمەس.

دىمەك بارچە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەت تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى ئاخىرقى نۇرلۇق پەللە.

يۇقۇرقىدەك ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كەلگۈسى ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولغان ئاتالمىش مىللى مۇستەقىل دۆلەت دەيدىغان ئۇقۇم بۈگۈنكى دۇنيادا زور سانلىق مىللەتلەرنى قىزىقتۇرمايدۇ. خەلق ئۈچۈن يالتىراق شوئارلارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ تىنىچ تۇرمۇشى ۋە ھاياتلىق كاپالىتى بەكرەك مۇھىم.

مىللى ئازاتلىق ئۆزى ئىشلىگەن مەھسۇلاتمۇ ياكى ئىمپورت قىلغان سىرتنىڭ مەھسۇلاتىمۇ ؟

تارىختىن بۇيان كۆپ ھاللاردا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك مىللى مەسىلىلەر  ئىمپورتقا تايىنىپ قالغان. سىرتتىن ئېمپورت قىلىنغان مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرى بۇ رايونلاردا تەكرار يۈز بەرگەن. ئەسلىدىكى مىللى ئازاتلىق رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىملىق مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىدە دۈشمەن ھىساپلىنىپ كاللىسى ئېلىنغان تىراكومىدىيىلىك ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىپ تۇرغان.

بىر مىللەتنىڭ مىللى مۇستەقىللىقىغا زادى كىم ھەقىقى ۋەكىل بولالايدۇ ؟

.بۇ سوئالغا، شۇ مىللەتتىن چىققان ئادەم ۋەكىل بولالايدۇ. دەپ كېسىپ جاۋاپ بېرەلمەيمىز.  چۈنكى شۇ مىللەتتىن چىققان نۇرغۇن مىللى قەھرىمانلار كېيىن مۇناپىققا ئايلانغان.

بىر مىللەتكە يەنە بىر مىللەت كىشىسى يول باشچى بولالمايدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمىز. چۈنكى نۇرغۇن ماركىسىزىمچى ۋە ياكى ئىدىئالىزىمچىلار ئۆز مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرنىمۇ بەخىتكە ئېرىشتۈرگەن.

دىمەك ئاتالمىش مىللى مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى شوئارى ھېچنىمىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ نائېنىق نەتىجىسى ھەقىقى ھۆكۈم بولالايدۇ. شۇڭا مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بۇ ئوچاقتىن چىقمىغان تاتلىق ياڭيۇ بىزنى سالقىنلىق بىلەن ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدۇ.

مىللى مۇستەقىللىق،  دەرسلىكلەردە ئېيتىلغاندەك پەقەت مىللى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى دىيىش بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغان نۇقتا ئەمەس.

مۇستەقىللىققا ئېرىشىشكەندىن كېيىنكى جەمىيەت بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىشتىن  ئىلگىركى جەمىيەت ئوتتۇرىسىدا بەلكىم ياخشىلىنىش بولىشى مۇمكىن . شۇنداقلا تېخىمۇ زور بالايى-ئاپەت يېتىپ كېلىپ، ئەسلىدە ئالۋاستى ھېساپلانغان ساددام كېيىن پەرىشتىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ياكى خىزىر سۈپەت كەلگەن سوۋېت كومىنىستلىرىدەك كېيىن جاللاتقا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بۇنداق ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە كىم جاۋاپكار بولىدۇ ؟   

دۇنيادىكى مىللى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن مىللەتلەر ئاز بولمىغىنىدەك نۇرغۇن مىللەتلەر بىر گەۋدىلىشىپ خاتىرجەم ئىناق ياشاۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.

باشقىلار بەرگەن رەڭدار كۆزەينەك بىلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش تۈز يولنى ئىگىز-پەس، مامات سەپىرىنى ھاياتلىق كۆرسىتىپ قويىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە بار بولغان ئەسلىدىكى ئەۋزەللىكلەردىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى ھەم تەبىئى.

شۇڭا مۈمكىن بولىدىغان دائىرىدە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق تەرەقىياتىنىڭ تۈز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىش، ئېنىقسىز ئاپەتتىن زور دەرىجىدە ياخشى.

مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە مىللى سالاھىيەت كاپالىتى توغرا ھەل بولمىغان ئورۇنلاردا شۈبھىسىز مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىمۇ ئۇدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككىسى قېرىنداشلاردۇر. بۇ قېرىنداشنىڭ ئاكىسى بولغان مىللى زىدىيەت تۇغۇلمىسىلا ئۇنىڭ ئۇكىسى بولغان مىللى مۇستەقىللىق مەڭگۈ تۇغۇلمايدۇ.

شۇڭلاشقا ئېيتۇدىلەركى، مىللى سالاھىيەت ۋە مىللى مەنپەئەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىش، بۆلگۈنچىلىك بىلەن بولغان ئەڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك كۈرەش شەكلى.

12. مىللەتلەر ئىناقلىقى توغرىسىدا ئاتىكاچىلىق.

مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى چوڭراق ئېيتساق ئىنسانلار ئىتىپاقلىغى كىچىكرەك ئېيتساق خوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتكە ئوخشاش مەزمۇنغا ئىگە. ئۇ ھەرگىزمۇ باشنى قاتۇرغىدەك مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئەمەس.

شۇڭلاشقا مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىمۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت زەنجىرىنى ئاساس قىلىدۇ.

خوشنىلار ئارا مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەنلەر ياكى ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرى بولمىغاندەك بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۇنداق دەرىجە بولمايدۇ. خوشنىلار ئارىسىدىكى مەلۇم بىرەيلەن ئۆزىنى باشقا خوشنىلارنىڭ غەمگۈزارى ياكى قۇتقۇزغۇچىسى سانىۋالسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق.

خوشنىلار ئارا، بىرەيلەن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئويلاپ باقماي، قارشى تەرەپنىڭ كۈلۈمسىرەپ سەمىمى بولىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسا بۇ خوشنىدارچىلىق باشقا چىقمايدۇ.  

مەيلى بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ پۇخراسى بولسىلا ۋە ياكى ئەجدىھانىڭ نەسلىدىن بولسىلا، ۋە ياكى رەسۇل- پەيغەمبەرنىڭ مىللىتىدىن بولسىلامۇ باشقا مىللەتلەرگە تەكەببۇرلۇق كېرەك ئەمەس. پەقەت باراۋەر سالام-سائەتلىرى كېرەك. ھەممەيلەنگە ئورتاق دۇنيادا باراۋەر سېلىنغان قەدىمى كېرەك.  


خوش، ئىتىپاقلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل مۇناسىۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تاتلىق ئارزۇ-تامالاردا بولدۇق. بىراق ؟!.............

توغرا، سىز كالا سۈتى ئىچمەكچىمۇ ؟ ئۇنداقتا تۆت يۈئەن پۇل چىقىرىڭ. سىز گۆش يەپ چىشىڭىزنىڭ خۇمىرىنى باسماقچىمۇ ؟ ئۇنداقتا قىرىق يۈئەن پۇل چىقىرىڭ. قوي گۆشى ئۇنداق يىيىشلىك مۇنداق تەملىك دەپ ماختىغانغا قاسساپ سىزگە يۈز گىرام گۆشنى بىكاغا بەرمەيدۇ.

ئاددى تۇرمۇش مەنتىقىسىدە سىز قانچىلىك نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز چوقۇمكى شۇنچىلىك بەدەل تۆلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، سىزمۇ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىڭ. باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشىنى ئۈمۈت قىلسىڭىز سىزمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ.

دىمەك ئىتىپاقلىققا مۇھتاج ھەر قايسى تەرەپ چوقۇمكى مەردانلىق بىلەن بەدەل تۆلەشنى خالىغاندا بىز ئىزدەۋاتقان ئىتىپاقلىق چوقۇم قولغا كېلىدۇ.

ئىتىپاقلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل، قارىماققا ئۆزىمىز ئۈچۈن بولماي بەلكى قارشى تەرەپ ئۈچۈنلا بولىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ كەلگۈسىدە قارشى تەرەپكىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزگىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. بۇ بەدەلنىڭ نەتىجىسى، كالا سۈتى سېتىۋالغاندەكلا تېز قايتۇرۇلمايدۇ. ئەمما چوقۇم قايتۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىزدىن قارشى تەرەپ ئىزا تارتىدۇ. ئىككى تەرەپ تۆلىگەن بەدەل بىلەن  ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادىمىز خاتىرجەم ئىتىپاق ياشايدۇ. بىزدىن ئەۋلاتلارغا بىر تال تۇخۇم يىيىش ئۈچۈن چوقۇمكى بىر كوي بولسىمۇ پۇل تۆلەش كېرەكلىگى مىراس قالىدۇ.

بىز ئىتىپاق دىگەن مىنۇتتىن باشلاپ ئىتىپاقلىق ئورنىتىلغان بولمايدۇ. ھەر قانداق ئىتىپاقلىق كەلگۈسىگە تەۋە نەتىجە. ھەممىمىز ئىتىپاقلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە باشلىغاندىن كۈندىن تارتىپ بىزنىڭ ئىتىپاقلىق بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز كۈنسېرى يېقىنلاشقا باشلايدۇ.

ئىتىپاقلىق ئىككى چاۋاكنىڭ ئاۋازى، يالغۇز چاۋاكتىن سادا چىقمىغاندەك، تەڭپۇڭ چالمىغان ئىككى چاۋاكمۇ مەڭگۈ ئۈچراشمايدۇ ھەم سادا چىقىرالمايدۇ. شۇڭا ئىتىپاقلىق باراۋەر ئورۇن ۋە شارائىتقىمۇ مۇھتاج.

تەڭپۇڭ ئورۇندا تۇرۇپ قول تۇتۇشقاندا ھەقىقى كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىرەيلەن ئىگىزدە يەنە بىرەيلەن پەستە تۇرۇپ قول تۇتۇشسا، ئۆز-ئارا يۈك بولۇپ قالىدۇ.

بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرى ھېساۋىغا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ھەر مىللەت خەلىقلىرى بىزنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مەلۇم ماددى مەنپەئەت ياكى مەنىۋى شەرەپ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ئورتاقلىق مەخسىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.



13.          مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي تېما.

مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە كەلگۈسىدىكى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن تۆنۈگۈنكى تارىخ چەتنەپ ئۆتكىلى بولمايدىغان تېمىدۇر.

ھەممىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ تارىخ

تارىخنى كىم يازالايدۇ؟

تارىخنى پەقەت ئىلمى تارىخچىلار يازالايدۇ. خۇددى سىماچىئەندەك.

خەن ۋۇدى تارىخچى بولالمايدۇ. ئەگەر جوڭگو تارىخىنى خەن ۋۇدىدەك سىياسىئون يازغان بولسا ئۇ بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن زىدىيەتلىك بايانغا ئايلىنىپ قالاتتى. چۈنكى سىماچىئەن ھەقىقى تارىخنى يېزىش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ. ئەمما خەنۋۇدى ئۆلۈمدىن قورققانلىقى ئۈچۈن تارىخنى بۇرمىلايدۇ. دىمەك بىرى ھەقىقى تارىخنى يېزىش ئۈچۈن ياشىسا يەنە بىرى ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن تارىختىن پايدىلانماقچى بولىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن تارىخىي ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ خاراكتىرى مىليون يىللاردىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ھەر بىر دەۋردىكى سىياسئونلارنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

شۇڭا سىياسىئونلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان تارىختا، تارىخىي شەخىسلەرنىڭ خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بىرى ئەزگۈچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان دەپ يازغاننى  يەنە بىرى بۆلگۈنچى دەپ يازىدۇ. بىرى قانخور جاللات دىگەننى يەنە بىرى مىللى قەھرىمان دەپ يازىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ھەر ئون يىلدا تارىخ دەرسلىكىمۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.

تارىخ چوشقا قوتىنى ئەمەس. قوتاننى بوردايدىغان مال كۆپەيگەنچە ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. ئەمما تارىخنىڭ چېكىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ يىراقتا قالغان ئۆتكەن زامان. ئۆتكەن زاماننى خۇدامۇ ئۆزگەرتمەيدۇ.

مەسىلەن، كولۇمبو چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقان ئەمەس، بەلكى خاتىرجەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغان بىر ماكان ئۇچراپ قالغان. كولۇمبو بىرەر ئېلىمىت ياكى نەزىريەنى تاپمىغان. شۇڭا ئاتالغۇغا دىققەت قىلايلى.

ئەشۇ قانخور كولۇمبونى ئىندىئانلارغا  قەھرىمان ياكى بۈيۈك دىپلومات دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟!

ھېچنىمىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت ئىندىئانلارنىڭ تارىختىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرىنىڭمۇ تۆۋۋە قىلمايدىغان پەسكەش مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

كولومبوغا ئوخشاش سالاھىيەتتىكى ئادەملەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆتكەن. ئۇلار ئىشپىيونلۇق ۋە شۇملۇق بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا كەچۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلغان. شۇڭا تارىخقا نېسبەتەن ماتىريالىزىملىق نۇقتىنەزەر بويىچە مۇئامىلە قىلالىساق تارىخ يازساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇنچىلىك ساپا بولمىغاندا بىزنىڭ يازغانلىرىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوينىمىزغا سىرتماق بولۇپ قالىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ پۈتۈنلەي توغرا يەنە بىرىنىڭ تۈپتىن خاتا ھېساپلانغان بايانلار مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مەجبۇرلاش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ مىللى سىياسەتنىڭ مەزمۇنىغا نۇقتىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى ھەممە ھەركىتى مۇتلەق توغرا بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت بۇنداق سالاھىيەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. شۇنداقلا قانچىلىك قانخور مىللەت بولسىمۇ تارىختىكى بارلىق ھەركىتى خاتا بولمايدۇ. بۇنداق كەمسىتىش ھەرقانداق مىللەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

دىمەك بىز تارىختىكى سەۋەنلىكلەرنى يەكۈنلەش ئورنىغا يەنە ئۇستاتلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرماقچى بولساق دۇنياۋى مىللى مۇناسىۋەتلەر ئۈچۈن سەمىمىلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

تارىخنى  قانداق تەكىتلەش كېرەك ؟!

تارىختا بارچە مىللەت ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئوخشاش ئۇچرىغان. بۇنداق زىيانكەشلىككە مەلۇم مىللەت ياكى مەلۇم ئىرقلا ئۇچرىغان ئەمەس.

شۇڭا بىز رەت قىلىشقا تېگىشلىكىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىكنى، ئاق تەنلىك تاجاۋۇزچىلارنىڭ يەرلىك ئىندىئان مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلتۈرگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى بۈگۈنكى ئاق تەنلىكلەر ئېتىراپ قىلغاندەك، ماۋزېدوڭ كونا جوڭگودىكى مىللى زىدىيەتنىڭ مەنبەسىنى يۇقۇرىدا تەكىتلىگەندەك مەردانە بولىشىمىز كېرەك.

ئازاتلىق دىمەك باراۋەرلىك دىمەك.

بىز موڭغۇللارنىڭ يۇەن سۇلالىسىنى قۇرۇش ھارپىسىدىكى قىرغىنچىلىقىنى خەنزۇلارنى يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى دىيەلمەيمىز. تۈركى ستان گېنىرال گوبىرناتورلىغى بىلەن قوقان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىقلارنى، ئورۇسلارنىڭ تۈركى خەلىقلەرنى ئازاتلىققا ئېرىشتۈرىشى دىسەك خاتالىشىمىز. زوزۇڭتاڭنىڭ يۈرۈشىنى مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئوخشىتالمايمىز. گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ ۋە ياپون سامورايلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى نادان مىللەتلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دىيەلمەيمىز. چۈنكى يۇقۇرقى ۋەقەلەر شوئاردىكىدەك يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن بولماي بەلكى تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىدى. بۇنداق  ئازاتلىق ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئازاتلىق ھىساپلانمايدۇ.

ئەگەر سوۋېت كومىنىستلىرىدەك، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تارىخىنى قاراڭغۇلۇق، پەقەت ئورۇس ھۆكۈمرانلىقىدىكى دەۋرىنىلا يورۇقلۇق ھىساپلىساق تارىخىي ماتىريالىزىملىق كۆز قارىشىغا خىلاپلىق قىلىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا مىللى زىدىيەتلەر ئۈستى-ئۈستىگە ئاقارتىلىپ تۇرىدىغان تامنىڭ كونا چالپىقىدەك قېلىۋېرىدۇ. دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ زور كۈچ سەرپ قىلىنغان مىللى ئىتىپاقلىقنىڭ سوۋېت پارچىلانغاندا ھىچقانچە ئۈنىمى بولمىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئورۇسلىرىنىڭ يەتمىش يىللىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى خىزمىتى نولگە تەڭ بولغان.

بەزىلەر سۆۋېت روسىيىسى غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن پارچىلاندى دەيدۇ. ئۇنداقتا سوۋېت ئامىرىكىنى پارچىلاپ باقسا بولمامدۇ ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئامىرىكىدىكى مىللى مۇناسىۋەت سوۋېتتىكىدىن ئوبدان ھەل قىلىنغان. مىللى كىملىك مەسىلىسىگە قارىغاندا پۇقرالىق سالاھىيەت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا شۈبھىسىز ئېيتىمىزكى، ھېلىقى غەرپلىكنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى مىللى زىدىيەتنىڭ كوچىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى. دىگىنى توغرا.

لېنىن مىللى زىدىيەت توغرىسىدا مىللى زۇلۇم زىياسىتى، ئىستىبداتلىق ۋە خانلىق تۈزۈمنىڭ قالدۇغىدۇر  دىگەن بولسا، ماۋزېدوڭ پارتىيە 7-نۆۋەتلىك مەملىكەت قۇرۇلتىيىدا بەرگەن سىياسى دوكلاتىدا   گومىنداڭنىڭ خەلىققە قارشى گۇرۇھى، جوڭگودا كۆپ مىللەتنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلىپ، خەنزۇلاردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى "نەسىلداش ئۇرۇق" دەپ ئاتىماقتا. ئۇلار پۈتۈنلەي مەنچىڭ ھۆكۈمىتى ۋە شىمالىي مىللىتارىسلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېزىش ۋە ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىشتا قىلمىغىنى قالمىدى. 1943-يىلى ئىكىجاۋ ئايمىغىدىكى موڭغۇل خەلقىغە يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى، ماۋزېدوڭ ئېيتقان ئەكسىيەتچىل سىياسى ئىدىيە تارىختىكى چوڭ مىللەتچىلىك كۆز قارىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ كۆز قاراش يېقىنقى زامان جوڭگو تارىخىدىكى مىللى سىياسەتنى خەنزۇلارغا بېقىندىلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.

بۇنداق دىيىش خەنزۇلار تارىختىن بۇيان سىياسى ھوقوقتا ئىزچىل يۇقۇرى ئورۇندا دىگەندەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرسەتمەيدۇ.

چۈنكى خەنزۇلار قۇرغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۇلالە ۋە دۆلەتلىرىمۇ بولغان. مەسىلەن، ھون،دىخار، سىيانپىلارنىڭ دۆلەتلىرى، شىمالىي ۋېي، شىمالىي چى، جۇ، لىياۋ،جىن قاتارلىق پادىشالىقلار، جوڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن يۇەن، چىڭغا ئوخشاش سۇلالىلەر.

بۇ سۇلالىلەردە ھۆكۈمدار قايسى مىللەتتىن بولسا شۇ مىللەتنىڭ سىياسى ئورنى باشقا مىللەتلەردىن ئوخشاشلا يۇقىرى بولغان. خەنزۇلار بولسا تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاھالە ھىساپلانغان.

يۇقۇرقىدەك بىر دۆلەتتە مەلۇم مىللەتنىڭ سىياسى يېتەكچىلىكى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىۋالسا جەمىيەتتىكى سىياسىنى مەركەز قىلغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ شۇ مىللەتنىڭ مونوپوللىقى شەكىللىنىدۇ.

بۇ خۇددى ئورۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىكى يېتەكچىلىكىدەك، يۇئەن سۇلالىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ئىلگىركى ئا ق شىتاتلىرىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، چىڭ سۇلالىسىدىكى مانجۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ئوسمانىيلاردىكى تۈركلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، گومىنداڭ دەۋرىدىكى خەنزۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدەك، ....

تارىختىكى بۇنداق يېتەكچىلىك، ھوقوقدار مىللەتنىڭ تەرەقىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەقىياتى سۈنئى بوغىدۇ. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى باي-نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىك ئەۋج ئالىدۇ.

مانا بۇ سىنىپىي جەمىيەتتىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولمىغان تەغدىرى.

سوتسىيالىستىك يېڭى جوڭگودا مەلۇم مىللەتنىڭ سىياسى يېتەكچىلىك ئورنى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئومومى مىللەتلەر ھوقوقىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سوتسىيالىستىك ئائىلىدە ھۆكۈمران سىنىپ مەۋجۇت ئەمەس. بارچە مىللەت بۇ ئائىلىنىڭ باراۋەر خوجايىنلىرى.

شۇڭا يېڭى جوڭگودا تارىختىكى ئەكسىيەتچىل مىللى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھوقوقسىز خەلقنىڭ ئورنى تۈپتىن ئۆزگەرتىلگەن. مىللەتلەر ھەمكارلىقى بىلەن مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقوقى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.



14. مىللى قەھرىمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟


ھەر-بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا مەشھۇر ۋەقە ۋە مەشھۇر قەھرىمانلىرى بولىدۇ. شۇ مىللەت تارىخىدا بۇلاردىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىش تولىمۇ قىيىن.

مىللى قەھرىمان بىلەن  دۆلەت قەھرىمانى ئوخشىمايدۇ. ئاتالغۇدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بىر مىللەتنىڭ مىللى قەھرىمانى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. شۇڭا مىللى قەھرىمان دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەت قەھرىمانى بولسا شۇ دۆلەتتىكى بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

تارىخشۇناس جيەن بوزەن، كونكىرت تارىخ بىزگە فېوداللىق جەمىيەتتىكى مىللى قەھرىمانلار ئادەتتە ئۆز مىللى دۆلىتىنى قوغداش ئۇرۇشلىرى داۋامىدىلا بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. دىگەن.

دىمەك تارىختىكى مىللى قەھرىمانلار ئومومى ئىنسانىيەت ياكى نۇرغۇن مىللەتلەر مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورونغا قويىدىغان تار مىللى خاراكتىرگە ئىگە بولىدۇ.

چىڭگىزخان موڭغۇللارنىڭ قەھرىمانى ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ۋە قەدىمقى تۈركى مىللەتلەر ياكى خەنزۇلارنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ. زوزۇڭتاڭمۇ شۇنداق، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانى ھېساپلانمايدۇ. ناپولېئونمۇ شۇنداق، ئۇ نېمىس ياكى ئورۇسلارنىڭ قەھرىمانى بولالمايدۇ.


چۈنكى ئاز ساندىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان كونا تۈزۈلمىدىكى دۆلەتتە مىللى كەمسىتىش ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرى مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋردىكى قەھرىمانلاردىمۇ بۇنداق ئىدىيىلەرنى يوق دىيەلمەيمىز. شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شىمالىي سوڭ دەۋردىكى مىللى قەھرىمان يۇې فېي غەربىي شىمالدا ياشىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن جەڭ قىلىپ دۆلىتىنى قوغدىغان. ئۇنىڭ "مەنجياڭخۇڭ" دىگەن ئەسەردە مۇنداق شېئىرى بار:

ئەزىمەت تاماق ئورنىدا ،
يىدى خۇنىڭ گۆشىنى.
ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئورنىدا،
ئىچتى ھوننىڭ قېنىنى.
دىگەن. بۇنىڭدا يۇې فېينىڭ دۈشمەن ئىچىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىلا نەزەردە تۇتماي بارلىق مىللەتنى نەزەردە تۇتقان ئىرقىي كەمسىتىش ئىدىيىسى مەۋجۇت. نىمىشقا شۇ دەۋردىكى قەھرىمانلار ئىرقىي كەمسىتىش ئىدىيىسىگە ئىگە بولىدۇ ؟

چۈنكى ئېزىش ۋە ئېزىلىش مەۋجۇت بولغان جەمىيەتتە سوتسىيالىستىك دۇنيا قاراش مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇڭا يۇقۇرقىدەك قوشاقلارنى توقۇپ قويىدۇ.

ئەمما دۆلەت قەھرىمانلىرى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ تار مىللى مەنپەئەتپەرەسلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ خۇددى ماۋزېدوڭ، لىنكولىنلارغا ئوخشاش بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولسىمۇ مىللەتلەرنىڭ ھەقىقى ئازاتلىقىدا ۋە باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرالايدۇ. ئۇلاردا ئىرقچىلىق ئىدىيىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بارچە مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇنداقتا تارىختىكى ھەر مىللەتنىڭ مىللى قەھرىمانلىرىغا بۈگۈن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟

بىر مىللەتنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى كەچۈرمىشلىرى شۇ دەۋر شارائىتىدىكى مىللى قەھرىمانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس.

تارىختىكى مىللى قەھرىمانلارنىڭ مەلۇم كۆز-قارىشى ياكى بەزى سەلبى ئىش-ھەركەتلىرى ئۈچۈنلا ئۇلارنى شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدىن سىقىپ چىقرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چىقىرىۋېتىمىز دىسەك بۇ تارىخنىڭ ئېغى بىلەن بېغى باغلاشماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا قاراش، ئۆرۈپ-ئادەت مەۋسۈم-مۇراسىملىرىغا قەدەر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۈزۈلمەس خىزمەتنى ئىشلەشكە ئۇرۇنساقلا ئۇنىڭ كەينىدىن مىللى كەمسىتىش باش كۆتۈرىدۇ.

ئەگەر ھەممىنى قارا-قويۇق ئۇلۇغلىۋەرسەك تارىختىكى مىللى زىدىيەتنىڭ بۈگۈنكى داۋامىغا يول ئېچىلىپ قالىدۇ.

مەسىلەن يۇې فېينى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ غەربى شىمالدا ياشىغان ھونلار بىلەن بولغان كۈرەشلىرى بىزگە ئوخشاش ھونلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغا زىدىيەتلىك بىلىنگەن بىلەن ئەينى دەۋرگە نېسبەتەن يەنىلا ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ۋەتەن ساتقۇچ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈش ئالدىدىكى تىز پۈكمەس مەردانە ئوبرازى بىلەن ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ. يۇې فېينىڭ يۇقۇرقى ئىرقىي كەمسىتىش مەزمۇندىكى قوشىغى ئۈچۈنلا بۈگۈنكى كۈندە ئەيىپلەش ياكى كەمسىتىش پوزىتسىيىسى قوللانساق ئەلۋەتتە بولمايدۇ.  بۇنى ئەينى دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەردانىلىق بىلەن تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك.  

تارىختىكى مىللى زىدىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاش مىللى ئىتىپاقلىق خىزمىتىمىزنىڭ يادروسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تارىختىكى مىللى قەھرىمانلىرىنى بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئائىلىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇلۇغلىشىنى تەلەپ قىلغاندا ۋە ياكى مەلۇم مىللەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى مىللى قەھرىمانلىرىنى كەمسىتكەندە بۇ كونا جوڭگودىكى مىللى كەمسىتىش سىياسىتىدىن پەرقلەنمەي قالىدۇ.

شۇڭا ئاۋامنىڭ مىللى قەھرىمانلىرىغا بولغان ھىسياتىنى شۇ مىللەت دائىرىسىدە قوغداپ، ئۇلارنى دۆلەت ياكى باشقا مىللەتلەرگە قەدەر تەشۋىقات ئېلىپ بارماي، يەرلىك مەدەنىيەت دائىرىسىدە ئىلمى خاتىرلەشكە يول قويۇش كېرەك.

مەسىلەن بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئىدىيىسىدە مىللەتچىلىك ئامىلى كۈچلۈك دىگەن سەۋەپ بىلەن چەتكە قاقساق، خۇددى قاراڭغۇ جەمىيەتتىكى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتى بىلەن پەرقلەنمەي قالىمىز. گومىنداڭ دەۋرىدە مىللى ئويغۇنۇش ۋە باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ ئەزىمەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ جىنايەتچى ھىساپلانسا بىز قانداقمۇ يېڭى جوڭگو قۇرغان بولىمىز.  

شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتىت كونا جوڭگودىكى مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ سېسسىق ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، تارىخقا ئىلمى نۇقتىنەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.

چۈنكى قەھرىمان دىگەن بىرلا مىللەتتىن چىقمايدۇ. ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز تارىخىي كەچۈرمىشىگە مىللى مۇھەببىتى بولىدۇ.

ھەر-بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى مائارىپ مۇۋەپىقىيەتلىرى، ئۆتمۈشتىكى مائارىپ سەركىلىرىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن شەكىللەنگەن. بۇ يولباشچىلارنىڭ كوڭزى ۋە سوقراتقا ئوخشاش قىسمەن خاتا پىكىرلىرى بولىشى مۈمكىن.

ھەر-بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ھاياتلىق توپى تارىختىكى قەھرىمانلىرىنىڭ قان كېچىپ قىلغان كۈرەشلىرى بىلەن ساقلىنىپ قالغان. شۇڭا بۇ مىللەت يوقاپ كەتمەي بۈگۈنگە كېلەلىگەن. دىمەك بۈگۈنكىلەرنىڭ ئۇلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن مەۋسۈم-مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگۈسى كېلىدۇ.

بىز بۇ قەھرىمانلارنىڭ دەۋر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈپ قالغان قىسمەن سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن ئۇلارنى شۇ مىللەت تارىخىدىن ئۆچۈرۋېتىشكە ئۇرۇنساق بولمايدۇ-دە. چۈنكى ناپولېئوننىڭ روھى ھېلىمۇ ياشاۋاتمامدۇ. يوې فېي ھازىرمۇ ئۇلۇغلىنىۋاتمامدۇ !؟

شۇڭا كوڭزىنىڭ، سوقراتنىڭ، يۆې فېينىڭ ۋە ناپولېئونلارنىڭ تارىخىي ئورنىنى ۋە تۆھپىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمىغاندەك باشقا مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرىنىمۇ شۇ مىللەت تارىخىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئۇرۇنىشنىڭ ئۆزى بىراۋنى ئۆز ئاتىسىدىن تاندۇرۇشتىن نىمە پەرقى !؟ بۇنداق ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئەۋلاتلار تەرىپىدىن لەنەتكە ئۇچرايدۇ.

بىر مىللەت تارىخىي شەخىسلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مىللەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھۆكۈم قىلىش، ئەزىمەتلەرگە خاس بولمىغان نامەرتلىك . بۇنداق نامەرتلىك كونا جەمىيەتتە، دۆلەتنىڭ سىياسى ۋە مەنىۋى ھاۋاسىنىڭ مەلۇم مىللەت تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەنلىكىدە كۆرۈلگەن ئەھۋال.

بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەن مىللەتنىڭ تارىخى ۋە قان-ياشلىق كەچۈرمىشى ئىنكار قىلىنىدۇ ۋە يوشۇرۇلىدۇ. ئىنكار قىلىشنىڭ نەتىجىسى كەلگۈسىدە شۇ مىللەتنى مىللەت قاتارىدا كۆرمەسلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئورۇسلارنىڭ كوڭلىنى دەپ ناپولېئوننى تولۇق سەلبى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويالمايمىز. بىز فىرانسۇزلارنىمۇ ئويلاشمىساق بولمايدۇ. كوڭزىنىڭ قىسمەن تەشەببۇسلىرى ئۈچۈنلا ئۇنى مۇتلەق ناچار پەيلاسوپ دەپ ھىساپلاشقا بولمايدۇ. بولمىسا جوڭگودىكى خەنزۇ خەلقىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.

كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسىدە ئېيتىلغاندەك ئاتالمىش ئىلغار مىللەتلەر مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئاتالمىش قالاق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بىر دۇنيا قۇرىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىختىن مەلۇمكى ۋاقىتلىق بولغان بۇ مەنپەئەت دۇنياسى شۇلارنىڭ ئۆز بوينىغا سىرتماق بولۇپ قالغان.

اللە بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى جۈپ ياراتقان، ياڭاقنىمۇ شاكىلىغا ئورىغان. تەنقىدى پوزىتسىيە بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پايدىلىنىش__ كېيىنكىلەرنى شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ماھىيىتى بىلەن يەنى ياڭاقنىڭ مېغىزى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغاندىن، ئۇنىڭغا سەمىمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق. كۈننى ئىتەك بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. بۇ تىرىشچانلىققا سەۋەپ بولغان زېھىن ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاز بىر قىسمى بىلەنلا يېڭىچە مىللى مۇناسىۋەتلەرنى  ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. بەش مىڭ يۈئەنلىك پولات سىم سېتىۋېلىپ بېغىڭنى قورشىغاندىن، ھەر يازدا ئەللىك يۈئەنلىك ئۆرۈك بىلەن خوشناڭنى يوقلاپ تۇر. خوشناڭمۇ شاپتۇل بىلەن سېنى يوقلاپ تۇرىدۇ. دىمەك بۇ سودىدا سەنمۇ پايدا ئالىسەن. ئۈرۈكىڭنى ھېچكىم ئوغۇرلىمايدۇ.



ئۇنداقتا ئومومى مىللەتلەرگە ئورتاق قەھرىمان بولامدۇ ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ.

باراۋەر تۈزۈلمە ئاستىدىلا ئورتاق مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. ئورتاق مەنپەئەت ئورتاق قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

سوتسىيالىستىك ئورتاق يېڭى ئائىلىدە بارلىققا كەلگەن مىللى قەھرىمانلار بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. خۇددى ماۋزېدوڭ، پاۋىل كورچاگىن، ئالىم ساقال ۋە ۋاڭيەنناغا ئوخشاش.

خۇلاسە كالام، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىخىغا مەردانە مۇئامىلە قىلالىغان مىللەت، كەلگۈسىگىمۇ مەردانە يۈزلىنەلەيدۇ.

 

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا

جىگدە قۇدۇق كەنت.

Abdurehim ablathan

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلدى.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈزىتىلدى.
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 891
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە891دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9236 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-25 05:52

ئابدۇرىھىم ئابلەتخان ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنى  كۆرمىگىلى  خېلى  زامان بوپ قاپتىكەن ، ئېنكاسىم بىلەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي  ئوقاي  ..  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...