ئاخشام ئىغىر ياتقۇدا بۇ ماقالىنى ئوقوپتىكەنمەن ، ئويقۇلارنى نەلەرگىدۇر قاچۇرىۋەتتى بۇ ماقالە ، كوپىنچىمىز ھىس قىلغان ئەمما ئىپادىلىيەلمەيدىغان پىشمىغان خام ئويلارنىڭ بۇ ماقالىدە گۇلى گۇلىگە كىلىپ ئىپادىسىنى تىپىشى مىنى شاتلاندۇرغان ئىدى ، ئاخشاملا ئىنكاس قالدۇرۇشنىمۇ ئويلىدىم ، ئەمما تىزلا ئۇچۇرۇلۇپ كىتىدىغان ئىنكاسلار بوپقالماسلىقى ئۇچۇن يەنىلا بۇگۇن سەھەردە ئىنكاسقا تۇتۇش قىلدىم ،
ھەممە كىشىلىرىمىز مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ئەنە بۇ ماقالىدا كورسىتىلگەندەك ئوزلۇك غورورىنى ، مەدىنىيىتىنى قوغدىغان ئاساستا قوغدىغىنىدا ، ئاندىن بىزنىڭمۇ باشقىلار ئالدىدا توختا ماۋۇ دىگەن ئەسلى مۇنداق دىيەلىگەن بولاتتۇق ، ھالبۇكى ھىلىقى مەھمۇد قەشقىرى رەسىمىنى تامدىن ئىلىۋەتسە ، ئۇنى ئىلىپ يىراققا ئىتىپ بەرگەن كىشىلەر مىسالى ئادەملەر كاساپىتىدىن تىللىرىمىز قىسىلىۋاتىدۇ ، ھازىر كوپىنچە خەنزۇلار ئىڭىدا پەقەت چوشقا گوشى بولمىسىلا ھالال يىيىشكە بولىدۇ ، ئۇلاردىن رەنجىيمىزمۇ ؟ ئۇلار نىمە بىلىدۇ ھالال نىمە ھارام نىمە ؟ بىز كىچىك چاغلاردا خەنزۇ خوشنىلار « سىلەر بىزنىڭ ئويدىن بىر ئىستاكان چايمۇ ئىشمەيسىلەر ھە » دىيىشەتتى ، ھالبۇكى بۇگۇنكى كۇنلەردە كوپ ساھەلەردىكى « ئورتاقلىشىش » ئىتىپاقلىقنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالدىمۇ قانداق ، سىز مۇسۇلمانچە ۋىۋىسكا ئىسىلغان «دا جىيۇدىيەن» لەرگە بىرىشنى رەت قىلسىڭىز غەيرى قاراشلارغا ئۇچىرايسىز ، ھەتتا «چوشقا گۇشىنى بۇيرۇتمىدۇق كىرىۋەرگىن» دىيىشىدۇ ، گەپنى يىغساق ھىلىقى بىر ئىستاكان سۇيىنىمۇ ئىشمەيدۇ دىيىلگەن كىشىلەردىن ، چوشقا گوشى يوق يەۋەر دەيدىغان قاراشقا كىلىشىگە تاشقى شارائىتتىن باشقا ئىچكى قىسىمدا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ رەسىمىنى يىراققا ئىتىپ بەرگەنلەردەك «ئالاھىدە» ماسلىشىشچان كىشىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدا ۋە كۇنسىرى ئاينىۋاتقانلىقىدا بولسا كىرەك ، بۇنداق كىشىلەر ئىدىيىسىگە چوڭ مىللەتچىلىك ئارلىشىپ قالغان كىشىلەرگە بەك يارايدۇ ، ئۇلار ئوزلىكىنى ساخلاشقا تىرىشقان ھەر بىر ئادەمگە ئۇچرىسا ئۇلارنى مىسال قىلىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر غورورسىز تەسىرى تۇپەيلىدىن مىڭلىغان تىركىشىۋاتقانلارنىڭ كوڭلى ئازار يەيدۇ ، ۋە بەكرەك ئوز خائىشىم بويىچە ياشايمەن دىسە ، باشقىلارغا خۇددى ئايرىمچىدەك تەسىر بىرىپ قويىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ ، چۇنكى بەزىلەر «ئالاھىدە» ماسلىشىشچانلىقى بىلەن ئىتىپاقلىق ئوقومىغا ئوزگەرتىش كىرگۇزگەن .
قانون قوغدايدىغان مىللى مەدىنىيەتنى ، بىز خوشامەتگوي تەبىئىتىمىز تۇپەيلى قوغدىمايۋاتىمىز . چاغاندا بىرى مىنى تەبرىكلىگەن ، مەن تەبرىكلىمىسەم ھەيران بولدى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ دولەت بەلگىلىگەن قانونلوق دولەتنىڭ چوڭ بايرىمى ئىكەن ، شۇڭا مەنمۇ تەبرىكلىشىم كىرەك ئىكەن ، شۇندا مەن ئۇنىڭغا دىدىم «سىنىڭ داداڭ ئاناڭنى قانون بەلگىلەپ بىرەمدا» ،، خىزمەت تۇپەيلى بۇنداق ئىشلارغا كوپ ئۇچراپ تۇرىمىز ،بىردە يوقىردىن بىر باشلىق كىلىپ بىرگە تاماق يىيىشنى ئورونلاشتۇردى ، مەن ئۇنىمىدىم ، تائاملاردا چوشقا گوشى يوق بىرگە تاماق يەيلى دىگىنىدە ،يىمەيمەن دىسەم ، ئايرىمچى ئىكەنسەن ، دىگەن ئىدى ، ئۇنداقتا يىسەم نىمىچى بولىمەن دىسەم ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ئىلغار ياش بولىسەن دىدى ، مەنمۇ كۇلۇپ تۇرۇپ ، ناۋادا سەن مىنى يەنە شۇنداق زورلىساڭ چوڭ مىللەتچى بولىسەن، مەن ئوزەم خفلىمىغان ئىشتا باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارىمايمەن دىۋىدىم ، بىسىقىپ قالدى ،، ئەلۋەتتە مىنىڭ ھوقوقتىن تامايىم ئۇزۇلگەن شۇڭا باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىدىن كورە ئوزەمنىڭ قانداق ياشىشىم ئەڭ مۇھىم ،، لىكىن كوپلىگەن ئىشىكلەر ئەنە شۇ قولۇپلار بىلەن زەنجىرلەكلىك ، بۇنى ئەنە شۇنداق ئىچىنىشلىق بەدەللەر بىلەنلا ئاچقىلى بولىدۇ ،، سىياسەتنىڭ ھىچ بىر يىرىدىن چۇقۇم بىرگە يىيىش بىرگە ھاراق ئىچىشنى تاپقىلى بولمىسىمۇ ، ئەمما سىياسەت بىلەن ئەمەلىيەت ئارلىقىدا كوپ پەرىق بولغانلىقتىن شۇنداق كورۇنمەس نىزاملار ئوزلىكسىز پەيدا بوپ تۇرىدۇ ،،،
رەھمەت ئابدۇرىھىم ئابلەتخان بۇرادەر ،،،
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
تىما ئىگىسى شۇنچىۋالا گەپنى ئوز لايىقىدا ، يولدىن چىقماي دىيەلىگىنىدە ، بىز ئەلبەتتە نەچچە قۇر ئىنكاسىمىزنى يازغاندا بەزى يەرلەرگە تاقاشتۇرماي يىزىشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن ، مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق بولىشى ئۇچۇن ، گەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلساق ،،،
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-03-29 11:18قايتا تەھرىرلىد ]