ھېكايەت
بۈگۈن دوختۇرخانىدا تۈزۈك كېسەلمۇ يوق ئىدى.دوختۇر سېستىرالارمۇ ئۆز ئىشخانىلىرىدا ئۇنى-بۇنى قىلىپ تۇراتتى.بىر ھازادىن كېيىن
40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەر كىشى بىر ئايالنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.كەينىدىن 60 تىن ھالقىغان بىر مومايمۇ بىللە ئەگىشىپ كەلدى.ئۇ ئايالنى دوختۇر بىر قۇر تەكشۈرىگەندىن كېيىن:‹‹ئىچكى ئەزالاردا قاناش يۈز بېرىپتۇ،دەرھال شەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەك.جىددىي ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدۇ.››دەپ چىقىپ كەتتى.ئۇ ئايال كۆزىنىمۇ ئاچارغا مادارى يوق ئىدى.چىرايىدىن قاتتىق ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.ئۇ ئاستا بارماقلىرىنى مىدىرلاتتى.ھېلىقى موماي بىلەن ئەركىشى
تەڭلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن كەلدى.
-قانداقراق تۇرىسەن؟بەك ئاغرىپ كېتىۋاتامدۇ؟يەنە ئازراق بەرداشلىق بەرگىن-،دېدى يولدىشى تەسەللىي بېرىپ.
-جېنىم قىزىم،ھازىرلا ياخشى بولۇپ قالىسەن-،ئانىسى ئاران مۇشۇ گەپنىلا دىيەلىدى،ئاۋازى بوغۇلۇپ،گەپ قىلالماي قالدى،كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيىلاتتى.بىراق كارىۋاتتكى ئايال بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولاتتى يۇ،بىراق دىيىشكە ئامالسىز قېلىۋاتتى.مىڭ تەسلىكتە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ:
-نا........نا.......نامى.............ناااااامىىىىىىىىىزىىىىىىىىىم-،مۇشۇ گەپنى شۇنچىلىك تەستە دىيەلىدى.
يولدىشى شۇئان ئايالىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى.
-كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،ھازىر كۆڭلۈڭدە نىيەت قىلىپ ئوقىۋالساڭ بولىدۇ،ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ،ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ھەم بىلىپ تۇرىدۇ.ئاللاھ خالىسا نامىزىڭنى قوبۇل قىلىدۇ.خاتىرجەم ئوقىغىن.شۇندىلا ئايالنىڭ يۈزىگە سۇس كۈلكە يۈگۈردى.
ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ:‹‹جېنىم قىزىم،خاتىرجەم بولغىن ئاللاھ كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدۇ،ئاللاھ ئىگەم ئەپۇ قىلار››دەپلا يەنە كۆز يېشىنى
توختىتالمىدى.
ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار.شۇنچىلىك ئەھۋالدا تۇرۇپ،نامازنى خىيالىدىن چىقىرىپ قويمىدى.بىراق بىزچۇ؟بىز نىمە قىلىۋاتىمىز؟
ناماز ئوقۇماسلىققا،ۋاقتىدا ئوقۇماسلىققا قانداق سەۋەب كۆرسىتىۋاتىمىز؟