ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قېرىنداشلار! يېقىندىن بىرى مۇنبەرگە بىر نەرسە يازالمىدىم. نىمىشقا دەمسىلە؟ بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار، بىر كۈنى بىر بۇرادىرىمىزنىڭ ئۈيىگە مىھماندارچىققا باردىم. ۋە شام نامىزىنى ئوقۇپ بۇلۇپ ئولتۇرساق ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دادىسى كىردى. ۋە شام نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىتقادى بەكلا ياخشى ئىدى. ئۇ كىشىگە مىنىڭ ھۆرمىتىم بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ كىشىنىڭ قىرائىتى بەكلا ناچار ئىدى. ئوقۇغان ئايەتلىرىنىڭ تەلەپپۇزى قۇرئاندىكىدىن خېلىلا ئۆزگەرگەن ئىدى. نەتىجىدە مەنا جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر كەپ چىقاتتى. ئايەتلەرنى مەنا بۇزۇلغىدەك دەرىجىدە ئوقۇسا ناماز مەقبۇل بولمايتتى.مەن كىيىن داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئوقۇغان قىرائىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. نەتىجىدە بۇنداق ئەھۋال چوڭلىرىمىزدا خېلىلا ئېغىر ئىكەن. شۇڭا مەن مۇشۇ خاتالىقلارنى ئازراق بولسىمۇ يۇقىتىشقا تىرشاي دەپ <ئەرەپچە ھەرپلەرنىڭ تەجۋېدلىك ئوقۇلۇش قائىدىسى>نى تۈزدۇم. بۇ قائىدىدە ئەرەپچە ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇللىرى سۈرەتلىك تۇنۇشتۇرۇلغان. ئەگەر سىز تەجۋىدىڭىزنى ياخشىلاي دىسىڭىز بۇ قائىدىنى چۈشۈرۋېلىڭ. ئەگەر سىز تەجۋېدىڭىزنى ياخشىلاشنى ياكى تەجۋېد ئۆگۈنۈشنى خالىسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىڭ