ھالسىراپ قالدى ئوتلۇق ئەقىدەم
ئارزۇ-ئىستەكلىرىم قالدى خوراپ،
قەلبىم قالدى ئارزۇلاردىنمۇ ھەم.
كۆڭۈل بېغىمۇ تولدى پىغانغا،
ئازاپلىق ئەلەم قىينار دەممۇ دەم.
بەخىتنىڭ ھىدى كەتتى يىراقلاپ،
تۇرمۇشۇمدا قالمىدى لەززەت تەم.
مەشۇق تېىپىۋاپسەن ئازغۇن بۇلۇپ،
ئىنتىزارلىتقا كۈتەر ئۇ سەنەم.
بالاڭ تۇرىدۇ ساڭا تەلمۈرۈپ،
كۆزلىرى ياش سىنىڭ كۆڭلىدە غەم.
يۈرەك باغرىمنى تىلدى بۇ قىسمەت،
كۆزلىرىمدە ھەسرەتلىك ياش ئەلەم.
ئارزۇ- ئارمانلار قالدى قانسىراپ،
پايخان بوپ يەنچىلدى چىن ئەقىدەم.
ئىخلاس ئۈمۈدۈم ياتار ھالسىراپ،
يىقىلدى ئوتلۇق كۆڭۈل ئابىدەم.
پەرزەنتىلىرىڭ ئەسلىتەر دائىم،
قەلبىمنى گۈمران قىلغان جانانەم.
يۈرۈيمەن گاڭگىراپ پىنھان يەردە،
پۇت-قۇلۇمدا جان يوق قارچۇقۇم نەم.
قەلىب خانەم ئۆلدى ئازاپ چىكىپ،
ھالسىراپ قالدى ئوتلۇق ئەقىدەم.
سىر قىلىپ كۆمدۈم قەلبىم قېتىغا،
قىساسقا ئوراپ مەڭگۈلۈك ھەم.
مەنبە قەلىمىم