باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2248 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىز ئانىلارغا مۇھتاج(تۈن لىرىكىسى)
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 714
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە714دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 00:53

بىز ئانىلارغا مۇھتاج(تۈن لىرىكىسى)

رەسىم:

بىز ئانىلارغا مۇھتاج

نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  قەدىرلىك مۇنبەرداش:


بەلكى سىز، ئۆزىڭىزگىمۇ ناتونۇش بولغان يىراق بىر  يۇرتتا، كەلگۈسى ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولىشىڭىز مۇمكىن،
ياكى ئۆز ئۆيىڭىزدە يەنە شۇ <<بالا غېمى>> ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكىۋاتقان مىھىرىبان ئاتا-ئانا بولىشىڭىز مۇمكىن،
ۋەياكى كۈن بويى ئۆز ئىشىڭىزغا ئۆزىڭىز يىتىشەلمەي يۈرگەن ئالدىراش خىزمەتچى بولىشىڭىز مۇمكىن.
سۆيۈملۈك مۇنبەرداش. سىز بۈيۈك ئارزۇلارنى قەلبىڭىزگە پۈكۈپ، يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭغىنىڭىزدا
مىھىرىبان ئانىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا قەلبىگە پۈكۈپ يۈرگەن بىر گۈزەل ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈچۈن،
گەرچە يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ،نا ئىلاج سىزگە ئاق يول تىلەپ،قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە قېپ قالغان
 بولىشى مۇمكىن.
سىزنى پۈۋلەپ پەپىلەپ قاتارغا قوشۇپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ
<<مەن كۆيەرمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالسىغا>> دەپ سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
بىراق سىز ئەشۇ مىھرىبان ئانىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىڭىز؟
ئەشۇ يىراق يۇرتتا ئانىڭىزنىڭ كۈتكىنىدەك ئۆز ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن ئالدىراش ئۆتىۋاتامسىز ياكى كېچىلىك
كۇلۇبلاردا ئويۇن تاماششا بىلەن ئالدىراشمۇ؟ بۈگۈن كېچە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىڭىزمۇ؟
سىزچۇ ؟ سىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقاندىن كىيىن، ئالدىغا بىرەر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيالىدىڭىزمۇ؟ ياكى
 سىزنى قاتارغا قوشقىنى ئاز كەلگەندەك سىزگە <<بالا باققۇچى>> بولۇپ، كەپسىز نەۋرىسىگە <<ئات>> بولۇپ،
مىشچان كېلىنىگە <<ناۋاي>> بولۇپ يۈرەمدۇ؟ 
قىنى سىزچۇ؟ ياشىنىپ ماغدۇرىدىن كەتكەندە، ھېچ بولمىغاندا ئاستىغا كۆرپە سىلىپ بىردەم بولسىمۇ بېلىنى
تۇتۇپ قويالىدىڭىزمۇ؟ ياكى سىز ئىشتىن كەلگۈچە تامىقىڭىزنى ئېتىپ، يەنە شۇ ئانىلىق مىھىرىبان قەلبى بىلەن
<<بالام! خىزمىتىڭ ئالدىراش،چارچىغانسەن؟>>دەپ قورۇق باسقان قوللىرىدا پۇت-قولىڭىزنى تۇتۇپ قويۋاتامدۇ؟
قەدىرلىك مۇنبەرداش:
سىز <<ئانا>> دېگەن سۆزنىڭ <<ئاپا>> دېگەن سۆزگە قارغاندا، ئىچ-ئىچىڭىزدىن،  يۈرەكنىڭ قات-قېتىدىن 
ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى سىز ئۇنىڭ باغرىدىن چىققان ئەمەسمۇ؟ 
ھازىر بالىڭىز سىزنى ئاپا دەپ چاقىرىدۇ، بىراق بالىڭىزنى بالىسى ئاپا دەپ چاقىرغاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىڭىزغا نىسپەتەن
ئانا بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
مۆھتىرەم مۇنبەرداشلار:
ئەشۇ مىھرىىبان قەلبى ئاتەش ئانىللىرىمىز بىزنى قانچىلىك ئارزۇ ئۈمۈتلەر بىلەن باققان؟ ئەشۇ ئانىلار بىزنى،
ئۇلارنى<<بالا باققۇچى>>،<<كالا ساققۇچى>>،<<نان ياققۇچى>>قىلىۋىلىشىمىز ئۈچۈن باققان بولغىيمىتى؟
ئۇلار بۇ ئالەمگە تۆۋرۈك ئەمەس. ئۇلار كىتىدۇ، بىز قالىمىز. بىزمۇ شۇلارنىڭ كۈننى كۆرۈپ كىتىمىز.
شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاسىرايلى! قەدىرلەيلى! ھۆرمەتلەيلى!





چۈنكى: بىز ئانىلارغا مۇھتاج!



ئاناڭ قالدى ياشىنىپ

ئاناڭ قالدى ياشىنىپ،بەل پۇتلىرى ئېگىلدى،

قۇندۇز چېچى ئاقىرىپ، تارغاق كۆرمەي چىگىلدى.

تونىمايدۇ گاھىدا ئىشىك چەكسەڭ سىنىمۇ،

نۇرى سۇنۇپ كۆزىنىڭ،كىرپىكلىرى تۆكۈلدى.

ئۆزى ئىچمەي ئىسسىق چاي، پۈۋلەپ ساڭا ئىچكۈزدى،

چايناپ ساڭا قاتتىق نان،مارجان چىشى تۆكۈلدى.

سەپەر قىلساڭ يىراققا ئەنسىرەيدۇ ئۇ سەندىن،

تىلەپ ساڭا ئامانلىق جەينامازغا يۆكۈندى.

ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، ساقلار ساڭا ئوشۇقنى،

تىتىرەيدۇ قوللىرى، تۇتالمايدۇ قوشۇقنى.

ئېيتالمايدۇ ئەللەينى بۇرۇنقىدەك يىقىملىق،

شۈمەك سېلىپ زاكىداپ،تەۋرىتەلمەس بۆشۈكنى.

يېتىرقىما،ئەيمەنمە، قورۇق باسقان ئەپتىدىن،

سېنى يۈدۈپ ھاپاشلاپ قالغان مەغرۇر قەددىدىن.

ھېس قىلىدۇ ئۆزىنى، تۆت كۈنلىكى قالغاندەك،

بۈگۈن ئۆتسە شۈكرى دەپ،تەمايى يوق ئەتىدىن.

ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ،باققان سىنى ئويلاپ قوي،

پاقلان سويۇپ، چاي قۇيۇپ، قورسىقىنى توقلاپ قوي.

<<ئاناڭ كۆيەر ساڭىلا،سەن كۆيىسەن بالاڭغا>>.

كۈن بولمىسا ھەپتىدە سوۋغات ئىلىپ يوقلاپ قوي.

پاكىز يۇيۇپ تاراپ قوي،چىگىش كىرگەن چېچىنى،

كۆرپە سىلىپ ئاستىغا، تۇتۇپ قويغىن بېلىنى.

يىيەلمەيدۇ ئېشىنى سىنىڭ گۆدەك چېغىڭدەك،

پۈۋلەپ چايناپ يىگۈزگىن، يىيەلمىگەن ئېشىنى.

ئانا بەرگەن ئاق سۈتكە،بارچە ئىنسان قەرىزدۇر،

ئاقلاش ئۇنىڭ سۈتىنى، مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر.

ئاناڭ ھايات چېغىدا ئالالمىساڭ رازىلىق،

ئۇ ئالەمگە بارغاندا سورىقى بار ئەرىزدۇر.

2010-يىلى 31-ماي دۈشەنبە

ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!

[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-12-03 21:26قايتا تەھرىرلە ]
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 97
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 18:02

ئانا ئۈچۈن تەۋرىگەن قەلىمىڭىزگە ياراتقان ئېگەم قۇۋەت ئاتا قىلسۇن. قەلەن تەۋرەتكەن قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئاتا-ئانىللىرىمىزنى قەدىرلەيلى دوسلار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 97
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 18:57

رەسىم:
ئانىلارنىڭ ئۆمىرىنى بەرسۇن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 97
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-05 01:05

بۇ ناخشا  بەك ماس  كەپتۇ جۇمۇ! قاچانلاردا قوشۇپ قويدىڭىز؟