پەرزەنىت مىھرى
تۇغۇلدى دۇنياغا كۆز ئېچىپ بۇۋاق،
ئەپ كەلدى ئاتا-ئانىغا خۇشاللىق.
ئاتا-ئانىنىڭ يەتتى بېشى كۆككە ،
پەرزەنىت مىھرىدە سۈيۈنۈپ شۇنداق.
يىغلىسا ئەللەيلەپ پەپىلەپ باقتى،
كۆزۈمنىڭ قارچۇقى تاتلىق قۇزام دەپ.
يىمەي يىگۈزۈپ كەيمەي كېيگۈزدى،
ھاياتلىق نىشانىم پەخرىم بالام دەپ.
تۈن كىچە يىغلىسا ئانا ئەللەيدە،
بىرىپ بۇۋاققا ئاپپاق سۈتلىرىنى.
گاھى ئاغرىپ قالسا كىرپىك قاقمايدۇ،
پەرزەنىت ئىشقىدا تىلىنىپ يۈرەكى.
تەتەيلەپ ماڭغاندا ئەگىشىپ بىللە ،
يىقىلغاندا يۈلەپ باغرىغا باسار.
ئانىلىق مىھرى مۇھەببىتى بىلەن،
ئۆرتىنىپ باغرى كۆزىگە ياش ئالار.
ئۇيقىدىن ئويغىنىپ ماڭسا مەكتەپكە،
ئاللاغا تاپشۇردۇم خوش بالام دەيدۇ.
كەلگۈچە تەييارلاپ ئوخشىغان تاماق،
تەلمۈرۈپ يۇلىغا ساقلاپ ئولتۇردۇ.
ئاي ئۆتۈپ يىل ئۆتۈپ قىرانغا تولدى،
نازۇك قىز،قەيسەر باتۇر ئوغلان بولدى.
ھاياتلىق نىشانى ئۈمۈت تىلەك ئۈچۈن،
يىراق شەھەرگە ئۇقۇش ئۈچۈن ماڭدى.
تىلنسا پەرزەنىت ئىشقىداباغرى ،
چىدىدى ھەممىگە پەرزەنتى ئۈچۈن.
ھاياتىنىڭ نىشانى پەخرى بىلدى،
تالاي جاپا تاتسىمۇ بەختى ئۈچۈن.
ئاقلىسا ئۈمۈدىنى پەخىرلەندى،
ئاللادىن ھەركۈنى بەختىنى تىلەپ.
ھەر بىر ئىشتا پەرزەنتىنى ئويلىدى،
دىلىغا ئىنساپ ئىتقات -ئىمان تىلەپ.
بالا دېسە ئايىمىدى جېنىنى،
توي قىلسا ئايرىپ بەردى ئۆيىنى.
كىچە كۈندۈز پەرزەنت ئۈچۈن كۈيۈپ،
ئايىمىدى ئۆلگۈچە بارلىق مىھرىنى.
مەنبە قەلىمىم