مۇكاپاتلىق سوئاللار مەقسەد: مۇنبىرىمىز كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش ۋە تىل بايلىقىمىزنى قوغداشنى ئاساسىي مەقسەد قىلىپ،بۇ مۇكاپاتلىق سوئالنى يوللىدىم. تەلەپ: بۇ جۈملىلەردە <كېسەل>بار،تەجرىبىلىك <دوختۇر>لارنىڭ شۇ كېسەلنى تېپىپ دىئاگنوز قويۇشى ۋە شىپالىق دورىسى بىلەن ساقايتمىقى لازىمدۇر. خاتالىقنى تېپىپ،توغرىسىنى يازغانلار 10 تەڭگە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. _____________________________________ سوئال 1.ئامېرىكىنىڭ پاكىزە ۋە كەڭ ئاسفالىت يولىدا،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ئىككى جۇڭگولۇق قىز <<تاق-تاق>>دەسسىگىنىچە كېتىپ باراتتى. 2.ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا شۇنداق بەلگىلەنگەن:< ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەپنە قىلىشقا بولمايدۇ!> (نېمىشقا شۇنداق بەلگىلەنگەن؟) ____________________________________________________
(
پائالىيەت ۋاقتى توشقاندا،گېنېرال جاۋابىنى مۇشۇ ئورۇنغا يازىدۇ)
ھازىرغا قەدەر 654قېتىم كۆرۈلۈپتۇ،لېكىن جاۋاب قالدۇرغانلار بەك ئاز ئىكەن.بۇ ئىككى سوئال ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس ئىدى،پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەپ باقسىڭىزلا،2-سوئالنى ئەستايىدىل ئوقۇپ باقسىڭىزلا خاتالىقىنى تېپىۋالاتتىڭىز.
جاۋابىنى يېزىۋەتتىم ئەمىسە.
1-سوئالدىكى خاتالىق:ئامېرىكىنىڭ پاكىزە ۋە كەڭ ئاسفالىت يولىدا،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ئىككى جۇڭگولۇق قىز <<تاق-تاق>>دەسسىگىنىچە كېتىپ باراتتى. توغرىسى:جۇڭگولۇق ئىككى قىز دېيىش كېرەك(دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار).بۇ خۇددى<
باھاسى چۈشكەن ئاياللارنىڭ ئايىغى سېتىلىدۇ>دېگەنگە ئوخشاش خاتا گەپ.
2-سوئالدىكى مەسىلە:
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا شۇنداق بەلگىلەنگەن:< ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەپنە قىلىشقا بولمايدۇ!>بەلگىلىمە ئاساسى:ياشاۋاتقان(ھايات)ئادەمنى ئەلۋەتتە دەپنە قىلىشقا بولمايدۇ-دە!
كېيىنكى قېتىملىق سىناققا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشارسىز ئەمدى؟[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-03-28 21:13قايتا تەھرىرلىدى ]