باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2796 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مارادونا بىلەن پىلى نىمىشقا چىقىشالمايدۇ؟
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 167
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
ئۆسۈش: 3191 %
مۇنبەر پۇلى: 4027 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-27 12:40

مارادونا بىلەن پىلى نىمىشقا چىقىشالمايدۇ؟

   


    مارادونانىڭ بالىلىق چاغلىرى دەل بىرازىلىيە پۇتپۇلچىلىقىنىڭ خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان مەزگىلى بولغاچقا،كىچىك مارادونا بىرازىلىيەنىڭ ھوجۇمچىسى پىلىنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى قىلغان،1979-يىلى19 ياشلىق مارادونا ئۇراگۋايدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆزىنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولغان پىلىنى ئۇچرۇتۇپ ناھايىتى خوشال بولغان ھەم پىلىغا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ،پىلىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مارادونانىڭ باشقىلارنى قەستلىگەنلىكىنى رېپىر كۆرۈپ قېلىپ،ئۇنىڭغا قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چېقىرىۋەتكەندە پىلى:<<مارادونا مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئۆتكۈزدى>>دەپ مازاق قىلغان.
   ئەسلىدە پىلىمۇ بالىلىق چاغلىرىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە باشقىلارنى قەستلىگەندە ،دادىسى كۆرۈپ قېلىپ پىلىنى قاتتىق تەنقىتلەپ قالماي،يەنە ئۇرغان ئىكەن.
1986-يىلدىكى 13-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەندە،پىلى گىتار چېلىپ،ناخشا ئېيتىپ مارادونانى تەبرىكلىگەچكە،گىتتار ئىككىسىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالغان.
  پىلى ئۆزىنىڭ پۇتپولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن،تەدرىجى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويۇپ 1995-يىلى بىرازىلىيەنىڭ تەنتەربىيە مىنىستېرى بولغان،مارادونا ئەزەلدىن تەنتەربىيە بىلەن سىياسىينى ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولغاچقا،پىلىنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە پىلىنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت ئۇرۇغى چېچىلغان.
   خەلقئارا پۇتپولچىلار بىرلەشمىسى 2000-يىلى پۈتكۈل يەر شارىدىكى پۇتپول مەستانىلىرىغا توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق<<20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتپولچى>>نى باھالاش پائالىيىتى ئىلىپ بارغاندا ،مارادونانىڭ ئېرىشكەن بېلىتى پىلىنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان.<<ئەخلاقسىزلىق>>قىلمىشى شۇنچە كۆپ بولغان مارادونانىڭ 1-بولۇشى خەلقئارا پۇتپولچىلار بىرلەشمىسىدىكى بىر قىسىم باشلىقلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغاچقا،خەلقئارا پۇتپولچىلار بىرلەشمىسى ئاخىرى مارادوناغا توردا باھالاپ چىقىلغان<<20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتپولچى >>دىگەن نامنى،پىلىغا خەلقئارا پۇتپولچىلار بىرلەشمىسى باھالاپ چىققان<<20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتپولچى>>دىگەن شەرەپنى بەرگەن ۋە2000-يىلى  13-دېكابىردا مۇكاپات تارقېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن،مۇراسىمدا مارادونا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىپ بولۇپلا،خوتۇن بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ پىلىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشماي كېتىپ قېلىپ،پىلىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن.