ياشلار ئۇسمۇرلەرگە ل،مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەرلىك رۇھىنى سىڭدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى ۋە ئۇسمۇرلىرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئىنقىلابىي غايە ئىستىقبال تەربىيىسى يۇرگۇزۇشتىكى غايەت زۇر رولىنى ئەڭ دەسلەپ بايقىغان ئەينى يىللاردىكى ئاۋانگارىت ياشلار ل،مۇتەللىپ قۇربان بۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللقنى خاتىرلەش ئۇچۇن 1946-يىلى 21-سىنتەبىر غۇلجا شەھرىدە ئۇتكۇزۇلگەن زۇر يىغىندا ل،مۇتەللىپنى دائىم ياد ئىتىشى ۋە ئۇنۇڭدىن ئۇگۇنۇش پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان :‹شەھرىمىزدىكى ئىستىراھەت بىغى بۇندىن كىيىن شائىرمىز ل مۇتەللىپ نامىدا يۇرگۇزۇلسە.ئازادلىق ئىنقىلابىمىزدا شىھىت بۇلغانلار ئۇچۇن ‹8-سىنتەبىر ›خاتىرە كۇنى قىلىپ بەلگىلەنسە ،شائىر ل مۇتەللىپنىڭ رەسىمى يۇغان قىلىپ ياسىلىپ ئۇمۇمى خەلقىمىزگە كورستىلسە ،ئازادلىق ئىنقىلابىمىزدا شىھىت بۇلغان بارلىق جەڭچىلىرمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن شەھرمىزدە بىر خاتىرە مۇنارى ئۇرنىتىلسا ›دىگەن تەكلىپلەرنى بەرگەندى ،50-يىللارغا كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما ئارىسىدا ‹ل ،مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى ››قۇرۇش سادالىرى رەسمىي كوتۇرۇلدى ھەم بەزى شەخسىلەر مەبلەغ چىقىرىپ خاتىرە ساراي قۇرماقچىمۇ بۇلدى ،بىراق ئۇ سادالار شۇ يىللاردا باشلانغان ‹ئۇڭچىللىققا ،يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ››سىياسى ھەركەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن پارتىلىغان ‹مەدىنىيەت زۇر ئىنقىلاۋى ››داۋامىدا ئۇزاققىچە كوملېپ قالدى ،‹مەدىنىيەت زۇر ئىنقىلابى ›ئاخرلىشىپ جەمىيەت ئۇز ئىزىغا چۇشكەن ھەم مەدىنىيەت زۇر ئىنقىلابى ›دا سادىر بۇلغان خاتا،ناھەق ،ئۇۋال قىلىنغان دىلولار تۇزۇتىلىپ ،ل، مۇتەللىپ سىياسى جەھەتتىن ئاقلانغاندىن كىيىن 1980-يىلى غۇلجا شەھەرلىك كومىنىستىك ياشلار ئىتپاقى ئۇيۇشتۇرغان ‹لوتپوللا مۇتەللىپتىن ئۇگۇنۇپ كۇمىنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتنى چۇڭقۇر قانات يايدرۇرۇشقا چاقىرىق قىلېشى يىغىنى دا يىغىنغا قاتناشقان ھەر مىللەت ياشلىرى ئۇسمۇرلىرى ۋە پىشقەدەملەر ۋەكىللىرى :غۇلجا شەھرىدە ل مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى قۇرۇش ،ل مۇتەللىپنىڭ ھەيكىلى ياسىلىپ شەھەر مەركىزىگە ئۇرنىتىلسا ،غۇلجا شەھرى خەلىق باغچىسىنىڭ ‹ل، مۇتەللىپ نامىدىكى باغچا ›دىگەن نامى ئەسلگە كەلتۇرۇلسە ،دىگەن تەكلىپلەر ئۇتۇرغا قۇيۇلدى
1979-يىلدىن باشلاپ مەملىكەت بۇيىچە ۋاقىتلىق ‹ئىنقىلابىي كومتىتىت ›لار ئەمەلدىن قالدۇرلوپ ،ھەر دەرجىلىك خەلىق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۇكۇمەتلەر ئەسلىگە كەلتۇرۇلدى ،شۇندىن كىيىن ل ،مۇتەللىپنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى پارتىيە ھۇكۇمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە پىلانلىق قەرەللىك ئۇتكۇزلىدىغان بۇلدى شۇنداقلا ‹ل ،مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى ›قۇرۇش خەلىق ۋەكىللىرى كوڭول بۇلىدىغان مۇھىم ئىشلار قاتاردىىن ئۇرۇن ئىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئاقسۇ شەھەرلىك خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا بىر قىسىم خەلىق ۋەكىللىرى ئاقسۇدا ل مۇتەلىپ خاتىرە سارىيىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى .1997-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۇنىدىن 30-كۇنگىچە ئۇرۇمچىدە ئۇتكۇزۇلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلوق 8-نۇۋەتلىك خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 5-يىغىندا قۇرۇلتاي ۋەكىللىردىن شىرىپ ئىمىن،ئەمەت باقى ،ئابلىزى يۇسۇپ،بارات ساۋۇت،ياسىنجان ئۇمەر ،تۇردى تۇنياز،تۇراخۇن ئىبراھىم ئابلىز داۋۇت ،مۇقيىت مەڭلىك ،قادىر قايتۇۋ،خەلچەم دۇلەت ،تۇختىخان تۇختى ،خەمىت قاسىم ،مۇھەممەت مەمەت،نىياز ئەلى ،سالاھىدىن ،ئابدۇسلام ،ئۇسمانجان،پولات ئۇمەر ،نۇر دۇلەت قاتارلىق 20ۋەكىل بىرلىشىپ يازغان ‹ل مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى ›قۇرۇش تۇغرىسىدىكى تەكىلىپ يىغىنغا سۇنۇلدى ،يىغىن بۇ تەكلىپكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ،ئۇ تەكلىپنى ئاۋال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلوق مەدىنىيەت نازارتىنىڭ بىجىرشىگە ،كىيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلوق خەلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بىجىرىشىگە يۇللاپ بەردى..
‹ل، مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى ›قۇرۇش ئۇبىكتىپ جەھەتتە خاتىرە ساريىنىڭ كولىمى ،ئۇرنى،شەكلى ،خاتىرە سارىيىغا قۇيۇلدىغان تارىخى ماددى بۇيۇملارنىڭ تەقلىنىش ئەھۋالى ،ئۇنىڭغا سەپلىنىدىغان خادىملار ،سىلىندىغان مەبلەغ ،،قاتارلىق خىل مۇ خىل ئامىللارغا چىتىلىدىغان بۇلغاچقا بۇلارنى بىرەر شەخسىنىڭ ياكى بىرەر ئۇرگاننىڭ قىزغىنلىقىغا تايىنىپ دەرھال ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ،يەرلىك ھۇكۇمەتلەرمۇ ئۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىشى ،شەرىت –شارائىت ھازىرلاش ئۇچۇن يەنىلا ‹ۋاقىت كىرەك›،،،،‹ل مۇتەللىپ خاتىرە سارىيى ›قۇرۇش ھەققىدىكى سادالار كەلگۇسىدە شىنجاڭنىڭ ئىقىتىسادىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ،شۇنداقلا ؟ل مۇتەللەپ خاتىرە سارىيى ›قۇرۇش شەرىت –شارائىتلىرنىڭ پىشىپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ رىئاللىققا ئايلانغۇسى.
تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ .ل ،مۇتەللىپ دىگەن كىتاۋىدىن