<<ئوڭچى>>لارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دەسلىپىدە ھەر قايسى ئورۇنلار بەس-بەستە سايراپ،پارتىيە ئەزالىرىغا كەڭ كۆلەمدە پىكىر بىرىشكە باشلىدى.ئەينى چاغدا سىچۈەننىڭ داشەن ناھىيەسى(كېيىن سىچۈەن ئۆلكىسى داچۇ شەھىرىنىڭ تۇڭچۈەن رايۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن)دىكى باش ۋە ئاياغ -كىيىم ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە كوپىراتىنىڭ ئىشچىسى رەن xx ناھىيە بازىرى بولغان گۈەنجىن بازىرىدىكى بىر رەھبېرىگە پىكىر بەردى ھەمدە باشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ،بۇ رەھبەرنى مەسخىرە قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىم سىزدۇردى.بۇنىڭ بىلەن رەنxx گە <<ئوڭچى>>قالپىقى كىيدۈرىلدى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئازاپقا چىدىيالماي كۆۋرۈكتىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى.ئۇ سىزدۇرغان بايىقى ھەجۋىي رەسىم ئەسلىدە 12ياشلىق جاڭ كېجىن سىزغان ئىكەن.
گەرچە ئۇ تېخى 12 ياشقا كىرگەن بالا بولسىمۇ،لىكىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك <<ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلغان>>دىن كىيىن،ئۇنىڭغا <<ئوڭچى ئۆسمۈر ئۇنسۇر>>قالپىقى كىيدۈرۈشنى قارار قىلدى.
جاڭ كېجىن <<ئوڭچى ئۆسمۈر ئۇنسۇر>>قالپىقىنى 1958-يىلىدىن تاكى1979-يىلىغىچە كىيدى.جاڭ كېجىننىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك ئۇختۇرۇشىنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئۇ ئىلگىرى ئۇقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەكىلىپ بەرگەن،ھەمدە نامى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ،تەشكىل ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.
جاڭ كېجىن جوڭگو ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ ياش <<ئوڭچى>>بولۇپ تارىختىن ئورۇن ئالغان.
مەنبە:ئاق چاچلىق بوۋاينىڭ مىكرو بىلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى