باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1245 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەتراپىمىزدا شۇنداق ياخشى مۇسۇلمانلارمۇ بار....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 10:23

ئەتراپىمىزدا شۇنداق ياخشى مۇسۇلمانلارمۇ بار....

ئەتراپىمىزدا شۇنداق ياخشى مۇسۇلمانلارمۇ بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار ، ئسلام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى ، مەيلى ناماز ئوقۇسۇن ئوقۇمىسۇن مۇتلەق كوپ قىسىم ئويغۇرنىڭ تۇرمىشىنىڭ بىر قىسمىدا ئىسلام ئوز ئىپادىسىنى تىپىپ تۇرىدۇ ، بەزىلەردە كۇچلۇك بولسا بەزىلەردە ئاجىز بولىدۇ ، ئاللاھ شۇنداق ھاياتىنى ئىسالامغا تەدبىقلاپ ياشاشقا تىرىشىۋاتقانلارنى رەھمەت قىلسۇن ، ۋە باشقا بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ھەم ئىنساپ ئىمانىنى بەرسۇن توغرا يولدا قىلسۇن ،،،  

سوزىمىزگە كەلسەك نەزەر سالساق ئەتراپىمىزدا ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تىتىپ ياشاۋاتقان نۇرغۇن دوستلىرىمىز بار ، بۇ تىمىدا مەن بىر دوستۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئىسلامنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسىنى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بولسا تورداشلارنىڭمۇ ئىنكاس سۇپىتىدە يوللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ،، لىكىن شەرت چۇقۇم راست بولىشى كىرەك
     بىز بىر نەچچە بۇرادەر دەريا ياقىسىغا ئوينىغىلى بارغان ئىدوق ،، ئۇ يەردە كاۋاپ پۇشۇرۇپ يەپ ، سۇغا چۇشۇپ شۇنداق كوڭوللۇك ئوينىدوق ، قايتاشىمىزدا بىز چوڭ چوڭ ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر يەرگە دوۋىلەپ قويدۇق ، لىكىن بىر دوستىمىز خواسىڭ شۇپىگىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىنى بىز يىغمىغان سۇلىياۋ خالتىلارنى ، ئاشقان ئوتۇن كومۇرنى تەرگىلى تۇردى ، راستىنى ئىيتسام ئىچىم سىقىلدى ، لىكىن چاندۇرمىدىم ، مەنمۇ تەڭ ئەخلەتنى تىرىشىپ بەردىم ، بالىلار غۇدۇڭشىدى ، < چوڭ چوڭلىرىنى يىغىپ قويغاندىكىن بولمىدىمۇ ، نىمانچە قىپ كىتىدۇ ئەمدى >دىيىشگىلى تۇردى ، ئەخلەتنى تىرىپ پاكپاكىزە قىلىپ بولدۇق ،ئەخلەت بىر خالتا بوپ كەتكەن ئىدى، مەن خىيالىمدا ھەر ھالدا يىغىپ قويدۇق ،ئەمدى بولا دىگىنىمدە ،ئۇ ئۇنىمىدى، ئۇ ئەخلەتنى ماشىنىغا سىلىپ شەھەرگە بىرىپ ئەخلەت توڭىغا تاشلايلى دەپ تۇرىۋالدى ، شۇ ئارىدا بىر بۇرادىرىمىز، تىرىپ قويغاندىكىن بولمىدىمۇ ، سەن تاشلىمىغانغا مۇھىت ئاسرىلىپ قالامتى ئۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ قالدى ، شۇندا ئۇ دوستۇم < توغرا مەن تازلىغانغا مۇھىت ياخشىلىنىپ قىلىشى ناتايىن ، ئەمما مۇشۇ ئەخلەتنى ئىلىۋىتىشقا كۇچىمىز يەتكەن ئىكەن بۇنى ئىلىۋىتىشىمىز كىرەك ، ئاللاھ بىزگە ھەممە نەرسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردى ، جۇملىدىن بۇ تەبىئەتنى ھەم بىزنىڭ باشقورىشىمىزدا قىلىپ بەردى مۇشۇ تەبىئەتمۇ ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا بەرگەن نىممىتىنىڭ بىر قىسمى ، بۇ نىممەتلەر بىزگىلا مەنسۇپ ئەمەس مۇشۇ يۇرتتىكى ھەممە كىشىگە مەنسۇپ ، ئوزىمىز ئويناپ بۇلۇپلا مەينەت ھالىتىدىلا تاشلىۋەتسەك ، بىزدىن كىيىن كەلگەنلەر ھەم بىزدەك ئەخلەت تاشلىسا ئوزۇنغا قالماي بۇ يەرلەرمۇ كەلگۇسىز بولىدۇ ، ھەدىستە بارغۇ يولدىن تىكەننى ئىلىۋاتقان كىشىگىمۇ ئەجىر بار، بۇمۇ ئىماننىڭ جۇملىسىدىن ، يولدا كىشىلەر ماڭىسا ، بۇيەرلەردە كىشىلەر ئارام ئالىدۇ، ھەدىس روھى بىزدىن كىشىلەر مەنپەئەتىگە زىيانلىق نەرسە بولسا ئىلىۋىتشنى تەلەب قىلىدۇ ئەمەسمۇ>دىدى ،،  
ھىچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق ، شۇنىڭ بىلەن ئەخلەتنى ماشىنغا سىلىپ ئىلىپ ماڭدۇق. 
 
ئويلاپ قالدىم ،
رىۋايەت قىلىنىشىچە ئبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتا كويدۇرىمىز دىيىشكەندە دىنسىزلار بىر قۇشقاچ ئالدىراپ ئوچۇپ كىتىپ بارسا قاغا سوراپتۇ:
نەگە ماڭدىڭ قۇشقاچ ؟
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتا كويدۇرمەكچى ئىكەن شۇ ئوتنى ئوچەرگىلى ماڭدىم ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ قۇشقاچ،
ۋاي جىنىڭغا بىقىپ ئىش قىلساڭچۇ ، سەن بىر تامچە سۇنى ئاران كوتىرىسەن ، شۇ بىر تامچە سۇيۇڭ بىلەن نىمە قىلالايسەن ؟ دەپتو قاغا.
راس دەيسەن مەن بۇ بىر تامچە سۇ بىلەن ئوتنى ئوچۇرەلمەسلىگىم مۇمكىن ، لىكىن مىنىڭ كۇچۇم شۇنىڭغا يەتكەن ئىكەن ، شۇ بىر تامچە سۇنى ئاپىرىپ ئوت ئۇستىگە تاشلاش مىنىڭ بۇرچۇم ،،   ھەم مەن مۇشۇ ھەركىتىم ئارقىلىق ئوزۇمنىڭ شۇ ئوتقا قارشى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايمەن ، دەپتۇ .
تۇرمۇشتا نورغۇن ئىشلاردا مەن قىلغانغا جاھان ئوزگۇرەمتى دەپ قالاپ ئولتارماي ، مۇشۇ قۇشقاچچىلىك روھ بىلەن ياشىغىنىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار ئوڭلىنىپ كىتەر ئىدى ،، مانا شۇندىن بىرى نەگە بارايلى مۇھىتنى ئاسراشقا رىئايە قىلىشقا تىرىشىدىغان بولدۇق ،، مانا مۇشۇ ئىشلارمۇ شۇ   دوستۇمنىڭ تەسىرى ئەلبەتتە ،،،   توۋا بۇ دوستۇم تىخى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنداق ئەمەس ئىدى ،، ئۇنىڭدا مۇھىت دىگەن ئاڭ تاپقىلى بولمايتى ،،، يوللاردا بىز بىلەن تەڭ بىر نەرسە يىسە شوپەكلىرىنى تاشلاپ ماڭاتتى..
ئەمما ئۇ ئىسلامنى چۇشەنگىنىدىن باشلاپ ئوزگەردى ، ئىلگىرى ئون ئىغىز گەپ قىلسا بىر ئىغىز ئەپسانى، سەت   گەپ قوشىۋالمىسا كوڭلى ئونىمايدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن ھازىر يىللاپ ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى ، ئىسلام ئۇنى مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا يىڭى ھاياتقا باشلىغان ئىدى ، يوقاردا سوزلىگەن موھىت كوز قارشىنى ئۇ 16يىل ئوقوغان مەكتىبى سىڭدۇرەلمىگەن ئىدى ، ئەمما ئىسلامنى قاچان چۇشەندى ، ئۇنىڭدا ئىختىيارسىز نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوزگۇرۇش بولدى،، ھەممىدىن مىنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ بىلەن دەريا بويىدا ئەخلەتنى نىمە قىلىمىز تىرىپ ، سەن بىر ئادەم مۇھىتنى ياخشىلىيالامتىڭ دەپ گەپ تالاشقان دوستۇم ئوزى تىخى مۇھىت ئاسراش كەسپىدە ئوقۇش پۇتتەرگەن ئىدى ،، مەكتەب مەخسۇس كەسىپ قىلىپ 4يىل ئوگۇتۇپ مۇھىت ئاسراش ئىڭى يىتىلدۇرەلمىگەن بىلەن ئىسلام دوسلىرىمىزنىڭ قەلبىگە شۇ ئاڭنى ئورناتقان ئىدى ، ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام قولىمىزدىكى گوھەر بىز بىلگۇنىمىزدە ،،، ئاللاھ ھەمىمىزگە ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك نىممەتنى بىلىشلىككە  نەسىب قىلسۇن ، قەلىبلەرىمىزنى ئىسلام روھى بىلەن سۇغارسۇن ،،،
12تاغ مۇنبىرى
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-24 10:32قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-30

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~~
ھەقىقەتەنمۇ  شۇنداق،ئارىمىزدا ھەر  خىل كىشىلەر  بار،بەزىسىنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم،بەزىسىنىڭ ئاجىزراق.
بىز ئۇيغۇرلاردا يامان بولىدۇ دېگەن بىر جۈملە سۆز ئىدىيىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ھەم تۇرمۇشىمىزدىكى رولىمۇ خېلى بار.
مەسىلەن:بىر  جايغا بۇ يەرگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماڭ،مانچە پۇل جەرىمانە قويىلىدۇ دىسە،ئۈنۈم بېرىشى بەك تۆۋەن،
بىر كۆرمىگەندىكىن  دەپ تاشلايدىغانلار كۆپ،بىراق يامان بولىدۇ،ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن دېگەن خەتنى يېزىپ  قويۇپ باقسۇن،
ھەممە ئۇيغۇر ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى تاتىدۇ،گەرچە ئادەم كۆرمىسىمۇ تاشلىمايدۇ.دېمەك شۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ئازراق بولسىمۇ ئىمان بار.ئاللاھتىن ئازراق بولسىمۇ قوقىدۇ.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-01-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 16:13

بۇ ئەسەر ھەجەب تۇنۇشتەكلا قىلىدىغۇ ،،، بۇنى بۇرۇن بۇ مۇنبەردە بىرسى يوللىغان ئىدى ،،،  ھەمىمىز ئوزىمىزدىن باشلايلى ،،
ئەتراپىمىزغا قارىساق ئاشۇنداق ياخشى ئادەملەر بار ،، ھەممە ئادەم ئەسكى بوپ كەتكىنى يوق ،،،،
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 21:59

ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام.ياخشى تىما يۇللاپسىز.