باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7357 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇنبەر دېگەن!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 22:18

مۇنبەر دېگەن!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24)
    

مۇنبەر دېگەن!
ئۆمەر

مۇنبەر دېگەن مەۋھۇم بىر دۇنيا،
نېقاب تارتقان تانسا مەيدانى؛
دىلخەستلەرگە دىلكەش ئۇ گويا،
تاپالايسەن سىرداش ھەمرانى!

بۇندا تولا شائىر، ئەدىبلەر،
قەلەم بىلەن ئاتلانغان جەڭگە.
قەلەم ھەققى، موكاپاتىغا
مۇنبەرلەردىن تارقىتار تەڭگە.

بۇ تەڭگە ھەم مەۋھۇم تەڭگىدۇر،
مىڭ تەڭگىگە كەلمەيدۇ بىر نان.
مۇنبەرلەرگە خۇمار بەڭگىدۇرـ
مەيلى كونا يا يېڭى مېھمان!

مۇنبەرنىڭمۇ بولغىنى ياخشى،
ئۇ ئەمەسمۇ تېمى يوق مەكتەب.
ئەزانىڭمۇ تولغىنى ياخشى،
خېرىدارسىز قالغاندىن ئەسنەپ!

باشقۇرغۇچى ــ جاپاكەش ئىنسان،
ھەق، سىتاژسىز بىكارلىق كادىر.
لايىق ئەمەس ئاڭا دۆت، نادان،
مەلۇم ساپا قىلمىسا ھازىر!

ۋالاقلىما چاچرىتىپ كۆپۈك،
بولمىساڭلا تولمىغان چېلەك؛
ئىنكاس قوپال، قاپاقلار تۈرۈك،
شۇنچە كېبرى قىلماق نە كېرەك؟

ئەزا ئۈچۈن ئىللىق ھەم سىلىق -
بولماق كېرەك، چىقارماي پۇتاق؛
سەن گويا سۇ، ئەزالار بېلىق -
بوپ ئۆز-ئارا ئۆتەيلى ئېناق!...
  
مۇنبەر دېگەن دەۋەت سورۇنى،
ئېمان-ئىسلام بىزنىڭ غايىمىز!
قورققانغا كۆرۈنىدۇ قوش،
خەتەرلىكتۇر ھەتتا سايىمىز!...
  
توشقانچىلىك يۈرەككە ئېگەـ
ئەمەس توۋا، لېكىن گاھىمىز.
قورققانغا ئۆلمىسەك ئىدۇق،
پەقەت قەبرە بارار جايىمىز!...



مەنبە: ئۆزۈم
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-24 00:22

مۇنبەر دىگەن ئاجايىپ ئىكەن
تالاش -تارتىشى بەزىدە كۇلكە
ئۇقۇشماستىن ئۇزئارا دۇسلار
بەزى چىمەن ،بەزىدە چۇلكە،،،،